تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتەيلى

− مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

□ خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىنىپ تەرەققىيات كۆزلەندى، قەلب ۋە كۈچ توپلىنىپ يېڭى سەھىپە پۈتۈلدى. 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق تاماملاپ، بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. بىز يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

بۇ، دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق يىغىن بولدى. يىغىن مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى ئەزالار گۇرۇپپىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، ئەزالار بىلەن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى چوڭقۇر كېڭىشىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ھەم باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆتتى ھەم مۇزاكىرە قىلدى. يىغىن قارالمىسى ئىخچام، ئەمەلىيەتچىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇشتەك مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى تولۇق نامايان قىلىپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشتىكى ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىدى.

ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋاملىق چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش يۈزبېرىۋاتىدۇ، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كەلدى، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تىركىشىشى كۈنسېرى كەسكىنلەشتى، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى، دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر. بىز شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا نۇرغۇن ئىستراتېگىيەلىك پايدىلىق شارائىتقا ئىگە. بىرىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، پۈتۈن ۋەزىيەت ئىگىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر ماسلاشتۇرۇلۇپ، تۈرلۈك ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇش تۈپ سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى بولغاچقا، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش قاتارلىق ئەمەلىيەت داۋامىدا كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى» بىلەن «غەربتىكى مالىمانچىلىق»نىڭ سېلىشتۇرمىسى تېخىمۇ روشەن بولدى. ئۈچىنچى، سىجىل، تېز تەرەققىيات داۋامىدا توپلانغان پۇختا ئاساس بولغاچقا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ سانى كۆپ، ئايلىنىش ئىمكانىيىتى كەڭ، يەنە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار بار، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسى ئۆزگەرمەيدۇ، كۈچلۈك ئېلاستىكلىققا ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە. تۆتىنچى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى بولغاچقا، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتەك مۆجىزە داۋاملىق پۈتۈلدى. بەشىنچى، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان مەنىۋى كۈچ بولغاچقا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقى يەنىمۇ قوزغىتىلدى، ئىرادىسى، شىجائىتى، غەيرىتى مىسلىسىز كۈچەيدى، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايى يۈكسەك دەرىجىدە ئۇرغۇدى. بىز پايدىلىق شارائىتنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك!

ھازىر، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندۇق. نىشانغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپلەشكەنسېرى، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بىر نىيەتتە ئويلايدىغان، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىتتىپاقلىق سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن، ئىتتىپاقلىققا تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئىتتىپاقلىققا تايىنىپ گۈللىنىدۇ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشنىڭ سىمۋولى. يېڭى مۇساپىدە، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئۈنۈملۈك قوللىنىپ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچنى گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە مۇجەسسەملەش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كېڭىشىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق تونۇش ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىتتىپاقلىقنىڭ چەمبەر مەركىزى بولۇشى كېرەك، چەمبەر مەركىزىنى چىڭ ساقلىغاندىلا، ئاندىن ھەممە بىر نىيەتتە بولغىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ چەمبەر مەركىزى بولۇشى تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە زورايتىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي، كەڭ، زىچ بولغان بۈيۈك ئىتتىپاقلىقنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

2022 - يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنى ئاچىدۇ. ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى 20 - قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش، 20 - قۇرۇلتاينى ياخشى ئېچىش، 20 - قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ پىلانلىنىشى ۋە قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەكلىپ بېرىش، سىياسىي مەسلىھەت بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپلەر ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئىتتىپاقلىق − كۈچ، كۈرەش قىلىش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، غايە - ئېتىقاد بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەتئىيلىكنى ساقلاپ، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەتلىك ۋە غايىلىك بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى، تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان - شەرەپ قۇچايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.