تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

زۇڭلى لى كېچياڭ مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىن باياناتچىسى جاڭ يېسۈينىڭ تەكلىپى بىلەن مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىن باياناتچىسى جاڭ يېسۈينىڭ تەكلىپى بىلەن مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مۇخبىرلار يىغىنى باشلانغاندا، لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: مۇخبىر دوستلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنى مەزگىلىدە خەۋەر قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىمەن. يۇقۇم مۇناسىۋىتى بىلەن، بىز داۋاملىق سىنلىق ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق مۇخبىرلار يىغىنى ئاچىمىز. مەن مۇخبىر دوستلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى خالايمەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: جۇڭگو ئىقتىسادى تەدرىجىي ھالدا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل، ئادىل ھەمدە يېشىل ئېشىشقا قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، بىز بۇلتۇر جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىش، يۇقىرى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ يىل جۇڭگو ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ئىقتىسادشۇناس يۈكسەك ئىرادىگە ئىگە دەپ قارىغان %5.5لىك ئېشىش سۈرئىتى نىشانىنى بېكىتتى، بۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى داۋاملىق يامراۋاتقان ھەمدە ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا توغرا كەلگەن ئەھۋالدا تۈزۈپ چىقىلغان نىشان. مەن شۇنى سوراپ باقسام، بۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل ئېشىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ - قانداق؟ ئېشىشنى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ھەمدە كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنىڭ ئالدىغا قويامدۇ - قانداق؟ جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات نىشانىنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ؟ ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا، جۇڭگو بۇ كىرىزىسكە تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ مۇھىم ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى قانداق ئورۇندا تۇرىدۇ؟ جۇڭگو نۆۋەتتىكى كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش سەۋەبىدىن ياۋروپا بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن، ھەتتا جۇڭگونىڭ ئۆز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تەسىر يېتىشىدىن ئەندىشە قىلامدۇ - يوق؟

لى كېچياڭ: سىز جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى تىلغا ئالدىڭىز، بۇلتۇر بىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىمىز 110 تىرىليون يۈەندىن ئارتۇق خەلق پۇلىغا يەتتى، داۋاملىق ئېشىشنى يۇقىرى تۈپ سان ئاساسىدىكى ئېشىش دېيىشكە بولىدۇ. دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، مۇشۇنداق چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتىكى ئېشىشنى ساقلىشى ئەسلىدىنلا ناھايىتى زور قىيىن مەسىلە. بايا سىز بىزنىڭ بۇ يىل بېكىتكەن %5.5 ئەتراپىدىكى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىشانىمىزنى يۈكسەك ئىرادە ئۇرغۇپ تۇرغان نىشان دەپ تىلغا ئالدىڭىز. مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇلتۇر دەل مۇشۇ مۇخبىرلار يىغىنىدا بىر مۇخبىر مەندىن سىلەر %6تىن يۇقىرى بولىدۇ دەپ بېكىتتىڭلار، بۇ نىشان تۆۋەنمۇ - قانداق؟ دەپ سورىغانىدى، بىز ھېس قىلالمىدۇق ئەمەس، چۈنكى ئالدىنقى يىلىدىكى تۈپ سان تۆۋەن بولۇپ، بۇلتۇر تامامەن %8، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولغان ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئىدى، بىراق بىز يەنىلا %6تىن يۇقىرى ئاشۇرۇشنى بېكىتتۇق، «يۇقىرى» دېگەنلىكىمىز ئېھتىماللىق قالدۇرغىنىمىز بولۇپ، بۇنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىزدۇر. لېكىن بىزنىڭ ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىمىزنىڭ ئۆلچىمى %6 بويىچە بېكىتىلگەن بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا مالىيە، پۇل، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئۆلچەمنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق بىز قىزىل رەقەم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتۇق، ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتى مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىدى، بۇمۇ بۇ يىلقى يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا ئالدىن سىياسەت بوشلۇقى قالدۇردى.

2020 - يىلنى ئەسلەپ ئۆتسەك، بىز ئاشۇنداق كەسكىن ۋەزىيەتتە، «باستۇرۇپ سۇغىرىش»تىن ئىبارەت پۇلنى زىيادە تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانمىدۇق، بۇلتۇردىن تارتىپ تاكى بۇ يىل 2 - ئايغىچە، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە پۇل پاخاللىقى ئۆرلەپ تۆۋەنلىمىگەن ئەھۋالدا، بىزنىڭ ئاھالە ئىستېمال باھايىمىز، يەنى CPIنىڭ ئېشىش ھەجىمى %1كە يەتمىدى، بۇنى بىز يولغا قويغان مۇۋاپىق ماكرو سىياسەت بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بايا مەن ئېيتقاندەك، بىز ماكرو سىياسەتنى تۈزۈشتە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىمىز، باشقا دۆلەتلەرگە باھا بېرىش ئويىمىز يوق.

بۇلتۇر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، بىز پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپلا قالماي، بەلكى بۇ يىل ئۈچۈنمۇ پۇختا ئاساس سالدۇق. بۇ يىل ئىقتىسادتا ھەقىقەتەن يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمىغا ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدۇق، ھەرخىل مۇرەككەپ مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىنى تىلغا ئالمىغان تەقدىردىمۇ، ئېنىقسىز ئامىللار كۆپەيدى، ئۇ بولسىمۇ بىز ئەسلىي ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان %5.5لىك نىشان، ئۇنىڭ ئېشىش مىقدارى مۇنداقچە ئېيتقاندا جۇڭگونىڭ 100 تىرىليون يۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرىGDPسىنىڭ %5.5لىك ئېشىش مىقدارى دېگەنلىك، بۇ دەل بىر ئوتتۇراھال دەرىجىلىك دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىغا باراۋەر كېلىدۇ. ئون يىل ئىلگىرى بىزنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىمىز يەنىلا 50 نەچچە تىرىليون يۈەن بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى %10 ئىدى، ئېشىش مىقدارى ئالتە - يەتتە تىرىليون يۈەن بولسىلا بولاتتى، ھالبۇكى بۇ يىل GDPنىڭ ئېشىش مىقدارى نامدا 9 تىرىليون يۈەن بولۇشى كېرەك. بۇ خۇددى تاغقا چىققانغا ئوخشايدۇ، ئەگەر سىز 1000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغنىڭ %10ىگە چىقماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا 100 مېتىرغا چىقسىڭىزلا بولىدۇ؛ ئەگەر سىز 3000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغنىڭ %5ىگە چىقماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا 150 مېتىرغا چىقسىڭىزلا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شارائىتىمۇ ئۆزگىرىدۇ، قانچە يۇقىرىغا ئۆرلىگەنسېرى ھاۋا بېسىمى شۇنچە تۆۋەنلەپ، ئوكسىگېن شۇنچە ئازىيىدۇ، قارىماققا سۈرئەت ئاستىلىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە سالمىقى تېخىمۇ ئېغىرلايدۇ.

