تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىز ۋەكىللىرى، ئەزالىرى ۋە كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر، ئەزالار ھەم ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەلبكە ئىرادە پۈكۈپ نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىدە يېپيېڭى سەھىپە پۈتۈپ چىقىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى. ئاقسۇ شەھىرى لەڭگەر كوچا باشقارمىسى چاۋياڭ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چۇ يۈدۇڭ بۇنىڭغا قارىتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە.

«بىزنىڭ مەھەللىدە خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، قازاق مىللىتى قاتارلىق كۆپ مىللەت بار، كۆپ يىللاردىن بۇيان، ھەر مىللەت ئاھالىلەر يېقىن قوشنىلاردىن بولۇپ، بىرلىكتە ياشاش، بىرلىكتە ئۆگىنىش، بىرلىكتە ئىشلەش، بىرلىكتە كۆڭۈل ئېچىش داۋامىدا ئالاقىلەشتى، ئالماشتۇردى، يۇغۇرۇلدى، كۆپچىلىك يېقىن ئۆتۈپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولدى.» چۇ يۈدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاق ـ ئىناق بولسا، دۆلەت گۈللىنىدۇ، جەمئىيەت تىنچ بولىدۇ، خەلق بەختلىك بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، غايە، ئېتىقاد، ھېسسىيات، مەدەنىيەت جەھەتتە تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىككە كېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز.

«باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ھەم كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان خىزمەتلەرنى ئىشلەش، ھەم كۆپلىگەن <ئۈن ـ تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان> ئىشلارنى قىلىش كېرەك.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى گۈلپەرى ئابدۇللا مۇنداق بىلدۈردى: ئالىي مەكتەپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم بازا، بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئانارنىڭ دانىسى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرىمەن.

«يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىمىزدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ <بەش مۇقەررەر يول> ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە كەلگۈسىدىكى ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، كورلا شەھىرى تېكىچى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تۆۋەن چەچى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى بىننىڭ ئىنتوناتسىيەسى قەتئىي ئىدى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۇرتداشلار نەشپۈتچىلىك كەسپىگە تايىنىپ، ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، ھەميېنىمۇ بارغانسېرى تومپايدى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغانلىقتىن بولدى.» لى بىن مۇنداق دېدى: بىز «بەش مۇقەررەر يول»نى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز ۋە ئىگىلىشىمىز كېرەك، ئىشىنىمىزكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلساق، يېڭى مۇساپىدە بىز چوقۇم تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز.

«بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، شىنجاڭنىڭ ئىناق، بەختلىك بۈگۈنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇ دەل باش شۇجى كۆرسەتكەن <ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشتىكى مۇقەررەر يولى>نىڭ كۈچلۈك دەلىلىدۇر.» ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پېشقەدەم كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ئاينۇر ئابلىمىت مۇنداق دېدى: «بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلساقلا، چوقۇم ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى بارلىق قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز!»

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار لياڭ لىخۇا، چېن چياڭۋېي، ياڭ شۇخەن، فەن چيۇڭيەن، شى شىن، جاڭ تىڭ، جاڭ جىلى، مېھرىگۈل غوپۇر، ئىختىيارىي مۇخبىر شى چيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.