تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يېڭىچە دېھقان ئاياللار تولىمۇ قالتىس

2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ياۋ دىڭشياڭ شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى ئېرىشكەن شەرەپ گۇۋاھنامىلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.

2021 - يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئامىنەم كېرەم خادىملارنى تەربىيەلىمەكتە.

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، تولى ناھىيەسى خۇڭۋۇروبا چىڭچۈەن يېمەكلىك پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىدە، جانارگۈل مارجان سۈت مەھسۇلاتلىرى تەييارلىماقتا.

2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئارال شەھىرى جىنخې مېۋە - كۆكتات دېھقانلار كەسپىي تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پارنىكىدا، جوۋ شياۋلىڭ ساۋمېينى تونۇشتۇرماقتا. □ سۈرەتلەرنى بىردەك زىيارەت ئوبيېكتلىرى تەمىنلىگەن

[ئوقۇش ئەسكەرتمىسى]

يېقىندا، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى «يېڭىچە دېھقان ئاياللار» ئىگىلىك تىكلەش تىپىك مىساللىرىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىن تۆت كىشى تاللاندى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئادۋوكاتلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسەتكەن ياۋ دىڭشياڭ بار؛ چىلىغان سەينى چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرغان ھەم يۇرتداشلىرىنى بېيىشقا يېتەكلىگەن ئامىنەم كېرەم بار؛ قېتىرقىنىپ ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنى تەييارلاپ، گۈزەل يۇرتىنى تونۇشتۇرغان جانارگۈل مارجان بار؛ يەنە چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قۇملۇقتا پارنىك ساۋمېيسى ئۆستۈرگەن مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش تالانت ئىگىسى جوۋ شياۋلىڭ بار. يېڭىچە دېھقان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار «ئەرلەردىن قېلىشمايدۇ». بۇ ساندىكى ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن خەۋەردە بۇ «يېڭىچە دېھقان ئاياللار»نىڭ ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.

ياۋ دىڭشياڭ

«قانۇن ساھەسىدىكى ساھىبجامال» باقمىچىلىق كارخانىسىنى نەپكە ئېرىشتۈردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، قوشۇمچە مۇدىرىيەت كاتىپى ياۋ دىڭشياڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيەسى قاراسۇ يېزىسى كىچىك قاراسۇ كەنتىدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. «ئائىلەم بۇ يەردە، بۇ يەردە باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپ، بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە قايتىپ خىزمەت قىلىمەن» دېدى ياۋ دىڭشياڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

ياۋ دىڭشياڭ بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن بولۇپ، سۆزلىرى ناھايىتى مۇلايىم ئىدى، لېكىن خىزمەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلاتتى.

2010 - يىلى، ياۋ دىڭشياڭ غەربىي شىمال سىياسىي قانۇن داشۆسىنىڭ قانۇن ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئادۋوكات بولدى. 2013 - يىلى، ھامىلىدار بولغىنىغا سەككىز ئاي بولغان ياۋ دىڭشياڭ كىچىك قاراسۇ كەنتىگە كېلىپ، قانۇن مەسلىھەتچىسى سالاھىيىتى بىلەن شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تيەنيۈن» شىركىتى دېيىلىدۇ)نى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئىشلىرىغا قاتناشتى.

2014 - يىلى، بېلىق تۈرلىرىنى ئېكولوگىيەلىك بېقىش، پىششىقلاش، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى، سېتىش، يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمىتى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تيەنيۈن شىركىتى قۇرۇلدى، ياۋ دىڭشياڭنىڭ خىزمىتى يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن باغلاندى.

تيەنيۈن شىركىتى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قوغداش تىپىدىكى تور ساندۇقىدا بېلىق باقىدۇ، بۇ، شىركەت ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان يېرىم يېپىق ھالەتتىكى ئايلانما سۇ باقمىچىلىق سىستېمىسى بولۇپ، بېلىق ياشايدىغان سۇ رايونىنىڭ سۇ تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلالايدۇ. سۇ ئاستىدا بۇلغىمىنى تازىلايدىغان ماشىنا ئادەم ھەر ئايدا بىر قېتىم تور ساندۇقىنى تازىلاپ، سۇ رايونىنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

«شىركەتنىڭ باقمىچىلىق ئەندىزىسىنىڭ پەن - تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى، لېكىن 2018 - يىلى، دۆلەتنىڭ مۇھىت قوغداش سىياسىتىنىڭ تەڭشىلىشى سەۋەبلىك، تور ساندۇقى باقمىچىلىق ئەندىزىسى قاتتىق سىناققا دۇچ كەلدى» دېدى ياۋ دىڭشياڭ.

«كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە يېتەكچىلىك قىلىش مۇندەرىجىسى(2011 - يىللىق نۇسخىسى)»گە ئاساسەن، يەمچۈك تاشلىنىدىغان تور ساندۇقى باقمىچىلىقى چەكلەش تۈرىدىكى كەسىپكە تەۋە ئىدى، لېكىن تيەنيۈن شىركىتى قوللانغان باقمىچىلىق ئەندىزىسى ئەنئەنىۋى تور ساندۇقى باقمىچىلىقىدىن پەرقلىنىدىغان بولغاچقا، ياۋ دىڭشياڭ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى: سىياسەتتىكى تور ساندۇقى باقمىچىلىقىغا ئالاقىدار قىسىمنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق كارخانىلىرىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، دەپ قارىدى.

«نىلقا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، بىزنىڭ قاتلاممۇقاتلام ئىلتىماس قىلىشىمىز بىلەن، ئالاقىدار سىياسەتلەر تەڭشىلىپ، يەمچۈك تاشلىنىدىغان تور ساندۇقى باقمىچىلىقىغا قايتىدىن دائىرە بېكىتىلدى» دېدى ياۋ دىڭشياڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

مۇشۇ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ياۋ دىڭشياڭ بېيجىڭ داچېڭ(ئۈرۈمچى) ئادۋوكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، تيەنيۈن شىركىتىگە كېلىپ، نۇقتىلىق ھالدا سىياسەت تەتقىق قىلىش ۋە شىركەت خەۋپ - خەتىرىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش بىلەن شۇغۇللاندى.

تيەنيۈن شىركىتى يەتتە يىلدىن كۆپرەك تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، ھەر يىلى يەنە 600 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىگە پايدا تەقسىملەپ بېرىپ، كىچىك قاراسۇ كەنتىگە غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى.

«يېڭىچە دېھقان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھازىرقى بۇ خىزمىتىمنى قىزغىن سۆيىمەن، مەن پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ھەميېنىنى بارغانسېرى تومپايتقىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى ياۋ دىڭشياڭ.

ئامىنەم كېرەم

چىلىغان سەي كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

نۇرغۇن يۇرتداشلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئامىنەم كېرەم باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، چۈنكى باھار بايرىمى بازىرىنىڭ چىلىغان سەي زاكازلىرى ئۈزۈلمەي كەلگەچكە، ئۇ ئىزچىل ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ زاكازلارنى جىددىي تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولدى.

«يۇرتۇمدا ئىگىلىك تىكلەپ، ئەتراپىمدىكىلەرنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلىيەلىسەم، ئازراق جاپا تارتساممۇ، ئازراق ھارساممۇ، ئەمما ناھايىتى مەنىلىك، بەختلىك ھېس قىلىمەن. بۇ يىل، مەن بىر سولياۋ ئوراش - قاچىلاش قاچىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ، ئىككى خىل چىلىغان چامغۇر سەي ۋە ئىككى خىل مېۋە كونسېرۋاسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيمەن» دېدى 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 22دە ئاران ئىشتىن چۈشەلىگەن ئامىنەم مۇخبىرغا.

تاللا بازىرىغا بېرىپ مال سېتىۋالغاندا، ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېگەندە ئامىنەمنىڭ تۇنجى بولۇپ ئويلايدىغىنى چىلىغان سەينىڭ بار - يوقلۇقى، چىلىغان سەينىڭ تەمى، ئورالمىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە قاراپ بېقىش ئىدى. ئىگىلىك تىكلىگەن سەككىز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇ يېزىغا قۇرۇلغان ھۈنەرخانا شەكلىدىكى بىر كىچىك چىلىغان سەي زاۋۇتىنى زامانىۋى مېۋە - چېۋە، كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىغا ئايلاندۇردى. شىركەت ئىشلەپچىقارغان «قەدىرى» ۋە «يەنە بىر يېسەم» ماركىلىق يۈرۈشلۈك چىلىغان سەيلەر تەبىئىي ئېچىتىلغان چىلىغان سەي مەھسۇلاتى، ئاچچىقسۇغا چىلانغان مەھسۇلات، كورېيەچە چىلانغان سەي مەھسۇلاتى، ئارىلاشما كۆكتاتلاردىن چىلانغان سەي مەھسۇلاتى قاتارلىق نۇرغۇن سورتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن شەھەرگە سېتىلىدۇ.

