تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى

− بېيجىڭ 2022 ـ يىللىق قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

[خەلق گېزىتى باش ماقالىسى]

تارىخ بۇ سەھىپىنى نەقىشلەيدۇ، دۇنيا بۇ پەيتنى ئەستە چىڭ ساقلايدۇ. بۈگۈن كېچە، جۇڭگو دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق، مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقى چىقىرىلىپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، ئىلگىرىلەش مۇجەسسەملەنگەن ئاساسىي مەشئەلگە ئوت تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

بۇ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۇچرىشىشى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەر شەرەپ ۋە ئارزۇنى قەلبىگە پۈكۈپ، تىرىشىپ قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش، جاسارەت بىلەن ئۈستۈنلۈكنى تالىشىش ئارقىلىق «جاسارەت، ئىرادە، رىغبەت، باراۋەرلىك»تىن ئىبارەت مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قىممەت قارىشىنى ئىزاھلايدۇ.

بۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىغا سىمۋول قىلىنغان كاتتا بايرام. «روھ تەنھەرىكەتتە»دىن ئىبارەت مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىدىيەسى بىلەن «باراۋەر بولۇش، قاتنىشىش، ئورتاق بەھرىلىنىش»تىن ئىبارەت جۇڭگو مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى يۇغۇرۇلۇپ، مۇجەسسەملىنىپ، كىشىلەرنى تەنتەربىيە ھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن قايناق ھېسسىيات ۋە شادلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

ئىككى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئوخشاشلا قالتىس. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا: «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى» دەپ ئېلان قىلدى. بىزنىڭ گېپىمىز گەپ، ئىشلىرىمىز نەتىجىلىك بولدى، دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە، قالتىس بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەقدىم قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتى تارىخىدا قېنىق، رەڭدار سەھىپە پۈتتۇق. بىزنىڭ بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئوخشاشلا ياخشى ئۆتكۈزۈپ، «بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى» دېگەن شانلىق مېلودىيەنى ياڭرىتىشقا ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار.

1976 ـ يىلى 1 ـ نۆۋەتلىك قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، دۇنيادىكى مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەر ماھارەت سەۋىيەسى ۋە روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىدىغان سۇپىغا، ھاياتنىڭ قىممىتى ۋە قالتىس كىشىلىك ھاياتنى نامايان قىلىدىغان سەھنىگە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئىدىيەسى مېيىپلەرنىڭ تەنتەربىيەگە قاتنىشىشى، بەدەن چېنىقتۇرۇپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپلا قالماي، يەنە ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

ھەرىكەت ئۈمىدنى يالقۇنجىتىدۇ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى «شۆرۇڭرۇڭ» قىزغىن قۇچاق ئېچىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كونا ـ يېڭى دوستلارنى قارشى ئالدى. بۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كاتتا مەرىكىسى بولۇپ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۆزىگە تايىنىش روھىنى نامايان قىلىپ، خۇشاللىق، دوستلۇق، ئارزۇ، مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىلىرىنى پۈتىدۇ؛ بۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى مېيىپلەرنىڭ كاتتا مەرىكىسى بولۇپ، كىشىلەرنى مېيىپلەرنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىش، ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈشكە چاقىرىق قىلىپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ بۇ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ كاتتا مەرىكىسى بولۇپ، دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بولغان ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتىدۇ.

مېيىپلەر جەمئىيەت چوڭ ئائىلىسىنىڭ باراۋەر ئەزاسى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچ. مېيىپلەر تەنتەربىيە ئىشلىرى روھ ۋە پەزىلەتنى نامايان قىلىدىغان، ئىشەنچ ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، كۆيۈنۈش ۋە ئۈمىدكە تولغان ئىش. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى بەلگە قىلغان دۇنيا مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكىتى چوقۇم تېخىمۇ كۆپ مېيىپلەرنى تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش، بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، جەمئىيەت تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىدۇ، چوقۇم تىنچلىق، دوستلۇق، كۆيۈنۈش ئۇرۇقىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چاچىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «كەڭ مېيىپلەرنى خاتىرجەم ياشاش، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەش، كىيىم ـ كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەكتىن غەم قىلماسلىق، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.» پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مېيىپلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ جەمئىيەتكە قاتنىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مېيىپلەرنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قاتناشقۇچى، تۆھپە قوشقۇچى ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىلەنگۈچىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. بولۇپمۇ بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش مەيدان ئەسلىھەلەر، مۇسابىقىنىڭ يۈرۈشۈشى، مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلۇپ دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى، «توسالغۇسىز بولۇش» ئىدىيەسىنىڭ شەھەر تەرەققىياتىغا سىڭدۈرۈلۈشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، مېيىپلەرنىڭ تەنتەربىيە، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، جۇڭگو مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسىغا ئايلاندى. جۇڭگو بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا ئىلگىرىكىدەكلا تۈرتكە بولىدۇ.

بۈگۈن كېچە، بېيجىڭ دۇنياغا قۇچاق ئاچتى، دۇنيا جۇڭگوغا ئۈمىد بىلەن قارىدى. مۇسابىقە مەيدانىدا، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش ئارقىلىق كىشىلىك ھايات نۇرلاندۇرۇلىدۇ؛ مۇسابىقە مەيدانى سىرتىدا، كۈرەش قىلىش تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، ئولىمپىك بايرىقى ئاستىدا، مېيىپلەر ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ؛ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەۋر ئېقىنىدا، مېيىپلەر ئوخشاشلا ھاياتلىقنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتالايدۇ.

بىز قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيلى، بىز بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.