تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقتى

بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېينىڭ بېيجىڭدىن ئۇلاپ بەرگەن خەۋىرى: 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى ھەر ساھە گۇرۇپپىلىرى بويىچە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن گۇرۇپپىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

ئەزا نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: دوكلات «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈش، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»غا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇرچنى زىممىگە ئېلىشقا تولغان بولۇپ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. 2021 - يىلى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە نەتىجىلەر كۆرۈنەرلىك، يارقىن نۇقتىلار كەينى - كەينىدىن نامايان قىلىنغان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىك سەپتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، توغرا سۆزلەشتىن سۆزلىگىنىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرەلەيدىغان بولۇشتەك خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلىشىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە دائىر چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ، ئەمەلىي نازارەت قىلىپ، دەل جايىدا تەكلىپ بېرىپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش ۋە خەلق رايىنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئەزا جياڭ پىڭئەن مۇنداق قارىدى: دوكلاتنىڭ پۈتۈن قىسمىغا ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تەكلىپ بېرىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇ «ئىككىنى تىكلەش» «ئىككىنى قوغداش»نىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتى ساھەسىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئىپادىسى. «2021 - يىلى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىجادىي ئىشلىدى، نەتىجىلەر كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، مەنمۇ ئىككى قېتىم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىگە ۋە بىر قېتىم قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتىم. بۇنىڭدا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق ئۈچۈن بولۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىدىيەسى تولۇق نامايان قىلىندى» دېدى جياڭ پىڭئەن.

دوكلاتتا «ئىتتىپاقلىشىش» دېگەن بۇ ئاچقۇچلۇق سۆز كۆپ جايدا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئەزا دىلشات ياقۇپ بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ھەربىر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم كۈچ، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، توغرا سۆزلەشتىن سۆزلىگىنىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرەلەيدىغان بولۇشتەك خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر ساھەدىكى ئاممىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك.

دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا: بۇ يىل كەسپىي مائارىپنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كېڭىشىش ئېلىپ بېرىلىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى. ئەزا گۈلپەرى ئابدۇللا بۇنىڭدىن ھەسسىلەپ روھلاندى، چوڭقۇر ئىلھاملاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل يىغىنغا «زامانىۋى كەسپىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانى» مەخسۇس سېلىنمىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى سۇندۇم، بۇنىڭدىن كېيىن بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگۈچىلەرگە خاس قىياپەت بىلەن يېڭى مۇساپىدە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىمەن.

ئەزا گۇەن فاڭفاڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەستايىدىل ھالدا دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەر بويىچە، قەدەمنى پۇختا بېسىپ، تىرىشىپ مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرىدىن دۇڭ شىنگۇاڭ، كۇڭ شىڭلۇڭ، پېڭ يۇڭ، مۇتەللىپ قاسىم، ھۆرىگۈل جاپپار، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، ماغاۋ سېيىتقامزا، غەيرەت ئۆمەر قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.