5.5% ئەتراپىدىكى ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۇقىرى سەۋىيەدىكى مۇقىم بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ماھىيەتتە ئىلگىرىلىگەنلىك بولىدۇ، بۇ ئوڭاي ئەمەس، جەزمەن ماس ماكرو سىياسەت تىرەك بولۇشى شەرت. مالىيە سىياسىتىنى مىسالغا ئالساق، بۇ يىل بىز قىزىل رەقەم نىسبىتىنى %2.8كە تۆۋەنلەتتۇق، قىزىل رەقەم بۇلتۇرقىدىن 200 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك ئازايدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز مالىيە چىقىم سالمىقىنى زورايتتۇق. ئۇنداقتا سىلەر: پۇل قەيەردىن كېلىدۇ؟ دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن، مەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئېيتقانىدىم، بۇ ئىككى يىلدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان، تېخى ئىشلەتمىگەن، مەركەز ئالاھىدە بېكىتكەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مەخسۇس تىجارەت قىلىدىغان ئاپپاراتلارنىڭ قالدۇق پايدىسىغا مالىيە خامچوتىدىكى مۇقىم تەڭشەلگەن فوند قوشۇلغاندا، يېڭىدىن كۆپەيگەن چىقىم كۆلىمى 2 تىرىليون يۈەندىن ئاز بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپەيگەن كۆلەمنى ئاساسلىقى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، بولۇپمۇ باج قايتۇرۇشقا ئىشلەتتۇق، بۇ تاغقا چىققۇچىلارغا ئوكسىگېن بەرگەنگە باراۋەر. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ يەنە يانداش پۇل مۇئامىلە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك تەدبىرلىرىمىز بار.

بىز بۇ يىل قوللانغان تەدبىرلەر قىسقا مۇددەتلىك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە مەۋقەنى ھازىرغا قويدۇق، ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلىدۇق، كەلگۈسى ئۈچۈن ئالدىن چىقىم قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشى كېرەك. خۇددى مۇخبىر دوستلارنىڭ تىلغا ئالغىنىدەك، جۇڭگو يەنە كىلىمات ئۆزگىرىشى، كىرىم پەرقى، قەرز قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزدىن ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك جەرياندا، جۈملىدىن بۇ يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئالاقىدار جەھەتلەردىكى تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىنى بىز ئورۇنلاشتۇردۇق، ئورۇنلاشتۇرما قىلدۇق. جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشى يەنىلا بىر ئۇزاق مەزگىللىك جەريان، بىزنىڭ بۇ جەرياندا تەرەققىيات ئۇسۇلى ئارقىلىق تەرەققىيات جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

سىز بايا ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالدىڭىز. ھازىر ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا، جۇڭگو تەرەپمۇ بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ ۋە قاتتىق ئېچىنىۋاتىدۇ، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ پەسىيىشىنى، بالدۇرراق تىنچلىققا قايتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيەسى سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ كەلدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئەزەلدىن 3 - تەرەپكە قاراتمىدى. بىز ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھى بويىچە، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق بىلەن تەمىنلەيمىز.

رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قوزغىغاندىن بۇيان 2 مىليون مۇساپىرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نەچچە يۈز پۇقرا ئۆلۈپ كەتتى، كىشىلەر يادرو ۋەزىيىتىنىڭمۇ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا، لېكىن جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل رۇسىيەنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلىمىدى ياكى ئۇنى «تاجاۋۇز قىلىش» دەپ ئاتىمىدى، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ رۇسىيەنى ئەيىبلىمەمدۇ؟ رۇسىيە جازاغا دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا، جۇڭگو تەرەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رۇسىيەنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەپ، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللامدۇ - يوق؟ بۇنداق قىلغاندا باشقا دۆلەتلەرنىڭ جازالىشىنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلامدۇ - يوق؟

لى كېچياڭ: مەن بايا ئېيتتىم، جۇڭگو ئەزەلدىن مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيەسى سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ كەلدى. ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا، جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ ھۆرمەتكە ئېرىشىشىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىشىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇۋاپىق بولغان بىخەتەرلىككە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭمۇ ئېتىبارغا ئېرىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئۆز ھۆكۈمىنى چىقىرىدۇ ھەم خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تىنچلىققا قايتىش ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

ھازىرقى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ھەقىقەتەن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئىككى تەرەپنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى، سۆھبەتتىن تىنچلىق نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى قوللايمىز، كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايمىز ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىمىز. ھازىرقى جىددىي ئىش جىددىي ۋەزىيەتنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى، ھەتتا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويۇشىدىن ساقلىنىش بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر بۇنىڭغا قارىتا ئورتاق تونۇشقا ئىگە.

جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، كەڭ كۆلەملىك ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى يۈزبېرىشتىن ساقلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىگە قارىتا تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم داۋاملىق تۈردە ئۇكرائىنا تەرەپنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ھازىر دۇنيا ئىقتىسادى يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچراش قاتارلىق تەسىر سەۋەبىدىن ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالدى، ئالاقىدار جازالاش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە زەربە بولىدۇ، بۇ ھەرقايسى تەرەپلەرگىمۇ پايدىسىز. جۇڭگو تەرەپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىجابىي تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

ئامېرىكا ئىستېمالچىلار خەۋەرلىرى ۋە سودا قانىلى مۇخبىرى: دۆلەت پۇل مۇئامىلە ۋە تەرەققىيات تەجرىبىخانىسىنىڭ ئالاقىدار تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ كىچىك كارخانىلارغا بولغان ياردىمى ئەڭ زور بولىدىكەن، باجنى كېمەيتىش 2 - ئورۇندا تۇرىدىكەن. سىز بىزنى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ تەسىرى توغرىسىدىكى كونكرېت سانلىق مەلۇماتلاردىن ھەمبەھرىلەندۈرسىڭىز بولامدۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىلىغاچقا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيەسى سەل - پەل ئازايدى، بۇ جەھەتتە قانداق ئويلاشتىڭىز؟ يەنە ئىستېمالغا چېتىلىدىغان تەرەپلەرمۇ بار، ھۆكۈمەت ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش دېگەنگە ئوخشاش سىياسەت - تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى ئويلىشامدۇ؟

