تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل _ پاراسىتىمىزنى تەقدىم قىلىمىز ۋە كۈچ مۇجەسسەملەيمىز

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلدى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل _ پاراسىتىمىزنى تەقدىم قىلىمىز ۋە كۈچ مۇجەسسەملەيمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېينىڭ بېيجىڭدىن ئۇلاپ بەرگەن خەۋىرى: 3 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھەر ساھە گۇرۇپپىلىرى بويىچە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

ئەزا نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: دوكلاتقا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولغان، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى زىچ چۆرىدەپ، چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىش، سىياسىي جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

«مۇرەككەپ، كەسكىن ئىچكى ـ تاشقى ۋەزىيەت ۋە كۆپلىگەن خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلار ئالدىدا، بۇنداق كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.» ئەزا باۋ ئەنمىڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا پۇقرالار تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇلۇپ، تەرەققىيات ئېھتىياجى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن يۆنىلىش يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلىپتۇ. دوكلاتتا: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلاپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى، پەن تەتقىقات بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.

ئەزا جيا ديەنزېڭ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىگە كۆڭۈل بۆلۈنۈپ، ئىش ئىنچىكە نۇقتىدىن باشلاپ تۇتۇلۇپتۇ، بولۇپمۇ مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بۇ مېنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ داشۆنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ۋە يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش، مۇلازىمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتى، خاس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمەن.

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياققان، خەلق رايىنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، نىشانى ئېنىق، تەدبىرى ئەمەلىي بوپتۇ.» ئەزا ئىلزات زادە مۇنداق دېدى: دوكلاتتا داۋالاش ـ سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بۇ، بىزگە زىممىمىزدىكى بۇرچنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. بىز كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تورىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسپىي قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

«ئىنتايىن ئىلھاملاندىم، چەكسىز روھلاندىم!» ئەزا باغدۆلەت مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرگە بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ تولۇپ تاشتى، يېڭى ۋەزىيەتتە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېڭى يولى، يېڭى ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرىمەن.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرىدىن دۇڭ شىنگۇاڭ، كۇڭ شىڭلۇڭ، پېڭ يۇڭ، مۇتەللىپ قاسىم، ھۆرىگۈل جاپپار، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، ماغاۋ سېيىتقامزا، غەيرەت ئۆمەر قاتارلىقلار مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.