تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى

− سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 ـ يىغىنىدا بېرىلدى

(2022 ـ يىل 3 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى)

ۋاڭ ياڭ

ئەزالار:

مەن جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

1. 2021 - يىلى: «14 - بەش يىل»نى باشلاش، يېڭى مۇساپە ئېچىشنى كۆزلەپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلدۇق

2021 - يىلى پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋە ئەسىر يۇقۇمىغا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى ئۆز قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى غەلىبىلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسىي تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خاراكتېرى ۋە ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، «14 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىپ، سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.

(1) دىققەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملىدۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان «تۆت تارىخ» تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكىلەر پارتىيە سىرتىدىكىلەرنى يېتەكلەش، قاتلامغا بۆلۈپ ئۆگىنىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەزالارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تارىخ ئۆگىنىپ ئىشنىڭ يولىنى بىلىش، تارىخ ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخ ئۆگىنىپ ئەخلاقنى قەدىرلەش، تارىخ ئۆگىنىپ ئەمەلدە كۆرسىتىشكە كۈچىدۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە يېڭى ئىمتىھان يولىدا ياخشى ماڭىدىغان ئورتاق سىياسىي قەلب سادايىمىزنى ئىپادىلىدۇق. كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ يېقىن ئەتراپتا قىزىل تەربىيە بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، 34 ساھەنى قاپلىغان ئەزالار مەخسۇس كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىنى جياڭشى، گۈيجوۋ قاتارلىق جايلاردىكى كونا ئىنقىلابىي ئورۇنلارغا بېرىپ پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ تارىخىنى ئەسلەپ، ئىدىيەۋى تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەشكىللىدۇق. «كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى قان تومۇرىنى داۋاملاشتۇرايلى» قاتارلىق ئەزالار دەرسخانىسى پىروگراممىسىنى ئىشلەپ كۆرسەتتۇق، «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدۇق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 8 - قۇرۇلتىيى تارىخى كۆرگەزمىسى، پارتىيە بايرىقى، دۆلەت بايرىقى، ئارمىيە بايرىقىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە دائىر قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەزالارنى كەچۈرمىشلىك ئۆگىنىش داۋامىدا غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىشقا يېتەكلىدۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىنى ئۆگىنىشنى 48 ئاساسىي تېمىلىق كىتاب ئوقۇش توپىغا سىڭدۈردۇق، 385 نەپەر مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئايرىم - ئايرىم توپ باشلىقى، ئوقۇش يېتەكچىسى بولدى، ئەزالار 270 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق سۆزگە چىقتى، كۆرۈلۈشى 1 مىليون 420 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، «قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش» قاتارلىق تور سىرتىدا چۈشەندۈرۈپ ئوقۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىدىيەۋى تەسىراتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا دائىمىي كومىتېت يىغىنى، رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ كوللېكتىپ ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى ۋە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق مېخانىزملار ئارقىلىق، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسىي ئېڭى، ئىدىيەۋى ئېڭى، ھەرىكەت ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىدۇق.

(2) مەركىزىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىپ، 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ياخشى باشلىنىشىغا كۈچ چىقاردۇق. يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، پۈتۈن بىر يىلدا 25 قېتىم مۇھىم كېڭىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 82 تۈرلۈك كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، 5039 تەكلىپ تۇرغۇزۇپ، 867 پارچە سۆزگە چىقىش ماتېرىيالىنى تۈزۈپ تارقىتىپ، تەدبىر بەلگىلەش، تەدبىر قوللىنىشقا ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلدۇق. دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش بويىچە دائىمىي كومىتېت مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىسىدا چىڭ تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى چەكلەپ قويۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق توسۇقلارنى ئېچىش، يېزا ئىگىلىك ئۇرۇق بايلىقىنى قوغداش - ئىشلىتىش، دۆلەتنىڭ يېڭى مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنى تېز باشلاش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىش، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى شەھەرلەر توپىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇلاپ توشۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، ئالاقە تورى ئويۇن كەسپىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق ۋە مۇھاكىمە يۈرگۈزدۇق. خەلق تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇش بويىچە دائىمىي كومىتېت مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ھازىرلىق كۆرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، دۆلەت ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە تورى، جۇڭگو تېبابىتى - دورىگەرلىكى بايلىقىنى قېزىش، قوغداش، يېزا - كەنت شىپاخانىلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي قۇتۇلدۇرۇش ۋە ياردەم بېرىش قانۇنىنى تۈزۈش، چېگرا رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكى قاتارلىقلار توغرىسىدا كۆزدىن كەچۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئىشلىدۇق ۋە تەكلىپ بەردۇق. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشقا دائىر نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق كۆللىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش، شەھەر - بازارلاردا پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار ئۈستىدە كېڭىشىشكە تەشكىللىدۇق. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە كۈچ قوشۇپ، 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى سىرتقا ئېچىۋېتىش مۇھىم، زور تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تاشقى سودىنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى، چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ كېڭەشتۇق ۋە سۆھبەتلەشتۇق.

