تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىدىكى تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى

(2022 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنى مەزگىلىدە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش، سىياسىي جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش توغرىسىدا پائال تەكلىپ بېرىش ئارقىلىق، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالدى.

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سائەت 20گە قەدەر، جەمئىي 5979 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى. «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى نىزامى» ھەم تەكلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى تەپسىلىي قائىدىسىگە ئاساسەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 4979 پارچىسى تۇرغۇزۇلدى، 35 پارچىسى قوشۇپ بىر تەرەپ قىلىندى، 965 پارچىسى پىكىر ۋە تەۋسىيەگە ئۆزگەرتىلدى.

تۇرغۇزۇلغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئەزالار ئوتتۇرىغا قويغىنى 4503 پارچە بولۇپ، %90.4نى ئىگىلىدى؛ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ساھە، ئەزالار گۇرۇپپىلىرى قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغىنى 476 پارچە بولۇپ، %9.6نى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتىكىسى 1911 پارچە بولۇپ، %38.4نى ئىگىلىدى؛ سىياسىي قۇرۇلۇش جەھەتتىكىسى 499 پارچە بولۇپ، %10.0نى ئىگىلىدى؛ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتىكىسى 389 پارچە بولۇپ، %7.8نى ئىگىلىدى؛ جەمئىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتىكىسى 1543 پارچە بولۇپ، %31.0نى ئىگىلىدى؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتتىكىسى 613 پارچە بولۇپ، %12.3نى ئىگىلىدى؛ باشقا جەھەتلەردىكىسى 24 پارچە بولۇپ، %0.5نى ئىگىلىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندىكى تەكلىپلەر تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: بىرىنچى، تەكلىپتە «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر چىڭ كۆزلىنىپ، تېما تاللاشتا دىققەت تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تەۋسىيەلەر تېخىمۇ كونكرېت بولدى، سۈپىتى سىجىل ئۆستى. ئىككىنچى، ئەزالار باشتىن - ئاخىر زور شىجائەت بىلەن، يۈكسەك دەرىجىدە مەسئۇل بولدى، جەمئىي 1944 نەپەر ئەزا تەكلىپ سۇندى، بۇ، ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ %90.1ىنى ئىگىلىدى. ئۈچىنچى، تەكلىپ خىزمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، تەكلىپلەرنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش سىستېمىسى رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، تور ئارقىلىق سۇنۇلغان تەكلىپ %99.97نى ئىگىلىدى.

يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، تەكلىپلەر بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەكلىپ تاپشۇرۇش ۋاقتى توختىتىلغاندىن كېيىن تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەر تەكشۈرۈپ تەكلىپ قىلىپ تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن يىغىن يېپىق مەزگىلىدىكى تەكلىپلەر قاتارىدا بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.