تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى، پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈردى

ئەركىن ئىمىرباقى، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن، 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن قاتارلىقلار قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىدىكى ئالاقىدار يولداشلار سىن ئارقىلىق پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

ۋەكىل شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى، بايلىق، سىياسەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ۋەكىل نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، بۇ، بىزنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىشىمىز، ياخشى ئىشلىشىمىزدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ۋەكىل لى ۋېي مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا نىشان ئايدىڭ، سىياسەت ئېنىق بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەگەك ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمى، مۇستەھكەم سىياسىي ئىشەنچى نامايان قىلىنىپتۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، «14 ـ بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە، بايلىق، رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ شىنجاڭغا كىرىش ـ چىقىش ئەشيا ئوبوروتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ۋەكىل زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، «14 ـ بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ۋەكىل غانىبات سابۇكەي مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. 2021 ـ يىلى پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. دۆلەتنىڭ ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى تولۇق پۇختىلاپ، سىياسەتنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ۋەكىل مۇقىيات جارمۇقامەت مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلۈپ، دوكلاتتا خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ئىشەنچ، ئىرادە تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، بۇ، كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ۋەكىل جۇ خەيلۇن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا سىياسىي يۈكسەكلىك يۇقىرى، نىشان ـ ۋەزىپىلەر ئېنىق، مەسىلىلەرنىڭ تەھلىل قىلىنىشى دەل جايىدا، سىياسەت ـ تەدبىرلەر ئەمەلىي بوپتۇ، دوكلاتنى ئاڭلاپ، ئۆگىنىپ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىگە بولغان چۈشەنچىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ داۋالاش ـ سەھىيە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

ۋەكىل پېڭ جيارۇي مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپتۇ، دوكلاتتا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇلۇپتۇ، نەتىجىلەر ئەتراپلىق، ئوبيېكتىپ خۇلاسىلىنىپتۇ، خىزمەتلەر ئەمەلىي، يېڭىباشتىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، 2022 ـ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ۋە ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ۋەكىل ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئېجىللىقى، دىنلار رايىشلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىلىرى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بىز پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەيمىز.

ۋەكىل دىلشات قىدىرقان مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق، چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىيات ۋە مۇستەھكەم بۇرچ ئېڭى نامايان قىلىنىپتۇ، بۇ، كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، سىجىل تۈردە ئىستىلنى ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى يىلدىن ـ يىلغا ياخشىلاش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ياسىن سىدىق، جوۋ شۈيۇڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، مۇساجان نۇردۇن، يوۋ لياڭيىڭ، پەرھات روزى، نىياز ھاشىم، پۇربە تۈگېجېجاپ، جاۋ جىنلۇڭ، قۇرماش سىرجان، مۇسا مەمەت قاتارلىقلار ئايرىم ـ ئايرىم سۆز قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، خاس كەسىپلەر، داۋالاش ـ سەھىيە، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، مائارىپ ئىشلىرى، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، مالىيە مەدىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.