(3) سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردۇق. مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كېڭىشىش چوڭقۇرلۇقىنى ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈردۇق. مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشى تەسىس قىلىپ، ساھە ھالقىغان، پەن ھالقىغان، رايون ھالقىغان مۇتەخەسسىس ئەزالار ۋە ئالاقىدار ئالىملارنى تەشكىللەپ، كىچىك دائىرىدە، كۆپ قېتىم چوڭقۇر كېڭىشىپ، پۈتۈن بىر يىلدا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسى تەتقىقاتى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك تېمىلارنى چۆرىدەپ 36 قېتىم يىغىن ئاچتۇق، بەزى مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى ۋە قوللىنىلدى. دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ، «يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش» بويىچە رەئىسلەر يىغىنى ئەزالىرىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىنى ئاچتۇق. كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەتچىلىك ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كېڭىشىشنى نازارەت قىلىش قارالمىلىرىنى بېكىتىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەش، نازارەت قىلىش پىكرى شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق پۈتكۈل جەريانغا سىڭدۈرۈپ، رەئىسلەر يىغىنى ئەزالىرى باش بولۇپ، 10 مەخسۇس كومىتېت ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چۆرىدەپ داۋاملىق ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە جەمئىيەتنى ياشانغانلارغا باب كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق دېموكراتىك نازارەتچىلىك دوكلاتىنى يوللاپ، كېڭىشىش ئارقىلىق ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نازارەت قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينىدۇق. ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ جانلىق، قولايلىق، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرى ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئەزالارنىڭ ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، 120دىن ئارتۇق تۈرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردۇق. جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش نەتىجىلىرىنى دەل جايىدا يوللىدۇق، پۈتۈن بىر يىلدا تۈرلۈك ئۇچۇردىن 3010 سان تۈزۈپ يوللىدۇق.

(4) ئىتتىپاقلىق - دوستلۇق ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەتنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىدۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە سىرتىدىكى 367 نەپەر ئەزا بىلەن سىرداشتى، سۆھبەتلەشتى، مۇھىم، زور مەخسۇس خىزمەتلەر ئۈستىدە 11 مەيدان ئەزالار لېكسىيەسى تەشكىللىدۇق، 10 قارار ئەزالار دەرسخانىسى پىروگراممىسىنى ئىشلەپ كۆرسەتتۇق، ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان پارتىيە سىرتىدىكى ئەزالار مەخسۇس كۆزدىن كەچۈرۈش پائالىيىتىنى 11 قېتىم قانات يايدۇردۇق، 4 قېتىم ماكرو ئىگىلىك ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش سۆھبەت يىغىنى ۋە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە 10 مەيدان ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتۇق، «ئەزالار مۇنداق دەيدۇ» يۈرۈشلۈك زىيارەت قىسقا سىنى ئىشلەپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىپ، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدۇق. مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى، دىن ساھەسىدىكى ئەزالار كۇرسى ئېچىپ، مىللىي رايونلاردا كۆپ خىل يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە كېڭىشىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دىنلارنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئەزالارنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى قوللاش توغرىسىدا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» تۈپ پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلار ھەققىدە تەكلىپ بېرىشنى چۆرىدەپ، 13 - نۆۋەتلىك دېڭىز بوغۇزى مۇنبىرى . 4 - نۆۋەتلىك ئىككى قىرغاق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈشكە قاتنىشىپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق - دوستلۇقنى كۈچەيتتۇق. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دائىملاشقان شارائىتتا تاشقى ئالاقە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى سىياسىي كېڭەشكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق، جۇڭگو ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي ئىشلار كېڭىشى، جۇڭگو دىن ساھەسى تىنچلىق كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا مەدەت بەردۇق، توردا 80 مەيدان تاشقى ئالاقە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق. جۇڭگو سىياسىي كېڭەش ئىنگلىزچە تور بېكىتىدە پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەخسۇس سەھىپىسى ئېچىپ، سىياسىي كېڭەش تاشقى تەشۋىقات قىسقا فىلىمى ئىشلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلدۇق، جۇڭگونىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردۇق. ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا چېتىشلىق قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلاپ قانۇنلاشتۇرۇشى، ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئاتالمىش تەيۋەنگە چېتىشلىق دوكلاتنى ماقۇللىشىغا قارىتا كەسكىن بايانات ئېلان قىلىپ، پىرىنسىپال مەيدانىمىزنى چۈشەندۈردۇق.

