تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى​

شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام خىزمىتى يىغىنى 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى مەھكەم ئىگىلىنىپ، نەتىجىلەر خۇلاسىلىنىپ، ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى چىڭىتىپ، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ قادېن كەبىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدا پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە دائىر ئاساسىي مەسىلىلەر ئومۇميۈزلۈك چۈشەندۈرۈلدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، بۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزاملارنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىستېمىلىق قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، مەركەزنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزاملارنى يانداش تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دەل جايىدا، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام تەشۋىق - تەربىيەسى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش، ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزاملارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، جىددىي ئېھتىياجنى كۆزلەش، ئەمەلىيەتكە زىچ يېقىنلىشىشنى چۆرىدەپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، پارتىيە قانۇن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە خىزمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.