تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە تۇەنىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 4300 مېتىر ئېگىزلىكتە تۇرۇشلۇق مەشىق گازارما رايونىدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىغا ئاتلىنىشتىكى قىزغىنلىقى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىدى. بىر مەيدان ئەمەلىي ئۇرۇش تۈسىنى ئالغان ئۇنىۋېرسال ھەربىي مانېۋىردا، مەشىققە قاتناشقان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن، سەپ تۈزۈپ تەييارلىنىپ، جەڭگە ئاتلىنىش ھالىتى، ئەمەلىي ئۇرۇش ئۆلچىمى بىلەن مەشىق مەيدانىغا ئاتلاندى.

«ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشىنىڭ ئاساسىي شەكلى، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.» شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە تۇەنىنىڭ جېڭۋېيسى سەي ئەيمىن مۇنداق بىلدۈردى: ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىسىمنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە قاتتىق كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قىسىمنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كوللېكتىپ ئۆگەنگەندىن كېيىن، دېڭىز يۈزىدىن 5300 مېتىر قارلىق ئېگىزلىكتە تۇرۇپ مەشىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم لۈسىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش پولاتتەك ئىنتىزامىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى قىزغىن دولقۇنىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاپ، قىيىن بولۇش، قاتتىق بولۇش، ئەمەلىي جەڭ تۈسىنى ئېلىشنى چىقىش قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتىمىز. «بىز بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قائىدە - نىزامى، تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەشىقنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، پىروگرامما بويىچە مەشىق قىلىپ، كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدار ئاساسىمىزنى پۇختىلايمىز» دېدى شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم لۈسىنىڭ يىڭجاڭى لى سۇڭتاۋ.

ئۇرۇش پىلانىنى تۈزىدىغان قوماندانلىق بارگاھىدىن ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى مەشىق مەيدانىغىچە، باش ئەترەت ئورگىنىدىكى كادىرلاردىن ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگىچە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ھەربىي مەشىق قىلىش قىزغىنلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى. باش ئەترەت ئورگىنى بىرىنچى ۋاقىتتا قائىدە - نىزام تەلىپىگە سېلىشتۇرۇپ مەشىقنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى، باش ئەترەت ئورگىنىغا قاراشلىق ئورۇنلار مەشىق تەپسىلىي قائىدىسىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، مەشىق قىلىش، مەشىققە تەشكىللەشكە ئالاقىدار قائىدە - نىزام، تۈزۈملەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پىروگرامما ئۆلچىمى بويىچە تۈرلۈك مەشىقنى قانات يايدۇردى.

قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان مەشىق مەيدانىدا، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترىتىنىڭ ئالاھىدە جەڭ قىلىش چوڭ ئەترىتى بىناغا يامىشىش مەشىقىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتاتتى، ئالاھىدە جەڭ ئەترىتىنىڭ بىرنەچچە ئەزاسى كەسكىن بەسلىشىشتە بىر - بىرىگە يول قويمىدى. مەشىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالاھىدە جەڭ قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ليۇ جىجۈن مۇنداق بىلدۈردى: چوقۇم قىسىمنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى ياخشى يېتەكلەش جەريانىدا قانۇنچىللىق تەپەككۇرىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ئەھۋاللارنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايمىز.

قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۇەن باش ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 6 - تارماق ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئارمىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئارمىيەنىڭ يۈكسەك مەركەزلەشكەن بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى.

«تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا، خەلق ئارمىيەسى جەزمەن پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇشى كېرەك.» قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۇەن باش ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 6 - تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى ئىمىن تۇرسۇن مۇنداق بىلدۈردى: مەڭگۈ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان خەلق جەڭچىسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ قارارىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ھەربىي ئىشلار ئىقتىدارىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.

(مۇخبىرلار ۋاڭ نا، ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېن خۇي، سۈن ئەنچۇەن، ۋاڭ گويىن، ماۋ سۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.