تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزايلى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى شىنجاڭنىڭ كادىرلار تەربىيەسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.

− شى جىنپىڭ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، مېھرىگۈل غوپۇر، جاڭ رۇيلىن

ۋاقىت قەلەم تەۋرەتكۈچى، تارىخ گۇۋاھچى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇشنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغانىدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل ـ قىز ئۆزئارا سىڭىشىپ، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتمەكتە.

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

«مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ روھى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشتا، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇربان نىياز.

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كېڭەيتىش ئىزچىل قۇربان نىيازنىڭ كۈرەش نىشانى بولۇپ كەلدى. 2003 ـ يىلى، قۇربان نىياز ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كېڭەيتتى.

بۇلتۇردىن بۇيان، قۇربان نىياز كۆپ قېتىم قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، تارباغاتاي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى ھەمدە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش باش تېما قىلىنغان كۆپ مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ، ئاممىنىڭ چوڭقۇر قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

«بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ دېھقان ـ چارۋىچىنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئورتاق تىلىدا سۆزلىشىدىغان بولدى، كۆپچىلىك باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، جۇۋاۋا يەپ، چۇنليەن چاپلىدى، نۇرغۇن دېھقان ئائىلىلىرى ھويلا ـ ئارانلىرىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئامىللىرىنى سىڭدۈردى.» قۇربان نىياز مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا يىلتىز تارتتى ھەم جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى».

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، مائارىپ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. شىنجاڭنىڭ مائارىپ سۈپىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى ئوقۇتۇشى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بالىلار ئۈچۈن زامانىۋى مەدەنىيلىككە تۇتىشىدىغان كۆۋرۈك سېلىپ بېرىلدى، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەندى.

«ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشى ئاتا ـ ئانىلارغا ئۈنسىز تەسىر قىلىپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، يېزا ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ـ بازارلارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى» دېدى قۇربان نىياز.

يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسى ياخشى سۆزلەندى

خوتەنلىك بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالىنى كۆپ تەرەپ كۈچ ئۇلاپ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش، پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن شىنجاڭلىق چارۋىچى تاغا، 4700 كىلومېتىرلىق مۇساپىدە مۇھەببەتلىك «ۋاكالىتەن ھەيدىگەن» شىنجاڭلىق يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى، غۇلجىدىن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ شىئەنگە بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملاردىن ھال سورىغان شىنجاڭلىق يىگىت...

يېقىندىن بۇيان ئېكراننى قاپلىغان بۇ شىنجاڭلىق ياخشى كىشىلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى تەپسىلىي ساناپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1 ـ دەرىجىلىك ئارتىسى يۈكسەك شىجائەت مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ خەلقىنىڭ دوستلۇقى ۋە ئىتتىپاقلىقى، مېھىر ـ مۇھەببەت ۋە ھەققانىيلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى، بۇنىڭدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى چاقناپ تۇرىدۇ».

شىنجاڭنىڭ ياخشى ھېكايىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش شەكلىمۇ بارغانسېرى موللاشتى. ناخشىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۈكسەك شىجائەت ئىزچىل ناخشىسى ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا كەڭ تارقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئارقا ـ ئارقىدىن بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن بايقىدى.

شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى تاللاپ ئەۋەتكەن «ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلار» «گۈل مەڭگۈ مۇشۇنداق قىزىل» «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت» ئۇدا ئۈچ قېتىم نېلۇپەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ «جاڭ چيەن» «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» تارىخ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقتى؛ رەڭگارەڭ ناخشا ـ ئۇسسۇل كېچىلىكى «شىنجاڭ ياخشى جاي»، ناخشا ـ ئۇسسۇللۇق فىلىم «قاناتلانغان ناخشا ئاۋازى» ھەر مىللەت كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى...

يۈكسەك شىجائەت مۇنداق دېدى: ياخشى ھېكايە كىشى قەلبىنى تەسىرلەندۈرىدۇ، كىشىگە ئىشنىڭ يولىنى ئۆگىتىدۇ، غەيرىتىنى ئۇرغۇتىدۇ. شىنجاڭدىكى ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەش كېرەك» دېگەن تاپشۇرۇقى بويىچە، ئەتراپىدا يۈزبەرگەن ھەقىقىي مىساللار ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سۆزلىتىلدى تارىخ سۆزلىتىلدى

«تۇرپاننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىش ۋە قوغداش داۋامىدا، بىز دائىم بىر تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقىدا خەنزۇ مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى قاتارلىق كۆپ مىللەتنىڭ بىناكارلىق جەھەتتىكى قىزىقىشلىرىنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز.» تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن ئەيفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر قېزىپ تەتقىق قىلىنىۋاتقان نېستورىئان دىنى خارابىسى تۇرپاننىڭ ئىلگىرى كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان جاي ئىكەنلىكىگە يەنە بىر قېتىم گۇۋاھ بولۇپ، كۆپ مىللەتنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي ئىچكى خاس مەزمۇنىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

تارىخىي مەدەنىيەت تۇرپاننىڭ بىر نام كارتىسى، بۇ يەردە 1400دىن ئارتۇق جايدا يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى بار بولۇپ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى كۆپ خىل دىن ۋە كۆپ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ ئىزلىرىنى قالدۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى «سۆزلىتىپ»، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز بىر تەرەپتىن ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشكە ئائىت تەتقىقات، بايقاشنى رەتلىدى، بىر تەرەپتىن تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەتنى كىشىلەرنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىش جەريانىغا ئايلاندۇردى.

«بىز ھەر يىلى ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، بۇ ئارقىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، مەدەنىيەتنى سۆزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىگە تۇرپان، ھەتتا شىنجاڭنىڭ تارىخىنى بىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ نۇرى كەلگۈسىنى يورۇتسۇن» دېدى چېن ئەيفېڭ.

تۇرپان شەھىرى جۇڭگودىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى ۋە مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خاس مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بەرپا قىلىش تۇرپان ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاساسلىق تەرەققىيات يۆنىلىشى. بۇنىڭ ئىچىدە يارغول قەدىمىي شەھىرى، بېزەكلىك مىڭئۆيى قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش رايونى ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىشكە جەلپ قىلماقتا.

«ئىشىنىمەنكى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يەنىمۇ يىلتىز تارتقۇزغىلى بولىدۇ» دېدى چېن ئەيفېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.