تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

يېڭى كۆكتات، بۆلجۈرگەنلەر بازارغا سېلىندى باھاردىكى مول ھوسۇل پەيتى كەلدى

 

3-ئاينىڭ 5-كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسى جاڭا جەر يېزىسى ئالغا باسار كەنتىنىڭ ئاقىل يېزا ئىگىلىك باغچىسىدا بىر خىزمەتچى كۆكتات ئۈزمەكتە.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

چاغانتوقاي ناھىيەسى جاڭا جەر يېزىسى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە تايىنىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، دېھقانلارنى «تېرىش + ئارام ئېلىش + ئۈزۈش» ئەندىزىسى ئارقىلىق ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

3-ئاينىڭ 4-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئاقئۆستەڭ يېزىسى چاڭشۈي كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى موگۇ ئۆستۈرۈش بازىسىدا موگۇ ئۈزۈپ، بازارغا سېلىشقا تەييارلانماقتا.

ۋۇ لې فوتوسى

كۇچا شەھىرى ئاقئۆستەڭ يېزىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى پارنىكتا موگۇ ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى، نۆۋەتتە پۈتۈن يېزىدا موگۇ زەمبۇرۇغ بوغچىسىدىن 3000دىن ئارتۇقى بولۇپ، سېتىش كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئونسۇ ناھىيەسى توپخان بازىرى يۇقارقى توپخان كەنتىدىكى بۆلجۈرگەنلىكتە ئورگانىك بۆلجۈرگەن ئۈزمەكتە.

يەن شوۋلىن فوتوسى

 ئونسۇ ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇغراپىيەلىك ئورۇن ۋە سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «خاس تېرىقچىلىق + ئۈزۈش سەيلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ ئورگانىك يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شۇ جايدىكى يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىگشىن بازىرى خارمۇدۇن كەنتىدىكى ئاھالىلەر پارنىكتا جۇسەي ئورۇماقتا.

چۆ. خۇرە فوتوسى

بۈگۈنكى كۈندە، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلىرىدىكى پارنىكلاردا ئۆستۈرۈلگەن جۇسەيلەر بارغانسېرى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ئەتراپتىكى ناھىيە، بازارلاردا سېتىلىشى ياخشى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.