تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسئۇلىيىتىمنى يۇقىرى سۈپەتتە ئادا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىمەن

ۋەكىل جاڭ شىن:

مەسئۇلىيىتىمنى يۇقىرى سۈپەتتە ئادا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

2 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى ئەتىگەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ شىن ئىشخانىغا كېلىپلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بېيجىڭغا ئېلىپ بارىدىغان تەكلىپ، تەۋسىيەلەر ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىقلارنى قىلىشىم كېرەك» دېدى ئۇ.

خىزمەت ئۈستىلىدە، ئۇنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىكى خاتىرىسى دۆۋىلىنىپ تۇراتتى. خاتىرىنىڭ مەزمۇنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئەۋزەللىكىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش، ئادەمنى ئېلىپ قېلىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان، جاڭ شىن يىغىنغا جەمئىي 37 تەكلىپ ۋە تەۋسىيە سۇنۇپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى. «مەن ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ قايتۇرغان جاۋابىنى تاپشۇرۇۋالدىم، شۇنداقلا تەۋسىيەرىمنىڭ <چېچەكلەپ مېۋە بېرىش>ىگە ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم» دېدى جاڭ شىن.

بۇ تەكلىپ، تەۋسىيەلەر ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ئارقىلىق كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، شەرقىي جۇڭغارنىڭ كۆمۈرچىلىك كەسپىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتتا ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاش، بۇغا بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئېچىپ چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش، شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى مالىيە ـ باج، پۇل مۇئامىلە بويىچە قوللاش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى مەسىلىلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇلدى.

جۇڭگونىڭ چوڭ تىپتىكى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى كارخانىسىنىڭ رولچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2021 ـ يىلى، جاڭ شىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «14 ـ بەش يىل» كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، كۆزنەك مەزگىل، يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە ئالدىدا، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. «كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشنى چۆرىدەپ، بىز <14 ـ بەش يىل>دا شىنجاڭغا 100 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى پىلانلاپ، <شامال، يورۇقلۇق، ئوت، ھىدروگېن، زاپاس ئېنېرگىيە كىرېمنىي ئاساسىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە ئايلانما ئىقتىساد كەسىپ زەنجىرى> ۋە <شامال، يورۇقلۇق، ئوت، ھىدروگېن، زاپاس ئېنېرگىيە ئاليۇمىن ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىيال ئايلانما ئىقتىساد كەسىپ زەنجىرى>نى يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى پىلانلىدۇق».

«بىر بەلباغ، بىر يول» ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، جاڭ شىن باشتىن ـ ئاخىر تۈر قۇرۇلۇشى قەيەرگە بارسا، جۇڭگو دوستلۇقىنى شۇ يەرگە تارقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈر تۇرۇشلۇق دۆلەتتە قۇدۇق قازدى، يول ياسىدى، نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بەردى. ھازىرغىچە، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ چەت ئەلدىكى تۈر كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 20 مىليارد دوللاردىن ئاشتى، تاماملانغان ۋە قۇرۇلۇۋاتقان تۈر ئومۇمىي سوممىسى 9 مىليارد دوللارغا يەتتى.

«ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەرەققىياتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يېتىشتۈرۈشىدىن بولغان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تېخىمۇ ياخشى باشلامچى بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆلچەم قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرىمەن» دېدى جاڭ شىن.

2021 ـ يىلى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى مۇتەخەسسىسلەر، تايانچ ئىختىساسلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش بويىچە بىر قاتار «خەلق رايى قۇرۇلۇشى»نى قانات يايدۇرۇپ، 100 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشىغا ئىلھام بەردى. بۇنىڭدىن باشقا، شىركەتتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يەنە تۈرلۈك پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا كىرىپ، مەھەللىلەرگە كىرىپ، ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ ياردەم بېرىپ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى.

شىنجاڭنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، 2021 ـ يىلى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى خوتەن شەھىرى، يېڭىسار ناھىيەسىدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مائارىپ، تەربىيەلەش، ياردەم بېرىش ـ يۆلەش قاتارلىق تۈرلەر ئارقىلىق، يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

2021 ـ يىلى 1 ـ ئايدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لاچىن بايەكە كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەن ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇۋاتقاندا قۇربان بولدى، جاڭ شىن قەشقەر ۋىلايەتلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئارقىلىق قەھرىمان ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق ئىشلىرىغا نىشانلىق 300 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.

بۇ يىل جاڭ شىن يىغىنغا تاپشۇرىدىغان تەكلىپ، تەۋسىيەلەر ئاساسلىقى «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى ۋە جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە چېتىلىدۇ، ئۇ 2022 ـ يىلىنىڭمۇ مول ھوسۇللۇق بىر يىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.