تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى

چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

ۋەكىل چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىگىلەپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياساشقا تۈرتكە بولدى، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

ۋەكىل ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دوكلاتقا «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق سىڭدۈرۈلۈپتۇ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ. گەرچە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولساقمۇ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمى تېخىمۇ پۇختا، كۈچلۈك بولدى، جەزمەن «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، بارلىق ھەرىكەتتە باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك. ئىككىنچى 100 يىللىق يېڭى مۇساپىنى ياخشى مېڭىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرودىن ئايرىلالمايدۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى زىچ چۆرىدەپ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

ۋەكىل ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. بىز پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدىكى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەردىن «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنى «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يۈكسەك ئاڭلىقلىققا ئايلاندۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

ۋەكىل ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭدىن بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۇق، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىمىز، ئىشەنچىمىز ۋە قارارىمىز يەنىمۇ كۈچەيدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

ۋەكىل شەۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات - تەرەققىياتتىكى مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى جاسارەت بىلەن ئورۇنداپ، يارقىن «نەتىجە تىزىملىكى»نى تاپشۇردى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى زىچ چۆرىدەپ، دەل جايىدا كۈچەپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ توغرىلىقى، نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ سىجىللىقى، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ ھارارىتى، ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى مۇستەھكەم تۈزۈم كاپالىتى ۋە قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ۋاڭ گاڭ، جاڭ شىن، مەمتىمىن ئابدۇغېنى، شۈ تاۋ، دۆلەتمەن كەيمىك، لياۋ چاۋياڭ، رىيزا باغدۆلەت قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شى داگاڭ، لى ۋېي، زۇمرەت ئوبۇل، غانىبات سابۇكەي، مۇقىيات جارمۇقامەت، جۇ خەيلۇن، پېڭ جيارۇي، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، دىلشات قىدىرقان قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.