ئۇنىڭ چىلىغان سەيلىرىگە ئوخشاش، ئىزچىل باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدىغان ئامىنەمنىڭ نامىمۇ بارغانسېرى تونۇلۇشقا باشلىدى. توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى قاراتاش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابلەت ھامىت ئامىنەمنى تىلغا ئالغاندا ئىختىيارسىز باش بارمىقىنى چىقىرىپ: «ئۇنىڭ مۇقىم خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، شەھەردىن يېزىغا كېلىپ زاۋۇت قۇرۇپ، 30 نەچچە كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى بىز ئەرلەرنى چىن قەلبىمىزدىن قايىل قىلدى» دەپ ماختىدى.

ئەرلەردىن قېلىشمايدىغان ئايال. ئامىنەمنى پىششىق بىلىدىغان كىشىلەر دائىم مۇشۇ سۆز بىلەن ئۇنىڭغا باھا بېرىدۇ. ئۇ ئەسلىدە توقسۇ ناھىيەلىك ئاشلىق ئىدارىسىدە خىزمەت قىلاتتى، ئېرى مەمۇر، ئاتا - ئانىسى ئوقۇتقۇچى بولۇپ، باشقىلارنىڭ نەزەرىدە ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن خاتىرجەم ئىدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئىزچىل بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، جەمئىيەت ئۈچۈن ئازراق كۈچ قوشۇش ئارزۇسى بار ئىدى.

2013 - يىلى، ئامىنەمنىڭ بالىسى مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىدى. ئامىنەمنىڭ ئاكىسى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشنى تەتقىق قىلاتتى، ئۇ چىلىغان سەي جەنۇبىي شىنجاڭدا بارغانسېرى قارشى ئېلىنىۋاتىدۇ دەپ قاراپ، ئامىنەمگە چىلىغان سەي ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇ ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن قاراتاش كەنتىدە توقسۇ قەدىرى بىيوتېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇردى، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنغان خادىملارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ كەنتتىكى ئاياللار ئىدى.

جاپاغا چىداپ ئىشلەشكە تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولۇش قوشۇلۇپ، ئامىنەمنىڭ ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز زورايدى. ئۇ باشلامچىلىق بىلەن توقسۇ ناھىيەسى قەدىرى چىلىغان سەي جەمئىيىتىنى تەشكىللەپ قۇردى، شىركەت يەنە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېمەكلىك ئىلمى ۋە دورىگەرلىك شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتۇش پىراكتىكا بازىسىغا ئايلاندى. ئامىنەم پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىچىك چىلىغان سەينى چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇردى.

ئىشلىگەن چىشلەيدۇ، يېقىندا، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى «يېڭىچە دېھقان ئاياللار» ئىگىلىك تىكلەش تىپىك مىسالىنى ئېلان قىلدى، ئامىنەم بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى.

جانارگۈل مارجان

ئوتلاق مەھسۇلاتلىرىنى يۇرتتىن سىرتقا چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، سائەت 9دا، تولى ناھىيەسى خۇڭۋۇروبا چىڭچۈەن يېمەكلىك پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىدە ئىش باشلىنىپ بولغانىدى. بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى جانارگۈل مارجان ئەتىگەندىلا زاۋۇتقا كېلىپ، سۈتنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈردى.

«بىز يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەرگىز سەل قارىمايمىز، ھەر بىر ھالقىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىم» دېدى جانارگۈل.

دەل مۇشۇ كەسكىن ھەم ئەستايىدىل ئايال شىركەتنى قەدەممۇقەدەم تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، شۇ جايدىكى 20دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 150 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تەسىر كۆرسەتتى، تۈرتكە بولدى.

جانارگۈل ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئائىلىۋى ئاشخانا، دۇكان ئاچقان، ئۇششاق تىجارەت قىلغان. 2013 - يىلى، توختىماي ئىزدىنىۋاتقان جانارگۈل شۇ جاينىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرىدىن تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدەش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى.

ئۇ تولى ناھىيەسىنىڭ كۇپ يېزىسى يەسى دەۋلەت كەنتىدە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئومۇميۈزلۈك باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى، جانارگۈل باقمىچىلىق ئائىلىلىرىدىن سۈت سېتىۋېلىپ، ئاندىن سىرتقا ساتاتتى.