(5) سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈردۇق. سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يىغىن ئېچىپ سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىدۇق ۋە ئالماشتۇردۇق. كىتابخۇمار سىياسىي كېڭەش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش بويىچە توردا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدۇق، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىگە دائىر يۈرۈشلۈك كىتابلارنى نەشر قىلدۇردۇق، ئەزالارنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزدۇق. تەكلىپ بېجىرىشكە دائىر كېڭىشىش يىغىنى خىزمەت قائىدىسىنى تۈزدۇق، مەملىكەت بويىچە يەرلىك سىياسىي كېڭەشلەر تەكلىپ خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتۇق. سىياسىي كېڭەشكە دائىر نەزەرىيە تەتقىقاتى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نەزەرىيە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بەردۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئىدېئولوگىيە بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە بۇ ھەقتىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق. ئەزالار مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش سۇپىسى ۋە كىتاب ئوقۇش ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇپىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركەزنىڭ كۆزىتىشىدە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەخسۇس كومىتېتلار، شۆبە پارتگۇرۇپپىلىرىنى مەخسۇس كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندۇق.

ئەزالار، بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ئورۇنلار، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ شان - شەرەپنى قەدىرلەپ، بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تىرىشىپ تۆھپە قوشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

خىزمىتىمىزدىكى بەزى يېتەرسىزلىكلەرنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز: كېڭىشىش، ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش ئىشلىرىمىزنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە، ئەزالارنىڭ ھەر ساھە ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاشقا، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ ۋە باشقىلار، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

2. 2022 - يىلى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى چۆرىدەپ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز

2022 - يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىدىكى مۇھىم بىر يىل، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنى ئاچىدىغان يىل. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە تەڭ كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20 - قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، 20 - قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۈتۈن يىللىق مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتە يېتەكلەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، مۇقىم، ساغلام ئىقتىسادىي مۇھىتنى، دۆلەت ئاسايىشلىق، خەلق بەخت - سائادەتلىك بولغان ئىجتىمائىي مۇھىتنى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

(1) پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەيمىز. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20 - قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىشنى چۆرىدەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتگۇرۇپپا نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى يېتەكچى قىلغان ئۆگىنىش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ھەقىقىي ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، كەڭ ئەزالارنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرىمىز ۋە يېتەكلەيمىز. سىردىشىش، سۆھبەتلىشىش، ئەزالار دەرسخانىسى، مۇھىم، زور مەخسۇس خىزمەت بويىچە ئەزالار لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ تاراتقۇلار بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنى، نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى قاتارلىق مېخانىزملاشتۇرۇلغان ئۇسۇللارنىڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئەزالارنى ئۆز كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈزبەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز. ئىتتىپاقلىق - دوستلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ شەكلىنى بېيىتىپ، جەمئىيەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ھەر ساھەدىكى ئاممىنىڭ تەلىپىنى ئىنكاس قىلىپ، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، دائىمىي كومىتېت يىغىنى، رەئىسلەر يىغىنى، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىدا ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىش - دوكلات بېرىش، ئەزالار كىتاب ئوقۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ياخشى ئىشلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ھەقىقىي تۈردە قۇرۇلتاينىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنى كۈچلۈك تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋر ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرىمىز ۋە يېتەكلەيمىز.