لى كېچياڭ: يەكۈننىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تىرىكى بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ بۇ بىرنەچچە يىلدىكى ئەمەلىيىتىمىزدىن قارىغاندا، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ بىۋاسىتە بولدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇلتۇر شەرقىي قىسىم رايونلارغا بېرىپ ئون نەچچە كارخانىچى بىلەن سۆھبەتلەشكىنىمدە، ئۇلار كارخانىنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى قىيىنچىلىقلار ئۈستىدە توختىلىپ، دۆلەتنىڭ يەنە بىر قىسىم ماكرولۇق قوللاش سىياسەتلىرىنى چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى. مەن ئەينى ۋاقىتتا مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت زاپىسى بار، لېكىن مەركەزلىك ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، دېگەنىدىم. ئۈچ خىل تاللاش بار، لېكىن پەقەت تاللاش سوئالىنى ئىشلىشىمىزگە، يەنى ئۈچنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىرىنچى، كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سېلىش، بەلكىم سىلەر زاكاز تالونىغا ئېرىشەلىشىڭلار مۇمكىن. ئىككىنچى، ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش، بەلكىم ئىستېمالنى بىۋاسىتە قوزغىتىشى مۇمكىن. ئۈچىنچى، كارخانىلاردا باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئۇلار بىردەم سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن، بىز ئۈچىنچى تۈرنى تاللايمىز، دەپ تەڭلا جاۋاب بەردى. چۈنكى بۇ ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئادىل، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. بۇ يىل مەن تاپشۇرۇۋالغان ئالاقىدار دوكلاتتىن قارىغاندا، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھۆكۈمەتنىڭ ماكرولۇق سىياسىتىدىن كۈتىدىغان بىرىنچى ئارزۇ قىلىنغان. قارىغاندا، ئوغۇتلاشتا يەنىلا يىلتىزىغىچە ئوغۇتلاش كېرەك ئىكەن، يىلتىز توم بولغاندىلا، شاخ - يوپۇرماقلار بۈك - باراقسان ئۆسەلەيدۇ.

مەن ماتېرىياللاردىن يەنە بەزىلەرنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا بىرنەچچە يىل بولدى، چەك ئېففېكتى تەدرىجىي ئازىيىپ كەتكەنمىدۇ، دەپ ئەندىشە قىلغانلىقىنى كۆردۈم، دېمەك رولى ئىلگىرىكىدەك ئۇنداق چوڭ بولمايۋېتىپتۇ. بۇ قېتىم بىز يولغا قويغان كەڭ كۆلەملىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش باج قايتۇرۇش بىلەن باجنى كېمەيتىشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش بولۇپ، كۆلىمى 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. 2020 - يىلى ئىقتىساد ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغاندا، بىزنىڭمۇ مۇشۇنچىلىك چوڭ سىياسەت كۆلىمىمىز بار ئىدى، ئەڭ ئاخىرى بەرداشلىق بەردۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بۇ قېتىم قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، باج قايتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدۇق. باج قايتۇرۇش دېگىنىمىز، قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ باج تۈزۈمى لايىھەسى بويىچە، بازار سۇبيېكتلىرىغا قارىتا ئالدىن تاپشۇرۇپ، كېيىن قايتۇرۇلىدىغان باج سوممىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىز مۇددەتتىن بۇرۇن باج قايتۇرۇش چارىسىنى قوللاندۇق، يەنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج سوممىسىنى بىر قېتىمدىلا كارخانىلارغا قايتۇرۇپ بەردۇق، كۆلىمى 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. ئەگەر ئۈنۈمى ياخشى بولسا، بىز يەنە سالماقنى زورايتىمىز.

بىز باج قايتۇرۇشتا ئالدى بىلەن كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى ئويلىشىمىز، چۈنكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ سانى كۆپ، كۆلىمى كەڭ بولۇپ، تىرەك بولۇۋاتقان ئىشقا ئورۇنلاشقان نوپۇس كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئۇلارنىڭ مەبلىغى ئەڭ جىددىي، ئەڭ قىيىن بولۇۋاتقان ۋاقىت، شۇڭا بىز بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان ساقلانما باج سوممىسىنى بىر قېتىمدىلا قايتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياسىمىچىلىق، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق بىر قىسىم نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج سوممىسىنى مۇشۇ يىل ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئاشقان مىقدارىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ باج قايتۇرۇشنى ئايمۇئاي ھەل قىلىمىز. مەن سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولغان بىر كارخانىچى ماڭا باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق باشقا تەدبىرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، باج قايتۇرۇش ئۈنۈمىنىڭ ئەڭ تېز، ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تۈرگە قاتىراشتا نۇرغۇن ئەگرى - توقايلىق بولۇشى مۇمكىن، باج قايتۇرۇش كارخانىلارغا بىۋاسىتە نەق پۇل تارقىتىپ بەرگەنگە، نەق پۇل ئوبوروتىنى كۆپەيتكەنگە باراۋەر بولۇپ، شىپالىق يامغۇرغا ئوخشايدۇ. قارىغاندا، كۆپ سۆزلىگەندىن كۆرە، ئەمەلىي ئىش قىلغان ياخشى ئىكەن، بۇ ھالقىلىق تەدبىرنى چوقۇم جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتە ئېلىش ئەمىلى قوللىنىلىدۇ، لېكىن ماھىيەتتە قوشۇش ئەمىلىمۇ قوللىنىلىدۇ، چۈنكى بۈگۈن قايتۇرۇلسا، ئەتە كۆپىيىدۇ، بۈگۈن ئازايسا، ئەتە قوشۇلۇشى مۇمكىن. بۇلتۇر باج تاپشۇرغۇچى بازار سۇبيېكتلىرى تاپشۇرغان يېڭىدىن كۆپەيگەن پۇل بىز شۇ يىلى كېمەيتكەن باج پۇلىدىن ئاشتى، بۇ ھېساباتلارنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. 2013 - يىلى بىز قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، باجنى كېمەيتىشنى يۆنىلىش قىلىپ، جەمئىي 8 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن كېمەيتتۇق، شۇ چاغدا بىزنىڭ مالىيە كىرىمىمىز تەخمىنەن 11 تىرىليون يۈەن ئىدى، بۇلتۇر 20 تىرىليون يۈەننى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشتى. چۈنكى كارخانىلار بۇ جەرياندا نەپكە ئېرىشتى، ئۈنۈمى ئاشتى. سۇ چوڭقۇر بولسا بېلىقلار يىغىلىدۇ، سۇ كۆپ بولسا بېلىق كۆپ بولىدۇ، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، بۇ، باج مەنبەسىنى ساقلاپ قالغانلىق بولۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ زورايتتى.

بايا سىز ئېيتقان يەرلىك مالىيە كىرىمى يېڭى قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، دېگەنگە بىز دىققەت قىلدۇق. شۇڭا بۇ يىل مەركەزنىڭ يەرلىككە يۆتكەپ چىقىم قىلىشىنىڭ ئېشىش نىسبىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاز ئۇچرايدۇ، %18 ئېشىپ، ئومۇمىي كۆلىمى 9 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يەتتى. باجنى قايتۇرۇشتا ئاساسلىقى مەركەز مالىيەسى پۇل چىقىرىدۇ، ئەلۋەتتە يەرلىك ھۆكۈمەتمۇ «پۇل چىقىرىدۇ». بىز باج قايتۇرغان پۇل بىۋاسىتە كارخانىلارغا يەتكۈزۈلىدۇ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئويلىشىپ، بىزنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يۆتكەپ چىقىم قىلغان ياردەم پۇل مەبلىغىمىز بىۋاسىتە شەھەر - ناھىيەدىن تۆۋەن ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈلىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەت «تۆمۈر خوراز» بولۇشى كېرەك، خەجلەشكە تېگىشلىك بولمىغان پۇلنىڭ بىر پۇڭىنىمۇ خەجلەشكە بولمايدۇ، بازار سۇبيېكتلىرىغا بېرىشكە تېگىشلىك پۇلنىڭ بىر پۇڭىنىمۇ كەم قىلىشقا بولمايدۇ، بىر پۇڭ كۆپ بولسا تۈس قوشقانلىق بولىدۇ.

فېڭخۇاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرى: بۇلتۇردىن بۇيان، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سايلام كومىتېتىنىڭ سايلىمى ھەم 7 - نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ سايلىمىنى ئۆتكۈزدى، بۇ يىل يەنە ئالتىنچى قارار باش مەمۇر سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ. بىر تەرەپتىن يېڭى سايلام تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، يەنە بىر تەرەپتىن ھازىر شياڭگاڭدا يۇقۇم ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش ئالامىتى كۆرۈلمىدى، كۆپچىلىك بۇ مەيدان سايلامغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلمەكتە. زۇڭلىدىن سوراپ باقسام، بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟

لى كېچياڭ: ھازىر، شياڭگاڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋەزىيىتى كەسكىن بولماقتا، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە ئالتىنچى قارار باش مەمۇر سايلىمىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلىپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ، بىز بۇنى تولۇق چۈشىنىمىز ۋە قوللايمىز. مەركىزىي ھۆكۈمەت ھەركۈنى شياڭگاڭنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۆڭلىگە چوڭقۇر پۈكۈپ كەلدى. ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك، مەركىزىي ھۆكۈمەت شياڭگاڭنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ.

بىز «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشى نېگىزلىك قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئاساسلانغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، داۋاملىق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، سودا ۋە ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەركەز بولۇشتەك ئورنىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مۇخبىرى: ھازىر، بىز بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ كۆزلىمىسىنىڭ تۇراقسىز بولۇشى، قىسمەن ساھەلەردە ئىش ئورنىنىڭ ئىخچاملانغانلىقى، يەنە بەزى كارخانىلارنىڭ خادىم قىسقارتقانلىقىنى كۆردۇق. يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئېھتىياجلىق نوپۇس ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ. زۇڭلىدىن سوراپ باقسام، بۇ يىل بىز قانداق تەدبىر قوللىنىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز؟

لى كېچياڭ: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، يەنە تەرەققىيات مەسىلىسى. ئىشقا ئورۇنلاشقاندىلا كىرىم بولىدۇ، تۇرمۇش ئۈمىدكە تولىدۇ، شۇنداقلا جەمئىيەتكە بايلىق ياراتقىلى بولىدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇلتۇر كارخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، بىر كارخانا مەسئۇلىنىڭ ماڭا ئېيتىشىچە، 8 - ئايغا كەلگەندە، نۇرغۇن ئىشچى - خىزمەتچى ئۇنىڭدىن مائاشنى ئالدىنئالا ئېلىۋالىدىكەن، نېمە ئۈچۈن؟ 9 - ئايدا بالىلار ئوقۇش پۇلى تاپشۇرىدۇ. باھار بايرىمىدىن بۇرۇن مەن غەربىي شىمالدىكى يېزىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، بىر دېھقاننىڭ ماڭا ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بىر بالىسى داشۆدە ئوقۇيدىكەن، بىر يىلدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدىكەن، يەنە بىر بالىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن، بىر يىلدا 8000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدىكەن، بىرنەچچە مو يەرنى تېرىشقا تايىنىپلا قالسا بولمايدىكەن، چوقۇم ئىشلەپ كىرىم قىلىش كېرەك ئىكەن. مەن ھەقىقەتەن خەلق ئاممىمىزدىن تەسىرلەندىم. ئۇلار تىرىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ، ئىشلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئائىلىلەرنىڭ ھازىرقى تىرىكچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىكلا ئەمەس، ئۇلار يەنە كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىدۇ.

بۇ يىل بىز ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇش سالمىقىنى زورايتىپ، مالىيە، پۇل سىياسىتىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرىمىز، شۇڭا بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنىڭمۇ ماكرولۇق سىياسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمىز، باشقا سىياسەتلەرنى يانداشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز. بىز ھازىر ھەر يىلى شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلار 11 مىليون كىشىدىن كۆپرەك بولۇشى كېرەك، 13 مىليون كىشىدىن كۆپرەك بولسا ئەڭ ياخشى. مېنىڭچە، بىرقەدەر تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، بەزى كىشىلەر ئېيتقان جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يوشۇرۇن ئېشىش نىسبىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىر ئەمەلىي مىسال بار، 2020 - يىلى يۇقۇمنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغاندا، بىز ئىقتىسادنىڭ ئېشىش كۆرسەتكۈچىنى بېكىتمىدۇق، لېكىن بىز بىر ئېنىق كۆرسەتكۈچ بېكىتتۇق، يەنى شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن 9 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولدۇق، نەتىجىدە شەھەر - بازارلاردا 11 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئېشىش سۈرئىتىنى %2.2كە يەتكۈزۈپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە بىردىنبىر مۇسبەت ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

بۇ يىل شەھەر - بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئېھتىياجلىق يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچى تەخمىنەن 16 مىليون كىشىگە يەتتى، بۇ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سان بولدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر 10 مىليون 760 مىڭ بولۇپ، بىرقانچە يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سان بولدى. يەنە 300 مىليونغا يېقىن دېھقان ئىشچىنىڭ ئىشلەش پۇرسىتى بولۇشى كېرەك، يەنە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەنە بەزى كارخانىلار مەۋجۇدلۇق گىردابىدا تۇرۇۋاتقاچقا، بەزى كىشىلەرنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. شەھەر - بازارلاردا ئەمگەك كۈچلىرى يېڭىدىن كۆپىيىۋاتىدۇ، شۇڭا يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش سۇپىسى بولۇشى كېرەك. يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە قارىتا، بىز ئۇلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە قوللاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، بۇ يىللاردا بىز ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈردۇق. بىز ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ پاراسەتلىك ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى، ئەقىل - پاراسىتى جارى قىلدۇرۇلسا، ئىشقا ئورۇنلىشىش چوڭ سەھنىسىنىڭ تېخىمۇ رەڭدارلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

بۇ يەردە يەنە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ، چۈنكى بۇ جەھەتتە 200 مىليوندىن ئارتۇق كىشى بار بولۇپ، شەكلى كۆپ خىل، قاپلاش دائىرىسى كەڭ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ خىل ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلى بىرقەدەر ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار بوران - چاپقۇندا ھەقىقەتەن جاپا تارتتى، نۇرغۇن جايلار ئۇلارنى قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. ئۇلارنىڭ ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتى، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق مەسىلىلىرىگە قارىتا، ھۆكۈمەت سىياسەتلەرنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ «چەۋەندازلار»غا «بىخەتەرلىك تاسمىسى» تاقاپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالەتلىرىنى ھەم كۆز ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش، ھەم بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى قوزغاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

ئىسپانىيە EFE ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: يۇقۇم يۈزبەرگىنىگە ئىككى يىل بولدى، ئۆتكەن ئىككى يىلدا، جۇڭگو ئاساسىي جەھەتتىن «تاقاش» ھالىتىدە تۇردى. جۇڭگو تەرەپ ھازىر نۆۋەتتىكى «ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسىتىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىشنى ئويلاشتىمۇ - يوق؟ دۇنياغا «ئېچىۋېتىش» يول خەرىتىسى بارمۇ - يوق؟

لى كېچياڭ: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، تارقىلىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولدى، ۋىرۇس ئىزچىل ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بەزى قانۇنىيەتلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، مۇناسىپ بولغان ۋاكسىنا ئارقىلىق قوغداش، ئۈنۈملۈك دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىقلارنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ھازىر يەنىلا ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا كۆپرەك چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ ۋە سىغدۇرۇشچان بولۇپ، تىرىشىپ دۇنيانىڭ نورمال ھالەتكە قايتىشى ئۈچۈن بىرلىكتە شارائىت يارىتىشى كېرەك.

