تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى مۇساپىدە، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش يەلكىنىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرايلى

− مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقىدىن خاتىرە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاۋ ۋېنجۈن، رېن چىنچىن، دۇڭ رۇيفېڭ

زېمىن باھار تۈسىگە كىردى، ھەممە شەيئى قىياپىتىنى يېڭىلىدى.

خەلق سارىيى − خەلقنىڭ سارىيى، ئۇ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ قالتىس مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولماقتا.

3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى.

ئىللىق باھار مەنزىرىسىگە تولغان خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدا، دۆلەت نانو ئىلىم - پەن مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئەزا جاۋ يۈلياڭ پەلەمپەيدىن چىققاچ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان تۆت يىلدىن بۇيانقى ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەرنى ئەسلەپ، بىر خىل كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

بۇ يىللاردا، ئۇ تېخىمۇ كۆپ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئىزچىل مۇراجىئەت قىلدى. «يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدىغان سىياسەتلەرنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك».

ئەزا جاۋ يۈلياڭنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتى بۇ قېتىمقى كاتتا يىغىننىڭ بىر جانلىق كارتىنىسى.

2022 - يىللىق سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئالاھىدە بولدى.

يىغىن ئالتە كۈن جىددىي، زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 5979 تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى، بۇ، سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى... «ئەزالار يولى»دىن مۇخبىرلار يىغىنىغىچە، ساھەلەر كېڭىشىش يىغىنىدىن يىغىندا سۆز قىلىشقىچە، ئەزالار چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى يىغىنغا ئېلىپ كېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

بۇ بىر قېتىملىق ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشەنگەن، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرگەن كاتتا يىغىن بولدى −

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8لەردە، خەلق سارىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا، چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى، 3 - مەيدان «ئەزالار يولى» زىيارىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.

«جاڭ بېينىڭ شامىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چىرىغىنى يورۇتتى» «نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەر يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى» «يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى كارخانىلار <يىمېڭ روھى>غا ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى» «شەرقىي شىمال يولۋىسىنىڭ قايتىپ كېلىشى ۋە ماكانلىشىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بىر دەلىلى» «مۇزېي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشتىكى ئارقا كۆرۈنۈش − مەدەنىيەت ئىشەنچى»... ئوخشاش بولمىغان ساھە ئايرىمىسى، ئوخشاش بولمىغان ساھەدىن كەلگەن سەككىز ئەزا مۇخبىرلار بىلەن «يۈزتۇرا» ئۇچرىشىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھېكايىسىنى ئىشەنچ بىلەن بايان قىلىپ، يېڭى مۇساپىدىكى كۈرەش ۋە مەردانىلىك ئۈستىدە توختالدى.

تەسىرلىك بايانلاردا، تېخىمۇ ئوچۇق، سەمىمىي بولغان دېموكراتىك يېڭى كەيپىيات نامايان قىلىندى.

«دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى كۆڭلىگە پۈكۈش، خەلق تۇرمۇشى تەلىپىگە رىشتە باغلاش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى، ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش.

بۇ بىر قېتىملىق كەڭ دائىرىدە كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، ئورتاق تونۇشى مۇجەسسەملەنگەن كاتتا يىغىن بولدى −

«يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتى، تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشنىڭ نېگىزى پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىدا بولۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.» بۇ يىللىق سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا، جۇڭشەن داشۆنىڭ پىروفېسسورى، ئەزا ليۇ شىن سەككىز تەكلىپ ئېلىپ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلۇق مەنبەسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپتىنلا تۆتى بار.

«پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن يادرولۇق تېخنىكىنى ئىگىلەشنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش پۈتۈن ۋەزىيىتىدە باش ئورۇنغا قويۇش كېرەك.» مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەزا خۇاڭ لى مۇنداق دېدى: پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پەن تەتقىقات سېلىنمىسى ۋە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، «گالنى بوغۇش» قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ساھەسىدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېڭى قوزغاتقۇچى كۈچ قوشۇشى كېرەك.

بۇ بىر قېتىملىق بىر نىيەتتە ئارزۇنى روياپقا چىقىرىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان كاتتا يىغىن بولدى −

«دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلدۇق، تۇرمۇشىمىزدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، پۇقرالارنىڭ كىرىمى ئاشتى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشتى.» 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش يېزا ئىگىلىك ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ خەينەن ئۆلكىسى بەيشا لىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دائەن بازىرىدىن كەلگەن كادىر، ئەزا ياڭ فېڭجى ناھايىتى ئىلھاملاندى.

«ئىجتىمائىي كاپالەت دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى چوڭ مەسىلە. ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۆزلىمىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.» جۇڭگو ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، ئەزا مو رۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش داۋامىدا، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى بىلەن خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلار تېخىمۇ ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى مۇساپىنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمى سىزىپ چىقىلدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، يېپىلىش يىغىنى باشلاندى. شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشتى.

10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالدا چىراغ نۇرى كۆزنى قاماشتۇراتتى. سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار، تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن دوكلات، يىغىن سىياسىي قارارى بىر - بىرلەپ ماقۇللاندى، كەينى - كەينىدىن قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

«بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى جەزمەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى سىياسىي تەشكىلات بولۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش باشتىن - ئاخىر بىرىنچى تەلەپ»؛

«خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىيالايدۇ، پۈتكۈل جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلالايدۇ»؛

«ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل، ئىدىيە قانچە كۆپ خىل بولغانسېرى، كېڭىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كەڭ دائىرىدە كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، كەڭ دائىرىدە ياخشى چارە - تەدبىر پىلانلاش، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەشكە شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ»...

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭنىڭ سۆزى ئەزالار ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق ئىنكاس قوزغىدى.

مەيىن شامالدا قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلاتتى. خەلق سارىيىدىن چىققان جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىياسىيشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، ئەزا جاڭ شۇخۇا ناھايىتى ھاياجانلاندى.

«بۇ قېتىمقى سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا، مەن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولغان ئىتتىپاقلىق كۈچىنى ھېس قىلدىم. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشايلى!» ئۇنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق، كۈچلۈك ئىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.