تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى

«شىنجاڭنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى مائارىپ، ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھوقۇق - مەنپەئەت كاپالىتى» سۆھبەت يىغىن ئېچىلدى

شىنجاڭدا ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايون «شىنجاڭنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى مائارىپ، ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھوقۇق - مەنپەئەت كاپالىتى» سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەسلەپ خۇلاسىلىدى، سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ پىكىر ئالماشتۇردى، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قارىتا قىلغان ھۇجۇمى ۋە بوھتان چاپلىشىغا قايتۇرما زەربە بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايون رەھبىرى لى شۆجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

خې جۇڭيوۋ شىنجاڭنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى، تەربىيەلىنىش ھوقۇقى، ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ھەم بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇرغاندا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق بىر قاتار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل يولغا قويدى. مائارىپ، ئاياللار ۋە بالىلار ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئامما ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە جەمئىيەت تىنچ بولغان، ئاسايىشلىققا تولغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، شەھەر - يېزا مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتقان. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان، ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇلغان يېزىلاردىكى يەسلى 4408 بولۇپ، «قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان، پۈتۈن شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ «يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەم ئۇلار ھەقسىز ناشتىلىق ۋە چۈشلۈك تاماقتىن بەھرىمەن بولغان. ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىدىن ئاسپىرانتلار مائارىپىغىچە ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالماسلىقىغا، ئوقۇشتىن توختاپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغان. 2020 - يىلىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر ئۈچ يىللىق مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98.19كە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى يەسلىلەر بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %91.36كە، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %95.69كە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98.97كە يەتكەن بولۇپ، بىردەك پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان.

ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» قاتارلىق ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇن، قائىدە - نىزاملىرى تۈزۈپ چىقىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى جىنسىي كەمسىتىش تۈگىتىلىپ، ئەر - ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىش يولغا قويۇلۇپ، ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە ئەمگەك مۇھاپىزىتى كۈچەيتىلىپ، ئاياللار ئۈچۈن ئالاھىدە كېسەللەرنى ھەقسىز تاسقاپ تەكشۈرۈش ۋە سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلدى. ئاياللارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىش سانى سىجىل ئاشتى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەربىيەلىنىش ھوقۇقى، تەدبىر بەلگىلەشكە، باشقۇرۇشقا قاتنىشىش ھوقۇقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھوقۇقى، ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇق - مەنپەئەتلەردىن قانۇن بويىچە تولۇق بەھرىمەن قىلىندى. ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلىش سان نىسبىتى سىجىل ئېشىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، داۋالاش - مائارىپ قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتتى.

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى» قاتارلىق بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا دائىر قانۇن، قائىدە - نىزاملار تۈزۈلۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىلدى. ئۆسمۈرلەر، بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلدى، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك بالىلار مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. بالىلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، ياشاش، تەرەققىي قىلىش مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلدى، ئۇلار ۋەتەننىڭ ئىللىق قوينىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدى.

سۆھبەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى ۋە ئىلى سىفەن داشۆسىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار شىنجاڭنىڭ مائارىپ، ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى باش تېمىسىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.