تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى «ئىككى ئالىي مەھكىمە» خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېينىڭ بېيجىڭدىن ئۇلاپ بەرگەن خەۋىرى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ھەرقايسى ساھە گۇرۇپپىلىرى بويىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

ئەزالار مۇنداق قارىدى: «ئىككى ئالىي مەھكىمە» خىزمىتىدىن دوكلاتقا شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپتۇ، ئاممىغا يېقىن، خەلق رايىغا ياقىدىغان، ئىللىقلىققا تولغان بولۇپ، تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇمات، جانلىق مىساللار ئارقىلىق قانۇنچىللىق روھى نامايان قىلىنىپتۇ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپتۇ. 2021 - يىلى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەم ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە پائال ئادا قىلىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى، قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پاكىز تور بوشلۇقى بەرپا قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور مىقداردا ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈشكە بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئەزالار مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىللىق «ئىككى ئالىي مەھكىمە» خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ ئالاھىدىلىكى روشەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئادىللىقنى قوغداپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش باش مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىش، قاتتىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىپتۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەم ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» دېگەنلىك مەسئۇلىيەت ئېغىر دېگەنلىكتۇر دېگەننى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»قا دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىپ، ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى دېلولىرىنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان بىر تۈركۈم ناھەق، خاتا جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى تۈزىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت تىنچلىقى ۋە خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قەتئىي قوغداپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. كونكرېت قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە، قانۇن، داۋلى، ھېسسىياتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، روشەن جۇڭگو خاسلىقىنى نامايان قىلدى.

بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان يىل، ئەزالار مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەم ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باش تېمىسى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «قانۇنچىللىق ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىشى كېرەك. دېلوغا قاراپ چىقىش، قانۇن نازارەتچىلىكى، كەسىپ جەھەتتە تەربىيەلەش، قوشۇن قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ياردەم بېرىپ، شىنجاڭدىكى قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى كېرەك.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرىدىن دۇڭ شىنگۇاڭ، كۇڭ شىڭلۇڭ، پېڭ يۇڭ، مۇتەللىپ قاسىم، ھۆرىگۈل جاپپار، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، ماغاۋ سېيىتقامزا، غەيرەت ئۆمەر قاتارلىقلار مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.