جۇڭگو ئىزچىل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلقئارا ئالاقە، ھەمكارلىققا پائال تۈرتكە بولدى، بىز يۇقۇم ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ۋىرۇسنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تېخىمۇ ئىلمىي، دەل جايىدا قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىمىز، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، مەن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى، كارخانىچىلار بىلەن نۇرغۇن قېتىم سۆزلەشتىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى زۆرۈر بولغان سودا ئىشلىرى ئالاقىسىگە كاپالەتلىك قىلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. بىز «تېز، قولاي يول» ۋە «يېشىل يول» ئېچىپ، بىر قىسىم ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى كارخانا ۋە تۈرلەرگە قارىتا، ئۇلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. بىز ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلاپ، يۈزبېرىش ئېھتىمالى بار بولغان ئۆزگىرىشلەرگە ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى، كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى تەدرىجىي تەرتىپلىك راۋانلاشتۇرىمىز.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىدا سەل - پەل ياخشىلىنىش بولغان، بازار سۇبيېكتلىرى زور دەرىجىدە ئاشقان، كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشىمۇ كۆپ قولايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن تۈرلۈك كاشىلا يەنىلا ئاز ئەمەس. سوراپ باقسام، ھازىرقى ئەھۋالدا، ھۆكۈمەت تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاش جەھەتتە يەنە قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؟

لى كېچياڭ: يېقىنقى ئون يىلدا، گوۋۇيۈەن ھەر يىلى بىر قېتىم مەملىكەت خاراكتېرلىك «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. مەنمۇ شۇنىڭغا دىققەت قىلدىم، بۇ يىل باشلىنىشى بىلەن نۇرغۇن جايلار تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش باش تېمىسىنى چۆرىدەپ يىغىن ئاچتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تۇپرىقىنى ياخشىلايدۇ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئۇلارنى ئوغۇتلىغانلىق، سۇغارغانلىق بولۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش تېخىمۇ كۆپ بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز خەلقنىڭ ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدىغانلا بولساق، ھەممەيلەن ئىقتىسادنىڭ جانلىق ۋەزىيىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. بىراق ھۆكۈمەت چوقۇم پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى چۆرىدەپ ئايلىنىشىغا يول قويماي، بەلكى ئىسلاھات ئارقىلىق، بازار سۇبيېكتلىرىنى ئۈزلۈكسىز ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشى، ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

مەنپەئەتكە تېگىش روھقا تېگىشتىنمۇ تەس. لېكىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ قىممىتى ئىزچىللىقتا، بۇ يىللاردا بىز بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، 1000دىن ئارتۇق مەمۇرىي ئىجازەتنى تۆۋەنگە چۈشۈردۇق ياكى ئەمەلدىن قالدۇردۇق، مەمۇرىي ئىجازەتتىن باشقىلىرىنى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندۈردۇق. ئىلگىرى كارخانا قۇرۇش ئۈچۈن تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشقا نەچچە ئون كۈن، كۆپ بولغاندا يۈز نەچچە كۈن كېتەتتى، ھازىر پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت كۈن، ئەڭ ئاز بولغاندا بىر كۈن كېتىدۇ. ھازىر تەخمىنەن %90 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى توردا بېجىرىلىدۇ، ئالىقاندا بېجىرىلىدۇ، باشقا جايدا بېجىرىلىدۇ، كۆرۈشمەي بېجىرىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ، مەنپەئەت توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىق، ئەنئەنىۋى تەپەككۇردىن ھالقىغانلىق. كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان تەدبىرلەرنى بىز داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز.

بۇ يىللاردا، تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى ئارقىلىق، دۆلىتىمىزدىكى بازار سۇبيېكتلىرى 150 مىليونغا يېتىپ، ئون يىل ئىلگىرىكىدىن تەخمىنەن 100 مىليون كۆپەيدى، بۇلار ئاساسلىقى پۇقراۋى بازار سۇبيېكتى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەككە سودا - سانائەتچىلەر 100 مىليونغا يەتتى. يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ بىر ئۇچى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تىرىكچىلىكىگە، يەنە بىر ئۇچى ئاممىنىڭ ئىستېمالىغا تۇتىشىدۇ. مەن سىياسىي كېڭەشتە مۇزاكىرىگە قاتناشقاندا، ئاشۇ كارخانىچىلار: ئەگەر كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەر «ئىنچىكە تومۇر»نى تۇتاشتۇرمىغان بولسا، چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلار، ھەتتا دۆلەت كارخانىلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ھەرىكەتكە كېلەلمىگەن بولاتتى، دېدى.

كۆپچىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ياخشى جايلارغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭلار، ئۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىسلاھات سالمىقى زور، تىجارەت - سودا مۇھىتى ياخشى، بازار سۇبيېكتلىرى كۆپ، شۇڭا ئىقتىساد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان. ئەلۋەتتە، مەن «بېرىش» «باشقۇرۇش»نى تەڭ ئېلىپ بېرىش كېرەك، «بېرىش» مەسئۇلىيەتنى بېرىش ئەمەس، «باشقۇرۇش» ھۆكۈمەتنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدىم. «بېرىش» ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشمۇ ئەمەس، ساختا، ناچار، كۆز بويامچىلىق، ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىغا قەتئىي زەربە بېرىش، بولۇپمۇ خەلقنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقى ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان، يېمەكلىك، دورا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق بىر قىسىم ساھەلەرگە قارىتا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك، بەلگىلىمىگە، قانۇنغا خىلاپ بولسا جەزمەن جازالىنىدۇ. ھازىر يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بىز نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى ۋە شەكلىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى ئادىل، ھەققانىي مۇھىتتا ھەقىقىي رىقابەتلىشىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