دەسلەپتە، كالا سۈتى ئانچە ياخشى سېتىلمىدى، جانارگۈل ئېشىپ قالغان كالا سۈتىگە قاراپ يېڭى بىر ئويغا كەلدى، سۈتنى پىششىقلاپ، سۈت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرغاندا، يېڭى پېتى ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتىپلا قالماي، يەنە كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كۆپەيتكىلى بولاتتى.

جانارگۈل ئويلاشقىمۇ، ئىشلەشكىمۇ جۈرئەت قىلىدىغان ئايال، ئۇ شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنى تېپىپ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئېيتىپ، قوللاشقا ئېرىشتى. 2013 - يىلى، جانارگۈل باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، سۈت مەنبەسى كاپالىتىگە ئىگە بولدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئارانلا بەش ئىشچى بار بولغاچقا، جانارگۈل مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزى ئېلىپ چىقىپ تونۇشتۇرۇپ ساتاتتى.

2015 - يىلى، ئۇ تولى ناھىيەسى خۇڭۋۇروبا چىڭچۈەن يېمەكلىك پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىنى قۇردى. پۇل تاپقان جانارگۈلدە سۈت مەھسۇلاتلىرىنىلا سېتىشنىڭ بىرلا خىل يول بولۇپ قالغانلىقى، شۇ جايدا بېقىلغان كالا، قوي گۆشى سۈپەتلىك، تەملىك بولغاچقا، ئۇنىڭدىنمۇ پايدىلىنىش كېرەكلىكىدىن ئىبارەت يېڭى ئوي پەيدا بولدى. 2020 - يىلى، ئۇ كالا، قوي گۆشى مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىپ، يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقاردى. ھاۋاسىزلاندۇرۇپ ئوراپ قاچىلانغان يېڭى گۆش، قۇرۇتۇلغان گۆش، ئىسلانغان گۆش قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئارقا - ئارقىدىن بازارغا سېلىندى.

بۈگۈنكى كۈندە، تولى ناھىيەسى خۇڭۋۇروبا چىڭچۈەن يېمەكلىك پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئون نەچچە خىل سۈت مەھسۇلاتى ۋە 12 خىل كالا - قوي گۆشى مەھسۇلاتى بار بولۇپ، ھەر يىلى 20 توننا گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتنى پىششىقلايدۇ، مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شىمالىي شىنجاڭ بازىرىغا سېتىلىدۇ، %10 مەھسۇلات دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە بازارلىرىغا كىردى.

«يۇقىرى سۈپەتتە چىڭ تۇرۇش بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزنىڭ سىرى. بىز سېتىۋالغان كالا - قوي گۆشى جەزمەن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، شىركەتمۇ خىمىيەلىك تەكشۈرۈش ئۆيى قۇرغان بولۇپ، سېتىۋالغان كالا سۈتى ۋە گۆش مەھسۇلاتلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ ئۆلچەيدۇ. ئىشلەپچىقىرىشتا جەزمەن خۇرۇچ قوشماسلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، پەقەت ھەقىقىي ياخشى سۈپەت بولغاندىلا، ئاندىن بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ» دېدى جانارگۈل.

بۇ يىل، جانارگۈل دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەردىكى بازارلارنى داۋاملىق ئېچىپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىنى تارباغاتاينىڭ خاس مەززىلىك تائاملىرىدىن ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى پىلانلىدى. بازارنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، جانارگۈل توردا سېتىش سۇپىسى بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييارلىق قىلدى. «مەن داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ مەززىلىك مەھسۇلاتلارنى تەييارلاپ، كۆپچىلىككە خاس مەززىلىك تائاملار ئارقىلىق يۇرتۇمنى تونۇتىمەن».

جوۋ شياۋلىڭ

پارنىكتا توردا ئالقىشلانغان ساۋمېي ئۆستۈردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سارىنا

ئارال شەھىرى جىنخې مېۋە - كۆكتات دېھقانلار كەسپىي تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ساۋمېي پارنىكىدا، ساۋمېيلار قىپقىزىل، يۇمران بولۇپ، كىشىنى زوقلاندۇراتتى. «كۆپچىلىكنىڭ كېلىپ ئۈزۈشىنى، سېتىۋېلىشىنى قارشى ئالىمىز، بۇ ساۋمېينىڭ ئىسمى <خۇڭيەن>، يېگەندە سۈتتەك مەززىلىك تېتىيدۇ...» 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى جوۋ شياۋلىڭ يان تېلېفونىنى ئېلىپ، نەق مەيداندا بىۋاسىتە كۆرسىتىۋاتاتتى.

