تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى

ئەركىن ئىمىرباقى، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن قاتارلىقلار قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

ۋەكىل ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە نامايان قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ۋەكىل ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دوكلاتقا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ۋەكىل شەۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلاتقا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپتۇ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملىنىپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئاساس، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى بۇرچ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نىياز ھاشىم، چېن لياڭ، پۇربە تۈگېجېجاپ، سۈي جيۇشيۇ، مۇسا مەمەت، جارقىن ئاقات، جاڭ يەن، مەمتىمىن ئابدۇغېنى قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ كۆزلەپ پائال نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شى داگاڭ، لى ۋېي، زۇمرەت ئوبۇل، غانىبات سابۇكەي، مۇقىيات جارمۇقامەت، جۇ خەيلۇن، پېڭ جيارۇي، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، دىلشات قىدىرقان قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.