پېڭ بو ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: 50 يىل ئىلگىرى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى نىكسوننىڭ جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئۇچرىشىش دەۋرىنى ئاچتى، بۇلتۇر بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ دەۋرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ھازىر كەسكىن رىقابەت مەزگىلىگە كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. سىز بۇ باھاغا قوشۇلامسىز؟ جۇڭگودا ئامېرىكىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچىنى سېتىشنى چەكلەيدىغان ھەمدە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىدا پاي چېكىنى بازارغا سېلىشىنى چەكلەيدىغان بۇنداق ئەھۋال بارغانسېرى دائىم كۆرۈلەمدۇ؟

لى كېچياڭ: 50 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت قاتتىق مۇزنى يېرىپ، مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى باشلىدى. يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ كەتتى، گەرچە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە بەزىدە تالاش - تارتىش بولۇپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئىزچىل ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدى. بىز يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكى سىنلىق ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشقا ئاساسەن، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، تىنچ بىللە ئۆتۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، ئىختىلاپلارنى ئاقىلانە ۋە ئىجابىي شەكىل بىلەن مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يەنىلا كۆپرەك سۆزلىشىپ، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان ئىكەن، قايتا تاقىۋالماسلىقى كېرەك، «ئالاقىنى ئۈزۈش»كە تېخىمۇ بولمايدۇ.

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت. ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ھازىر نۇرغۇن يەر شارىۋى خىرىسلار جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى، ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىغا موھتاج. شۇنداق دېيىش كېرەككى، جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتكە، دۇنياغا پايدىلىق.

ئەلۋەتتە، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ جەمئىيەت تۈزۈمى، تارىخىي مەدەنىيىتى، تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ ھەممىسىدە ناھايىتى چوڭ پەرق مەۋجۇت بولۇپ، ئىختىلاپ بولۇشىدىن خالىي بولماق تەس. لېكىن بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ھەمكارلىق ئاساسىي ئېقىم بولۇشى كېرەك، چۈنكى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ھەمكارلىققا تايىنىدۇ. بىزنىڭ ئىقتىساد - سودا ساھەسىدە بازار رىقابىتىمىز بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ چوقۇم ياخشى، ئادىل رىقابەت بولۇشى كېرەك. بۇلتۇر، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى 750 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %30كە يېقىن ئاشتى. بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىق ساھەسى كەڭ، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. ئەگەر ئامېرىكا جۇڭگوغا قارىتىلغان ئېكسپورت چەكلىمىسىنى بوشاتسا، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن نەپ ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىشلارنى كەڭ قورساقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتنى كۆزلەشنى خالايدۇ.

جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: بۇ ئىككى يىلدا يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدۇق، بىز ئىلگىرى دائىم بارىدىغان بىر قىسىم ئۇششاق يېمەكلىكلەر دۇكانلىرى، كىچىك ئاشخانىلارنىڭ تاقالغاندىن كېيىن قايتا تىجارەت باشلىمىغانلىقىنى، يېمەك - ئىچمەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساياھەت، پارچە سېتىش، يولۇچى توشۇش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭمۇ ناھايىتى زور تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى بايقىدۇق. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. زۇڭلىدىن سوراپ باقسام، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ساھەلەرگە ياردەم بېرىش جەھەتتە، بۇ يىل بىز قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز؟

لى كېچياڭ: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئەڭ چوڭ زەربىگە ئۇچرىغىنى مۇلازىمەت كەسپى، بولۇپمۇ ئۇچرىشىش تىپىدىكى مۇلازىمەت كەسپى بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە مىقدارى كۆپ، دائىرىسى كەڭ بولغىنى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلاردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئاساسى ئەسلىدىنلا ئاجىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنچىكە ھېسابات قىلىپ، كۈندە ئېنىقلاپ ئايدا بوغۇپ تىجارەت قىلغاچقا، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار يىغىلىپ قېلىپ، ئۇلار بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى. ئۇلارغا ياردەم بەرگەنلىك ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تىرەك بولغانلىق، چۈنكى 100 مىليون يەككە سودا - سانائەتچى 300 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئەگەر مايسا يىلتىزىغىچە قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەندە، ئاندىن ئۇلارغا ياردەم بەرسەك ئۈلگۈرەلمەي قالىمىز. شۇڭا بىز چوقۇم «كىچىككىنە تاشنىڭمۇ باشنى يارىدىغانلىقى»نى كۆرۈپ يېتىپ، ئۇلارنى ۋاقتىدا يۆلىشىمىز كېرەك.

بۇ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ساھەلەرگە قارىتا، بىز 40 نەچچە تۈرلۈك يۆلەش سىياسىتىنى چىقاردۇق. باج قايتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ بىر تۈردىلا، تومتاق ھېسابلىغاندا، يېمەك - ئىچمەك، ساياھەت، يولۇچى توشۇش، مەدەنىيەت قاتارلىق بىرقانچە ساھە 180 مىليارد يۈەندىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئۇلار مالىيەنىڭ قوللىشىغىلا ئېھتىياجلىق ئەمەس، بازار ئىستىقبالى ياخشى بولغان كەسىپلەرگە، يەنە پۇل مۇئامىلە كەسپىمۇ «يوچۇقسىز داۋاملاشما قەرز بېرىش»ى كېرەك. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆي ئىجارىسى، توك پۇلىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشقا توغرا كەلسە، ئىقتىدارى بار جايلارمۇ قوللىشى كېرەك، بۇ ئەمەلىيەتتە يەنە مۈلۈك ئىگىلىرىنىڭ خېرىدارلارنى تۇتۇپ قېلىشىدۇر.

نۆۋەتتە، ئىستېمال ئېھتىياجى ھەقىقەتەن بىرقەدەر ئاجىز، ئاساسلىقى تور سىرتىدىكى ئىستېمال ئېھتىياجى ئاجىز. كۆپچىلىك شۇنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇكى، بازار - رەستىلەردىكى قاتار - قاتار دۇكانلار ئاۋات، قايناق بولسا خېرىدار كۆپىيىپ بازار ئاۋاتلىشىدۇ. ئەگەر تاقىلىپ قالسا، بۇ ياخشى ئىش ئەمەس، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا بىزنىڭ بۇ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ساھەلەرنى يۆلەشتىكى مەقسىتىمىز، ئۇلارنى بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىشلا ئەمەس، يەنە خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ئىللىقلىققا تولدۇرۇش، ئىقتىسادىمىزنى تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر.

تەيۋەن دۇڭسېن يېڭى تاراتقۇ مۇخبىرى: يۇقۇم سىجىل يامراۋاتقان، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدىكى ئېنىقسىزلىق، مۇقىمسىزلىق كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا، چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپ تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت - سائادىتىنى قانداق داۋاملاشتۇرىدۇ ھەم ئىلگىرى سۈرىدۇ؟

لى كېچياڭ: بىزنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان چوڭ سىياسەت - فاڭجېنىمىز ئېنىق، مەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بۇنى بايان قىلدىم، ئۇ بولسىمۇ بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت.

ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا بىر ئائىلە كىشىلىرى، قېرىنداشلىق مېھرىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۈزۈۋەتكىلى بولمايدۇ، بىز داۋاملىق تۈردە كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ تەرەققىي قىلغان تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى خالايمىز. پەقەت ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىسىلا، چوقۇم ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت بەخت - سائادەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ.

سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى مۇخبىرى: بۇ يىل بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاياغلىشىدىغان يىل. ئۆتكەن تۆت يىلدىن كۆپرەك مۇساپىنى ئەسلىسەك، سىزنىڭچە بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر قايسىلار؟ دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ خىرىس يەنە نېمە؟ بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ۋەزىپە ئۆتەش يىلىدا، جۇڭگو ئىقتىسادى مىسلىسىز بېسىمغا دۇچ كەلدى، سىز قايسى سىياسەتلەرنى نۇقتىلىق يولغا قويۇش ئارقىلىق، جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ياخشى مۇقىملاشتۇرىسىز؟ خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرىسىز؟

لى كېچياڭ: بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ۋەزىپە ئۆتىگەندىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، كۆپ ئۆزگىرىشچان بولدى، دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەت ۋە قىيىنچىلىقلار گىرەلىشىپ كەتتى. ئەڭ چوڭ خىرىس دېسەك، ئۇ يەنىلا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھەم ئۇنىڭ ئىقتىسادقا ئېلىپ كەلگەن ئېغىر زەربىسىدىن ئىبارەت. بىز ئاساننى قوغلاشماي، ئىشنىڭ قىيىنىدىن قاچماي، خەۋپ - خەتەردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرماي، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق.

مەن زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالغاندا، بۇ جايدا تۇنجى قېتىم مۇخبىرلار يىغىنى ئاچقىنىم ئېسىمدە، يەنى بۇ زالدا ئىقتىسادنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىمىزنى، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلايدىغانلىقىمىزنى، جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىمىزنى ئېنىق بىلدۈرگەنىدىم، بۇ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى، داغدام يولدا مېڭىش، خەلقنى ئاساس قىلىش، جاھانغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىمىزدىكى كۈرەش نىشانى قىلىشىمىز كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز قەتئىي بوشاشماي، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دەۋرىيلىك ئىقتىسادىي داۋالغۇشقا تاقابىل تۇردۇق، بولۇپمۇ ماكرو سىياسەتنى يولغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا بىۋاسىتە يۈزلەندۇق؛ ئىسلاھاتنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، مۇرەككەپ ۋە ئېغىر تەلەپلەرنى ئازايتىپ، ئادىللىقنى قوغداپ، بازار سۇبيېكتى ۋە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتتۇق؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئەھۋالى ئەمەلىيىتىنى ئىگىلەپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردۇق قاتارلىقلار. ھۆكۈمەت خىزمىتىدە خەلق ئاممىسى قەلبىدىن ئېتىراپ قىلىدىغان جايلارمۇ بار، يەنە ئۇلارنىڭ ئارزۇسى بىلەن پەرقلىنىدىغان ۋە يېتەرسىز جايلارمۇ بار، بۇلارنى بىز ئېنىق بىلىمىز.

سىز ئېيتقاندەك، بۇ يىل بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئاخىرقى بىر يىل، شۇنداقلا، مەن زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان ئاخىرقى بىر يىل. بىز دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت يەنىلا مۇرەككەپ ۋە كەسكىن، قىيىنچىلىق ۋە خىرىس يەنىلا كۆپ، مەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ۋە بايا مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەندە قىيىنچىلىق، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا قارىتا چۈشەندۈرۈش ۋە ئىزاھات بەردىم. مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم قەتئىي بوشاشماسلىقتەك روھ بىلەن مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ۋەدىمىزنى ئەمەلدە كۆرسىتىمىز.

ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، بولۇپمۇ خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، جۇڭگو ئىقتىسادى چوقۇم داۋانلاردىن ئېشىپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ ھەم كېيىنكى تەرەققىيات ئۈچۈن تېگىشلىك پۇختا ئاساس سالالايدۇ.

خەلق گېزىتى مۇخبىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى يىلدىن - يىلغا ئاشتى، لېكىن يەنە نۇرغۇن كىشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېلىھەم ھېس قىلماقتا، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسەتتى. زۇڭلىدىن سوراپ باقسام، بۇ يىل ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە قانداق ئويى ۋە تەدبىرلىرى بار؟

لى كېچياڭ: بۇ يىللاردا، دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى بىلەن GDPنىڭ ئېشىشى ئاساسەن ماس قەدەمدە بولدى. لېكىن جۇڭگو يەنىلا بىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، بىزنىڭ شەھەر - يېزىلىرىمىزنىڭ پەرقى روشەن، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈش بىر ئۇزاق مۇددەتلىك جەريان. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئالاقىدار تەرەپلەر ماڭا خەلق تۇرمۇشىدىكى ئون ئارزۇنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ماتېرىيالنى سۇندى، كۆپ ساندىكىسىنىڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچىسى دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى ئىكەن. شۇڭا ھۆكۈمەت باشتىن - ئاخىر ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا قويىدۇ، ئەلۋەتتە، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەيدۇ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرىدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى مالىيە ئومۇمىي كىرىمى 20 تىرىليون يۈەنگە يەتتى، لېكىن ئانچە باياشات دېگىلى بولمايدۇ. ئۇدا ئون يىل بولدى، بىز مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتىنىڭ GDPدىكى ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ %4تىن تۆۋەن بولماسلىقىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلدۇق، بۇ ناھايىتى ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىغا، يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈلدى، چۈنكى بىزنىڭ يېزا نوپۇسىمىزدىن ھازىر يەنە 760 مىليونى بار، يەنە يېزا ۋە چەت، يىراق رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، بىز 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە يۈزلەنگەن، دۇنيادا ئەڭ چوڭ دېيىشكە بولىدىغان ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تورىنى بەرپا قىلدۇق، لېكىن سەۋىيەسى يەنىلا يۇقىرى ئەمەس، شۇڭا بۇ جەھەتتە بۇ يىل مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كىشى بېشىغا يەنە 30 يۈەن قوشۇلدى. بىز ئېغىر كېسەللەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق ئېغىر كېسەللەر سودا سۇغۇرتىسىنى سېتىۋالىدىغان بېجىرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدۇق، بۇنداق بولغاندا بەزى كېسەللىك تۈرلىرىنى بەزى جايلاردا 300 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە ئاتچوت قىلدۇرغىلى بولىدۇ، سۇغۇرتا سوممىسىنىڭ يۇقىرى ئۆلچىمىگە چەك قويۇلمايدىغان جايلارمۇ بار. ئومۇمىي جەھەتتىن شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %70كە يېتىدۇ، دۆلەت كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ يەنە تەدرىجىي ئۆستۈرۈلىدۇ. بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كەتكەنلەر، ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەنلەرنى ئالاھىدە مەدەت، ياردەم بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇش زىچ باغلىنىشلىق، ھازىر بىزنىڭ ئۆلكە ھالقىپ يۆتكىلىپ تۇرىدىغان نوپۇسىمىز 100 مىليوندىن ئاشىدۇ، ئۇلار باشقا جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، مەكتەپكە كىرىشتە، بەزى ئىشلارنى بېجىرىش ئۈچۈن دائىم بېرىپ - كېلىپ قاترايدۇ، «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش» يېڭى زۆرۈر ئېھتىياجغا ئايلاندى. بىز بۇ يىل بىر تۈرلۈك يېڭى سىياسەتنى يولغا قويىمىز، يەنى، كىشىلەر دائىم ئىشلىتىدىغان كىملىكنى ئېلېكتىرونلاشتۇرىمىز، بۇ، سىز ئالاقىدار ئىشلارنى بېجىرگەندە، يان تېلېفونىڭىزدا كودنى سىكاننېرلىسىڭىزلا بولىدۇ، دېگەنلىك. ئەلۋەتتە، بىز يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلەتمەيدىغانلارغا، بولۇپمۇ ياشانغانلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك، يەنە پۇقرالارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە شەخسىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ھەم چامىمىزنىڭ يېتىشىچە كۈچىشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى كۆڭۈل قويۇشىمىز، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، پاكىتنى سۆزلىتىشىمىز، خەلق ئاممىسىنىڭ ساداسى ۋە تەلىپىگە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى خەلق ئەھۋالى، خەلق ئارزۇسى ھەتتا خەلق رايى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىپ، خەلقنىڭ غەم - ئەندىشىسى، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش.