جوۋ شياۋلىڭ ئارال شەھىرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدى، داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن سىنگاپورغا ئوقۇشقا بېرىپ، مېھمانساراي باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇدى ھەم ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 2013 - يىلى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ چوڭ شەھەرلەردىكى مېھمانسارايلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىدى.

بازارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جوۋ شياۋلىڭ ساۋمېيغا بولغان بازار ئېھتىياجىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى، ئەمما شۇ جايدا تېخى كۆلەملەشمىگەنلىكىنى بايقىدى. جوۋ شياۋلىڭ سودا پۇرسىتىنى چىڭ كۆزلەپ، پارنىكتا ساۋمېي يېتىشتۈرۈشنى قارار قىلدى. جوۋ شياۋلىڭ مۇنداق دېدى: «مەن ۋە مېنىڭ ھەمكارلىق ھەمراھىم بايلىق جەھەتتە بىر - بىرىمىزنى تولۇقلىدۇق، مېنىڭ مۇناسىۋەت دائىرەم ۋە سېتىش يولۇم بار، ئۇنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بار، بىز ئۆستۈرگەن ساۋمېيلارنىڭ سېتىلىشىدىن غەم قىلمايمىز».

ساۋمېينىڭ تەمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۆستۈرۈش پۈتۈن جەريانىدا زىيانسىز ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى بويىچە پەرۋىش قىلىپ، ھەسەل ھەرىسى بىلەن چاڭلاشتۇرۇشنى قوللىنىپ، ساۋمېينىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇردۇق. بۈگۈنكى كۈندە، جوۋ شياۋلىڭنىڭ پارنىك ساۋمېيلىرى شۇ جايدا خېلىلا داڭق چىقاردى. ھەر قېتىم پارنىك ساۋمېيسىنىڭ بازارغا سېلىنىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، نۇرغۇن ساياھەتچى ساۋمېي ئۈزگىلى، تېتىپ باققىلى كېلىدۇ.

ئوقۇش تارىخى يۇقىرى، نەزەر دائىرىسى كەڭ بولغاچقا، جوۋ شياۋلىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا توردا ۋە تور سىرتىدا ئىككى خىل سېتىش ئەندىزىسىنى قوللاندى، يەنە يېزا ئىگىلىك ئېكسكۇرسىيە ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كۆپ مەنبەلىك كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«بىزنىڭ ئەمەلىي مېۋە - چېۋە دۇكىنىمىز بولۇپلا قالماي، يەنە ۋىيشىن، دوۋيىن قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق. ھازىر، مېنىڭ ۋىيشىن ۋە دوۋيىندىكى مەستانىلىرىم 30 مىڭ كىشىدىن ئاشىدۇ، ساۋمېي ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ» دېدى جوۋ شياۋلىڭ.

نۆۋەتتە، ئارال شەھىرى جىنخې مېۋە - كۆكتات دېھقانلار كەسپىي تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى 35 پارنىك ياساپ، تېرىقچىلىق كۆلىمىنى 120 موغا يەتكۈزدى. ساۋمېي ئۆستۈرۈشتىن باشقا، يەنە شۆشەنگو، خولۇڭگو، گىلاس، ئەنجۈر قاتارلىق خاس مېۋىلەرنى ئۆستۈردى. ئەتراپتىكى 20 نەچچە ئائىلىلىك دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، 50 نەچچە ئىشچى - خىزمەتچىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

پارنىك ساۋمېيسى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى جوۋ شياۋلىڭنى مول كىرىمگە ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە يەنىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. يېڭى بىر يىلدا جوۋ شياۋلىڭ يېڭى پىلان تۈزدى، ئۇ كەسىپ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، مېۋە ئۈزۈش، يېمەك - ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، ئائىلىۋى مېھمانخانا بىر گەۋدە قىلىنغان ئىستىراھەت سەھرا ئارامگاھى قۇرۇشنى، يەنە مېۋە پىششىقلاش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ساۋمېي ھارىقى، ساۋمېي قېقى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىدى.

«يېڭىچە دېھقان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك. يۇرتۇمغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلىكىمدىن ئۆكۈنمەيمەن، مەن دەسلىپىدىلا پارنىك تېرىقچىلىقى تېخنىكىسىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا ئىرادە باغلىغانىدىم. بۇنىڭدىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ ياشنى ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، يۇرتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرىمەن» دېدى جوۋ شياۋلىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.