تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى ھەمدە مەملىكەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى

​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى ھەمدە مەملىكەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

​ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 24 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ھەمدە خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش دوكلاتلىرىنى كۆرۈپ چىققاندا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەلىپى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى، شەرقىي، غەربىي رايونلارنىڭ پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قاتارلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي نىزام چىقىرىش، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشقا يېتەكلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىككى يىغىن روھىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 24 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ھەمدە خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش دوكلاتلىرىنى كۆرۈپ چىققاندا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەلىپى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كەڭ ياش كادىرلارنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، غايە - ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىگە قويۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك؛ ئىسلاھات تەلىپىنى ئىگىلەپ، ئۇسۇل ۋە يولنى ئۆزلەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوغداش ۋە قوزغىتىش، پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي پەن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، ھازىرقى دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇم تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تاكتىكىسىدا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، سەزگۈر بولۇشىنى ساقلاپ، دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، ئۈنۈملۈك تاكتىكا ۋە تەدبىرلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، ئاچقۇچلۇق ھالقا ۋە كىشىلەر زىچ توپلاشقان سورۇنلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پورتلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، «بىر تاياقتا ھەيدەش» «قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش»تىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ قانۇنچىللىشىش، دائىملىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مەركەزنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىملەش، ئوبوروت، ئىستېمالنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ پەن - تېخنىكا خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، سىياسەت، يىرىك پىلاننى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ پەن تەتقىقاتىغا مەدەت بېرىشنى ۋە مەبلەغ سېلىنمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان ئاساسىي تۈزۈمنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2022 - يىللىق مەمۇرىي نىزام چىقىرىش پىلانى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى مۇھاكىمە قىلىندى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن چىقىرىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش، مۇقىملىقنى قوغداش، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، تۈر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، سېلىنما ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، شىنجاڭچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.