بۇ يەردە مەن يەنە بىر نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. بۇنى خەلق ھۆكۈمىتى چوقۇم زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. يېقىندا، بەزى جايلاردا ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئېغىر دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان ۋەقەلەر يۈزبەردى، بىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئىچ ئاغرىتىپلا قالماي، يەنە بۇ ئىشقا ئىنتايىن غەزەپلەندۇق. ئاممىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە سەل قارىغانلارنىڭ، قەتئىي تۈردە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىققا تارتىش، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايى قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش، قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاش كېرەك. خەلق ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر چوقۇم پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلق ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى قىلىشى كېرەك.

ياپونىيە گۇڭتۇڭ ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، «قىزىل، يېشىل چىراغ» تەسىس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بولۇپمۇ ئالاقە تورى كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. لېكىن چەت ئەل كاپىتالى ئورتاق بېيىش نىشانى سەۋەبىدىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى كارخانىلار ھەرىكىتىگە بولغان چەكلىمىنى يەنىمۇ كۈچەيتەرمۇ؟ دەپ ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ، سوراپ باقسام، جۇڭگو تەرەپنىڭ قارىشى قانداق؟ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەندىشىسىنى پەسەيتىدىغان ئامالىڭلار بارمۇ؟

لى كېچياڭ: بىز دەۋاتقان ئورتاق بېيىش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىدە، جۇڭگو ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىمىزدا ئېنىق بەلگىلىمە بار، ئۆزگەرتسەكمۇ، پەقەت ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق بولۇش، مەبلەغ سېلىش سودىسىغا پايدىلىق بولۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىمىز.

چەت ئەل سودىگەرلىرى جۇڭگوغا كېلىپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇردى، شۇنداقلا بىزگە مەبلەغ سېلىش، سېتىش يوللىرىنى ئېلىپ كەلدى، بىز ئېھتىياجلىق تاۋارلارنى ئېلىپ كەلدى، بۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە پايدىلىق، بىز نېمىشقا چەكلىگۈدەكمىز؟ بايا مەن «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى توغرىسىدا توختالدىم، يەنى مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش، مونوپوللۇق ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇپ، كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلىدىم، بۇنىڭدىكى مەقسەت، يەنىلا قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىدىغان كارخانىلارغا يۆلەك بولۇپ، مەدەت بېرىپ، تۈرلۈك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار، ئىچكى - تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ بىردەك باراۋەر تەرەققىي قىلىشى، ئادىل رىقابەتلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. ئەلۋەتتە، يەنە كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات داۋامىدا ھەممىسىنىڭ قېلىپلىشىشىنى، ساغلام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو بەك چوڭ، سىز ئايرىم مىسال تاپىمەن دېسىڭىز ھەممىسىگە تاپالايسىز. لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنياغا چوڭقۇر سىڭىشىپ كەتتى. جۇڭگونىڭ مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاللىقاچان ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئېشىپ كەتتى، ھازىر ئىمپورتنىڭ سانائەتكە بولغان ئۇنىۋېرسال تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسى %70تىن ئاشتى، بىز ئۇدا ئون يىل پۈتۈن يەر شارى بويىچە 2 - چوڭ ئىمپورت بازىرى بولۇپ مۇقىم تۇردۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇدا بەش يىل يەر شارىۋى مال سودىسىدىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەت بولدۇق. ئەلۋەتتە، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىز يەنىلا كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن بۆلىكىدىن ئوتتۇرا، يۇقىرى بۆلىكىگە ئۆتۈش جەريانىدا تۇرۇۋاتىمىز، لېكىن، بۇ يەنە كەسىپ ۋە ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى، بازار يوشۇرۇن كۈچىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، تۈرلۈك سېلىنمىنىڭ ھەممىسىنىڭ ناھايىتى زور بوشلۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە بىز رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى، يەنى RCEPنى بىرلىكتە ئىمزالىدۇق، بۇ يىل رەسمىي يولغا قويۇلدى، بۇنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا رايونى دېيىشكە بولىدۇ. بىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەركىن سودىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، چەت ئەل كارخانىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، جۇڭگونى داۋاملىق پۈتۈن يەر شارىدىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان مۇنبەت زېمىن قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

مەن كۆپچىلىككە شۇنى ئېنىق ئېيتىمەنكى، مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىدۇ. چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى تەتۈر ئاقمايدۇ. جۇڭگو بۇ 40 نەچچە يىلدا، ئىزچىل ئىسلاھات داۋامىدا ئىلگىرىلەپ، ئېچىۋېتىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ كەلدى. پەقەت يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق ئىش بولسىلا، بىز ھەممىمىز پائال قىلىشنى خالايمىز، يەنە كېلىپ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغدايمىز، بۇ ھەم ئۆز تەرەققىياتىمىزنىڭ ئېھتىياجى.

جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگىنىگە 40 نەچچە يىل بولدى، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇردى، خەلققە بەخت ياراتتى، شۇنداقلا دۇنياغا پايدا ئېلىپ كەلدى. بۇ، پۇرسەت دەرۋازىسى، بىز ئۇنى ھەرگىز تاقىمايمىز، شۇنداقلا ھەرگىز تاقاشقا بولمايدۇ.

مۇخبىرلار يىغىنى تور سىنلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى، ئاساسىي يىغىن مەيدانى خەلق سارىيىنىڭ 3 - قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك زالغا تەسىس قىلىندى، شۆبە يىغىن مەيدانى مېيدىيا ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىگە تەسىس قىلىندى. مۇخبىرلار يىغىنى تەخمىنەن 130 مىنۇت داۋاملاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.