تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتايلى

​− 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

كۆپنىڭ كۈچى بىرلەشسە، ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولىدۇ، ھەممە بىر نىيەتتە بولسا، تەيشەن تېغىنىمۇ يۆتكىگىلى بولىدۇ. 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق تاماملاپ، بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يېپيېڭى سەھىپىنى پۈتتى. بىز يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

بۇ قېتىمقى يىغىن دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغان مۇھىم پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. يىغىندا ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە، «14 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىلدى، ۋەكىللەر بىردەك: بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارىدى. يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا تۈرلۈك مۇھىم دوكلاتلار قاراپ چىقىلدى ۋە تەستىقلاندى، ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغان، ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، يول ئېچىپ يېڭىلىق ياراتقان، كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، بۇ، يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەشكىلىي ۋە خىزمەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەرلىك ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، قاراپ چىقىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى، قۇدرەتلىك كۈچ قوشتى.

ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر داۋاملىق يۈزبەرمەكتە، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كەلدى، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تىركىشىشى كۈنسېرى كەسكىنلەشتى، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى، دۆلەت ئىچىدە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىشتا، بىز تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە، شۇنداقلا كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. كېيىنكى يېرىم يىلدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ، كەلگۈسى بىر مەزگىللىك تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى پىلانلايدۇ، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىمىزدە، بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشىدىكى مۇقەررەر يولى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنىڭ مۇقەررەر يولى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشنىڭ مۇقەررەر يولى. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، بىز ئىرادىدىن قايتمايدىغان، يولنى ئۆزگەرتمەيدىغان ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى نۇرغۇن ئىستراتېگىيەلىك پايدىلىق شارائىتنى ئىگىلەپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارغا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

ئىتتىپاقلىق − كۈچ، كۈرەش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پارتىيە ۋە خەلق قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ روشەن مەنىۋى بەلگىسى. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى بىزگە يەنە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئېنىق كۈرەش نىشانىنى چۆرىدەپ شەكىللەنگەن ئىتتىپاقلىق ئەڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىق، زىچ ئىتتىپاقلىشىشقا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش ئەڭ كۈچلۈك كۈرەش ھېسابلىنىدۇ. بىز ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ شانلىق تارىخ ياراتتۇق، يەنە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشىمىز كېرەك. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى باشتىن - ئاخىر قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلانساق، 95 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو كوممۇنىستلىرى باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلانساق، بىز چوقۇم ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى بارلىق قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى مۆجىزىلەرنى داۋاملىق يارىتالايمىز!

خەلق دېموكراتىيەسى سوتسىيالىزمنىڭ جېنى، بىر خىل پۈتۈن جەريانلىق دېموكراتىيە. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ دېموكراتىيەگە ئىنتىلىش، دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇش، دېموكراتىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، پارتىيەنىڭ جۇڭگو دېموكراتىيە نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتىكى تەجرىبە جەۋھىرى. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىكى تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى، دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى. يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشتا، بىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىياسەت - تەدبىرلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىدىكى خىزمەتلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمىتىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش داۋامىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تاغ - دەريالىرى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل، خەلقى مەردانە، ئىستىقبالى پارلاق. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.