تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى زىچ، پۇختا توقۇپ چىقىمىز

​ − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش يېزا ئىگىلىك ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان يېزا ئىگىلىك ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش پايدىلىق شارائىت»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

بۈگۈنكى دۇنياغا نەزەر سالساق، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپ، چىگىش، كەسكىن بولۇشقا ۋە ئېنىقسىزلىققا يۈزلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىز تەرەققىياتى ئىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك پايدىلىق شارائىتلارنى بەش جەھەتتىن كۆرسىتىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈچۈن كۈچلۈك ئىشەنچ قوشتى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى يۈ مېي 30 يىلغا يېقىن دوختۇرلۇق ئىستاژىغا ئىگە تېببىي خىزمەتچى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە، ئۇ باشتىن - ئاخىر بىرىنچى سەپكە ئاتلاندى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، پۈتۈن ۋەزىيەت ئىگىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر ماسلاشتۇرۇلۇپ، تۈرلۈك ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇش تۈپ سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.» ئەزا يۈ مېي مۇنداق دېدى: يېڭى مۇساپىدە، مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە قانچە يېقىنلاشقانسېرى خەۋپ - خەتەر، خىرىس شۇنچە كۆپ بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، بىز ئۈزلۈكسىز غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز!

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى بولغاچقا، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش مۆجىزىسى داۋاملىق پۈتۈلدى. «بۇ سۆزلەر ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىدىكى سۆزلەرنى ئىپادىلەپ بەردى.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رىيزا باغدۆلەت مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭ ئىناق، تىنچ، كىشىلەرنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى بارغانسېرى ئاشتى، مەيلى شەھەر ياكى يېزا - كەنتلەردە بولسۇن، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ھەربىر كىشىنىڭ چېھرىدە جىلۋىلىنىپ، ھەربىر كۈندىكى تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتتى. «بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، كۆپچىلىكنىڭ كۈنلىرى چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ».

ئاشلىق بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئاشلىق خەلقنىڭ جېنى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». تۈمەنلىگەن ئىشلار ئىچىدە تاماق مەسىلىسى ھەممىدىن مۇھىم.

«2021 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ھوسۇلىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، دۆلەت چۈشۈرگەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش نىشانى نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملاندى، لېكىن بىز قىلچە بىخۇدلۇق قىلماسلىقىمىز، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئاشلىقتىن مۇقىم ھوسۇل ئېلىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىنىڭ كادىرى تاڭ يىۋۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداشقا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسى، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئالدى بىلەن بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئىشلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يازغى بۇغداي تېرىقچىلىقىغا قارىتىلغان ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى پائال تەتقىق قىلىپ، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈردى.

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى دىلشات ياقۇپ يىغىن نەق مەيدانىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، ھەربىر شاخ، ھەربىر يوپۇرماققىمۇ كۆيۈنۈش كېرەك. باش شۇجىنىڭ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتىن ئىبارەت خەلقچىل ھېسسىياتى كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ».

ئەزا دىلشات ياقۇپ مۇنداق بىلدۈردى: داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرى خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش بولۇپ، كەڭ ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرى تېز تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. «مەن مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمگە قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ تۆھپىسىنى قوشىمەن».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا سىجىل كۈچەش كېرەك. «بۇ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ يېڭى بىر يىلدا ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلىشى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى پىڭ شىنلەي مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايون ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورىنى زىچ توقۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تىنچ - خاتىرجەم ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

(مۇخبىر ليۇ شياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار لى ياڭ، جاڭ يۈنمېي، گو لىڭ، ليۇ يى، جاۋ شىيا، لى لىن، جاڭ رۇيلىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.