تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتىش

− 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

ئۈمىدكە تولغان باھار، ھاياتىي كۈچكە تولغان سەھەر.

3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئەتىگەندىلا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خېبېي ئۆلكىسى لۇەننەن ناھىيەسى لىيىڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى جىگاڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

خەلق سارىيىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، لى جىگاڭ قاتتىق ھاياجانلاندى. بۇلتۇر يازدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى پەيتىدە، ئۇ مەملىكەت بويىچە «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار»لارنى تەقدىرلەش ئوبيېكتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى» بېرىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغانىدى.

«دۆلەت تەرەققىياتىدا يەنە يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، <14 - بەش يىل>دا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشقانلىقنىڭ نەتىجىسى. بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بەش <مۇقەررەر يول>، بەش <پايدىلىق شارائىت> قاتارلىق مۇھىم ھۆكۈملەرنى چىقىرىپ، ئىلگىرىلەش ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى» دېدى لى جىگاڭ.

100 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، ئۇلۇغ يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشتىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشقىچە...

يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شانلىق ئىشلىرى قاينام - تاشقىنلىققا تولدى؛ خەلقنىڭ سارىيى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە گۇۋاھ بولماقتا.

يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇپ ئېچىلغان بۇ قېتىمقى يىغىن بىر قېتىملىق راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولغان، ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدىغان كاتتا يىغىن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئۇيۇل تاشتەك ئىشەنچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ھەممە يېرىدە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىندى −

ۋەكىللەر 487 پارچە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە قارىتا تەخمىنەن 8000 پارچە تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىر بېرىپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئويلىغانلىرىنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىنىشى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

«ۋەكىللەر يولى» «مىنىستىرلار يولى»دا ۋەكىللەر ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ تەسىراتىنى سۆزلىدى، كەڭ دائىرىدە چارە - تەدبىر كۆرسەتتى، مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرى دىققەتنى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، «پۇقرالار ئارزۇ قىلغان» بىلەن «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت قىلغان»نى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈردى، دېموكراتىيە بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى زىچ بىرلەشتۈردى.

...

10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالدا كەيپىيات كۆتۈرەڭگۈ، قىزغىن بولدى، پۈتۈن مەيداندىكى ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى مەزمۇت قەدەم بىلەن رەئىس سەھنىسىگە چىقتى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، يېپىلىش يىغىنى باشلاندى.

− ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

− يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

− 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە سايلام مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

ئالقىش سادالىرى قايتا - قايتا ياڭراپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە قايتا - قايتا مۇجەسسەملەندى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى، ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى پۈتۈن مەيداندا ياڭرىدى.

خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، بىز جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتتۇق −

2022 - يىلى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بىر قاتار يېڭى نىشان، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىشەنچ ۋە جاسارەت يەتكۈزۈلدى.

«مەن مەڭگۈ بوشىشىپ قالمايدىغان، مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلمايدىغان روھىي ھالەتنى ساقلاپ، خىزمەت ئورنۇمدا يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىمەن.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو تۆمۈريول نەنچاڭ ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ پېينىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى.

كەلگۈسىنى يارىتىش بۇرغىسى چېلىپ، بىز ھەممە بىر نىيەتتە بولۇش ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز −

«باش شۇجى شى جىنپىڭ <ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان مەنىۋى كۈچ>نى تىلغا ئالدى، بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى.» قۇملۇقتا 30 يىل يىلتىز تارتقان دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل سۇ بومىن مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت ئىشەنچى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ نېگىزلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان كۈچ - قۇدرەتنى مۇجەسسەملەش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، بۇرچىمىز. بىز داۋاملىق باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز».

خەلق سارىيىدىن چىققاندا، ۋەكىللەر مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، قاتتىق ھاياجانلاندى.

ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسى، گۈللىنىش ئارزۇسى... ئارزۇغا ئىنتىلىشتىن ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن قايتا ئارزۇغا ئىنتىلىشكىچە، يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بىر نىيەتتە قول تۇتۇشۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

تيەنئەنمېن مەيدانىدا قىزىل بايراقلار لەپىلدەپ تۇراتتى؛ جۇڭگو زېمىنىدا باھار نۇرى چەكسىز ئىدى.

(مۇخبىرلار شى يۈسېن، خۇ خاۋ، بەي ياڭ، سۈن شاۋلۇڭ، لو شا)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.