تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

«شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.» بۇ يىل مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى كېلىشىۋالغاندەكلا نەزەرىنى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

«3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، مەدەنىيەت - سەنئەت ئىشلىرىدا گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان جانلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.» ئەزا دىلنار ئابلا مۇنداق دېدى: نەتىجىلەردىن خۇشاللىققا چۆمۈش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك.

ئۇ مۇنداق قارىدى: ھازىر، ھەرقايسى ئالاقىدار ئاپپاراتلارنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا بولغان نەزەرىيە تەتقىقاتى تېخى چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئەمەس، ياشلار، ئۆسمۈرلەر جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مائارىپىدا يەنە دەرس سىستېمىسى مۇكەممەل بولماسلىق، مائارىپ بايلىقى مول بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت.

ئەزا دىلنار ئابلا مۇنداق تەكلىپ بەردى: دۆلەت قاتلىمىدىن يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەپ، يىرىك پىلاننى جىپسىلاشتۇرۇش، تۈرلەرگە تۈرتكە بولۇش، نازارەت قىلىش - باھالاش قاتارلىق مېخانىزملارنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇھىم، زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت نادىر ئەسەرلەر ئىجادىيىتى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسى دەرسلىكى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، جۇڭخۇا شېئىرلىرى، كىلاسسىك ئەدەبىيات ھەمدە جۇڭگوچە رەسىم، جۇڭگو ئەنئەنىۋى ئىلمى قاتارلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى مەكتەپ مائارىپىغا ئورگانىك سىڭدۈرۈش كېرەك.

ئەزا جيا ديەنزېڭ بۇنى يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلدى. مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدا مەخسۇس تېما، تېما تەسىس قىلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار ۋە پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش جەھەتتىكى تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتەك ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش تەكلىپىنى بەردى.

ئۇ يەنە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش شەكلى ۋە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك، دەپ قارىدى. «يېڭى تاراتقۇ، ئالاقە تورى يېڭى تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سىن شەكلىنى ئاساس قىلغان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسى شەكلى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى كۆرۈشنى خالايدىغان، كۆرەلەيدىغان، ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان قىلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ئازادە، خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن» دېدى ئەزا جيا ديەنزېڭ.

بايىنبۇلاق يايلىقى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئېگىز تاغ يايلىقى بولۇپ، ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىگە ئىگە، قەھرىمانلىق داستانى «جاڭغىر»، خەلق ئۇسسۇلى ساۋۇردىڭ، دۇڭگۇي نادام بايرىمى ۋەكىللىكىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بۇ يەردە ۋارىسلىق قىلىنغان. ئەزا ساڭجى جياسو بايىنبۇلاقتا دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت، ئېكولوگىيەنى قوغداش رايونى تەسىس قىلىپ، رايون غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت ماركىسى يارىتىپ، مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتنىڭ ئىشەنچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئۇنى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.