(2) يۇقىرى سۈپەتلىك ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىمىز. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشنى قارالما قىلىپ، دائىمىي كومىتېت مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭى دەۋر ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىمىز. قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش، يىراقتىن كېڭىشىش، تەكلىپ بېجىرىش ھەققىدە كېڭىشىش، نىشانلىق كېڭىشىش قاتارلىق شەكىللەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، ئۇرۇقچىلىق سىياسىتى ئارقىلىق مەدەت بېرىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننى، شياڭگاڭنى، ئاۋمېننى سۆيگۈچى كۈچلەر ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، كېسىم قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، كەسپىي مائارىپنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، خۇاڭخې دەرياسى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىجىتىش، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئەل رىشتىنى باغلاشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىمىز ۋە كېڭىشىمىز. كېڭىشىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىمىز. مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى تۈزۈم - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ھازىرلىق كۆرۈش، يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن كۆرەر تەتقىقاتنى قانات يايدۇرىمىز ۋە چوڭقۇر كېڭىشىمىز. 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى چۆرىدەپ دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاش، ياخشىلاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

(3) مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ «قايتا تەكشۈرۈش»نى قانات يايدۇرىمىز، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ خۇلاسىلەيمىز، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇھىم، زور نەزەرىيەلىرى ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭىشىش مەزمۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كېڭىشىش شەكلىنى بېيىتىش، كېڭىشىش قائىدىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، كېڭىشىش مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈش، كېڭىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە تىرىشىپ يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىمىز. سىياسىي كېڭەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قوللىنىشچان ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. يېڭى دەۋردە شەھەر - ناھىيەلەردە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ ئىزچىللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىمىز. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ۋە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى» دېگەن تېمىدا نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىمىز. تەكلىپ بېجىرىش ھەققىدە كېڭىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىمىز، مۇنەۋۋەر تەكلىپلەر ۋە ئىلغار بېجىرگۈچى ئورۇنلارنى تەقدىرلەش يىغىنىنى تەشكىللەپ ئاچىمىز. سىياسىي كېڭەش ئۇچۇرلىرى، يىغىندا سۆزگە چىقىش، تارىخىي ماتېرىياللار، ئاخبارات - تەشۋىقات قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تاشقى دوستلۇق ئالاقىسىنى پائال قانات يايدۇرىمىز. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشىغا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى ماسلىشىپ ياخشى ئىشلەيمىز. نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە لايىق كەسىپلەشكەن يۇقىرى ساپالىق ئورگان كادىرلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىمىز.

3. بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىش: جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىدا بىرلىك سەپتە چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم، زور تارىخىي تەجرىبىلەر چوڭقۇر يەكۈنلەندى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشنىڭ سىمۋولى، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى توپلىشىمىز كېرەك.

(1) جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش − يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىتتىپاقلىقتىن بارلىققا كەلگەن، ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، ئىتتىپاقلىققا تايىنىپ گۈللەنگەن، ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىللەردە جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. نۆۋەتتە، دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشنىڭ سۈرئىتى تېزلەشمەكتە، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ زور ھەم ئۆزگىچە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقى، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ كۆپلۈكى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىنىقىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولماقتا، بۇ، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى تېخىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. يېڭى دەۋر خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەر سىزىپ چىقىپ، پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتى، قاتلاملار مۇناسىۋىتى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، ھەربىر ئەزانىڭ جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم كۈچ ئىكەنلىكى، ھەر ساھەدىكى ئاممىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقلىشىش ئوبيېكتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ھەممە ئادەم ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەممە ئادەم ئىتتىپاقلىقنى كۆزلەپ، ھەممە ئادەم ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەتتە قاراپ تۇرغۇچى بولماستىن، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغۇچى بولۇش، قۇرۇق گەپ قىلغۇچى بولماستىن، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچنى گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە مۇجەسسەملەش كېرەك.

