تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى ئورتاق قۇرۇپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىش كېرەك

شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى ئورتاق قۇرۇپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىش كېرەك

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان، ھايات - ماماتتا بىللە بولىدىغان، تەقدىرداش بولىدىغان ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى ئورتاق قۇرۇپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى كۈچەپ ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشى قىزغىن، كەيپىياتى جانلىق بولدى. جاڭ لېي، گو يەنلىڭ، جيا رۈنئەن، ۋاڭ شياۋخۇڭ، فېڭ يەنلى، جاۋ خۇيجيې، شى يۈدۇڭ قاتارلىق يەتتە ۋەكىل ئايرىم - ئايرىم ھالدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئوتلاق ئېكولوگىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىدە كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالەم قاتنىشى كۈچىنى قوشۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، مىللىي سۈتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ ئارىلاپ سۆز قاتناشتۇردى ھەم خاتىرە قالدۇردى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىچكى موڭغۇلدىكى يولداشلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يېتەكچى قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، كەسىپ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى چېگرا رايون مەنزىرە لىنىيەسىنى تېخىمۇ يارقىن گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىچكى موڭغۇلنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2021 - يىلى، بىز ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. بىز پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردۇق، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئاچتۇق ھەم پارتىيەنىڭ 3 - تارىخىي قارارىنى چىقاردۇق. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدۇق. بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇش، ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ساقلاپ، «14 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بىز بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، دۇنياغا بىر مەيدان تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلدۇق، دۆلىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى ئەھمىيىتى مۇھىم، زور.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇساپىسىنى ئەسلەپ، بىز تۆۋەندىكى مۇھىم تونۇشنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدۇق. بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدىغاندىلا، بىز چوقۇم پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك سىياسىي ئۇيۇشۇش كۈچىگە، تەرەققىيات ئىشەنچىگە ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بارلىق خەلقنىڭ بوران - چاپقۇن ھۇجۇم قىلغان چاغدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچىنى شەكىللەندۈرەلەيمىز. ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي ماڭساقلا، بىز چوقۇم خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتالايمىز. ئۈچىنچى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشىدىكى مۇقەررەر يولى. پارتىيە رەھبەرلىكىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولسىلا، بىز چوقۇم ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى مۆجىزىلەرنى داۋاملىق يارىتالايمىز. تۆتىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنىڭ مۇقەررەر يولى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى تېز ئىشقا ئاشۇرساقلا، بىز چوقۇم دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارى ۋە داۋاملاشما ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان خەلقئارا رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. بەشىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشنىڭ مۇقەررەر يولى. جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە، ئاچقۇچ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىغا زىيان سالىدىغان بارلىق زىيانلىق ئامىللارنى ئۈزلۈكسىز تازىلايدىغانلا بولساق، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچىنى ئۈزلۈكسىز تازىلايدىغانلا بولساق، بىز چوقۇم پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاق - ئىناق بولسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، جەمئىيەت تىنچ بولىدۇ، خەلق بەختلىك بولىدۇ؛ ئەكسىچە بولسا، دۆلەت زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ، جەمئىيەتتە داۋالغۇش كۆرۈلىدۇ، خەلق بالا - قازاغا ئۇچرايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشنى تەكىتلىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۆزدە تۇتۇلۇپ چىقىرىلغان مۇھىم، زور تەدبىر، شۇنداقلا تارىخىي تەجرىبە - ساۋاقلار چوڭقۇر خۇلاسىلىنىپ چىقىرىلغان مۇھىم يەكۈن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىچكى موڭغۇلنىڭ بۈگۈنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئەتىسى يەنىلا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا موھتاج. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ھەم كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان خىزمەتلەرنى ئىشلەش ھەم كۆپلىگەن «ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان» ئىشلارنى قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ئىنچىكە ئىشلەپ، كۆرگىلى بولۇش، ھېس قىلغىلى بولۇش، ئۈنۈمى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلار پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلاپ، تەدبىر بەلگىلەپ، خىزمەتلەرنى تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق بولغانلىكى خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلىشى ھەمدە چوڭقۇر ئىشلىشى، ئىنچىكە ئىشلىشى، ئەمەلىي ئىشلىشى كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىسىز بولغانلىكى ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىقى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمەت تەلىپىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تارىخىي مەدەنىيەت تەشۋىق - تەربىيەسى، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، شەھەرنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەت قۇرۇلۇشى، ساياھەت مەنزىرە كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئۆز مىللىتى مەدەنىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىدىيە، مەدەنىيەت ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىچكى موڭغۇل چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتا مۇھىم، زور مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان. ئىشنىڭ بىخ ھالىتىدىلا ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بىلىپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى بىخەتەرلىك، مۇقىملىق توسۇقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئالاھىدە مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يۇقۇمغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پورت رايونلىرىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ كۆلەملىك قايتا كۆرۈلۈشى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مەۋقەنى كۆمۈر مول، نېفىت كەمچىل، تەبىئىي گاز ئاز بولۇشتەك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ «قوش كاربون» خىزمىتى يىرىك پىلانى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ماس ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىللە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، كەسىپ زەنجىرى - تەمىنلەش زەنجىرى بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشقا، نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدۇ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە زەھەرلىك ئۆسمىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش، زەھەر مەنبەسىنى يوقىتىش، قالدۇق زەھەرنى تازىلاش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ ساغلام، قېلىپلاشقان يولغا ئومۇميۈزلۈك قايتىشىغا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، دائىملاشقان، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈم - مېخانىزم ئورنىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخىدىن پايدىلىنىشنى ئۆمۈرلۈك زۆرۈر دەرسلىك قىلىش، تارىخىي ئىشەنچنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى مۇساپىگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.