(2) جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كېڭىشىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئورتاق تونۇش ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەش پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ قىممەت ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ تۈزۈم ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈردى. يېڭى دەۋر شارائىتىدا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، دېموكراتىك ئۇسۇل، مۇزاكىرە قىلىش ئۇسۇلى، تەنقىد قىلىش ئۇسۇلى، قايىل قىلىش - تەربىيە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ماھىر بولۇپ، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بىر نىيەت - بىر يۆنىلىشتە بولۇپ سەمىمىي كېڭىشىش ئارقىلىق، ئىچكى قىسىمدىن سىرتقىچە، بىلىشتىن قىلىشقىچە بولغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇسۇل - ۋاسىتىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇشتىن ساقلىنىپ، ئەزالارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھە، دائىرە، كەسىپلەردىن كەلگەنلىكىدەك ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىدىيەۋى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئادەمگە قاراپ پەرقلىق مۇئامىلە قىلىپ، زامانغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ۋەزىيەتكە قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆگىنىش، سۆھبەتلىشىش، سىردىشىش، سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مۇۋاپىق ئارزۇ - تەلەپلەرنى پائال ئىنكاس قىلىپ، كۆپچىلىكنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە توغرا قاراشقا يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەيپىياتنى تەڭشەش، كۆزلىمىنى يېتەكلەش، ئىشەنچنى چىڭىتىش خىزمىتىنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك. نىشان - ھەرىكەتنىڭ قىسقا مۇددەتلىك بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ، تەدرىجىي ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، بوشاشماي تىرىشىپ، بەزى مۇرەككەپ، سەزگۈر مەسىلىلەردىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشنى دائىملىق ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىيىن نۇقتا، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ۋە بىخ ھالىتىدىكى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش داۋامىدا دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئەلرايىنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىزچىل ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. باھالاش ئۆلچىمىدە بىر تەرەپلىمىلىك كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كونكرېت ئۈنۈمدە ھەم ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولغان - بولمىغانلىقىغا، ھەم يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىشكە پايدىلىق بولغان - بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك؛ ھەم ھالقىلىق پەيتتە مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش ۋە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە قاراش، ھەم ئۆز ساھەسىدىكى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، زىددىيەتنى پەسەيتىش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىگە قاراش كېرەك. خىزمەت تەدبىرلىرىنى شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بىلەن سىياسىي كېڭەشتە كېڭىشىشنى ئالغا سىلجىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، يېقىن جايدا، شۇ يەردە ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، زامانىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئاممىغا يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلغۇچى، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە يېتەكلىگۈچى، ھەر ساھە ئاممىنىڭ يېقىن دىلكىشى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

(3) جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش شەرت. ئىتتىپاقلىقتا مەركەز بولۇشى كېرەك، مەركەزنى چىڭ ساقلىغاندىلا ھەممە بىر نىيەتكە كەلگىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەركىزى بولۇشى − تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە رەھبەرلىكى قانچە كۈچلۈك بولسا، پارتىيەنىڭ بايرىقى قانچە روشەن بولسا، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى شۇنچە مۇستەھكەملىگىلى ۋە زورايتقىلى بولىدۇ، جۇڭگو خەلقى ۋە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي، كەڭ، زىچ بولغان بۈيۈك ئىتتىپاقلىقنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم بازىغا، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىل زاتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش، يېتەكلەشتىكى مۇھىم سۇپىغا، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساستا زىددىيەتنى پەسەيتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىكى مۇھىم يولغا ئايلىنىشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرى پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش جەھەتتە دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغان، زىددىيەتنى پەسەيتىشتە ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان بولۇشى كېرەك. نېمىلا سۆزلىسە ھېساب بولۇۋېرىدىغان ئەمەس، بەلكى توغرا سۆزلەيدىغان مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، توغرا سۆزلەشتىن سۆزلىگىنىنى مېڭىگە، قەلبكە سىڭدۈرەلەيدىغان خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تارىخىي ئەسلىمە، ئورتاق مەنىۋى ماكان ئارقىلىق مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، قىممەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 100 يىللىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر، ئورتاق كۈرەش نىشانى ئارقىلىق يولنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، تۈزۈمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇش، مەنپەئەت جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق نەزەرىيەنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، سىياسەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى تىرىشىپ ئادا قىلىش داۋامىدا ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەش داۋامىدا ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەپ، ئورتاق كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئىتتىپاقلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئەزالار! كۈچ ئىتتىپاقلىقتىن كېلىدۇ، بۇرچ ئىتتىپاقلىقنى چاقىرىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

(تەرجىمىسىنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ كاتىبات باشقارمىسى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.