تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ مائارىپى ئۈچۈن سۆزلىگەنلىكىمدىن تولىمۇ ئىپتىخارلاندىم

ئەزا گۈلپەرى ئابدۇللا:

شىنجاڭ مائارىپى ئۈچۈن سۆزلىگەنلىكىمدىن تولىمۇ ئىپتىخارلاندىم

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

«پەقەت تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدىلا، ئاندىن ھازىرقى ئەھۋالنى تولۇق ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ چىققىلى بولىدۇ، يازغان تەكلىپ، تەۋسىيەلەر ئاندىن قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ» دېدى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى گۈلپەرى ئابدۇللا سەمىمىيلىك بىلەن.

شىنجاڭ سىفەن داشۆسى تەنتەربىيە شۆيۈەنى، شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كۇلۇبى ... بۇ ئورۇنلار گۈلپەرى ئابدۇللانىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىر ھەپتىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىزىنى تۇتاشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە زاپاس ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ئىنتايىن مۇھىم، بۇ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى قانداق كۈچەيتىش مېنىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى مەقسىتىم.

بۇ يىل گۈلپەرى ئابدۇللانىڭ ئەزالىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقان 5 - يىلى، ئۇ ھەر يىلى ئاكتىپلىق بىلەن تەكلىپ ۋە تەۋسىيە تاپشۇرىدۇ، مەزمۇنى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئاساسىي مائارىپ، بالىلار مائارىپى، كەسپىي مائارىپ، تەنتەربىيە، ساغلاملىق قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ.

«مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش جەريانىدا مەن ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدىم، تاپشۇرغان تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلىرىمنىڭ سۈپىتى يىلدىن - يىلغا ئۆستى، شۇنداقلا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى، مەن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولدۇم» دېدى گۈلپەرى ئابدۇللا.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى مەزگىلىدە، گۈلپەرى ئابدۇللا «ئەزالار يولى»دا، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا نەق مەيداندا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. «ئەزالار يولى»دا، ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭغا مائارىپقا ياردەم بېرىشكە بارغان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەسىرلىك ھېكايىسى ۋە شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق دۇنياغا مۇنداق دېدى: مېھىر - مۇھەببەت بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپىدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى.

مائارىپ ساھەسىدىن كەلگەن سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۈلپەرى ئابدۇللا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالدىدا، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يارقىن نۇقتىسىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ مائارىپى ئۈچۈن سۆزلىگەنلىكىدىن قەلبى ئىپتىخارلىققا تولدى.

تەكلىپ ۋە تەۋسىيە تاپشۇرغاندىن باشقا، ھەر يىلى ئىككى يىغىندىن بۇرۇن، گۈلپەرى ئابدۇللا يەنە گۇرۇپپىدا سۆز قىلىشقا تولۇق تەييارلىق قىلىدۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىش شەرەپ، تېخىمۇ مۇھىمى مەسئۇلىيەت بولۇپ، پەقەت دەلىل - ئىسپاتلار تولۇق، ئەمەلىي بولغان تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەرگەندىلا، ئاندىن سىياسىي كېڭەش ئەزالىقىدىن ئىبارەت بۇ سالاھىيەتكە يۈز كېلەلەيدىكەن. يىغىن سىرتىدا، ئۇ يەنە ھەر خىل مەيدانلاردا قىزغىنلىق بىلەن سۆزلىدى.

گۈلپەرى ئابدۇللا مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەھنىسىنى ياخشى كۆرىمەن، كۆپچىلىك بىرلىكتە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسىتىمىزنى مۇجەسسەملەپ، مەسلىھەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەتتە ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش ئارقىلىق بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان مەركەزداش چەمبەرنى تىرىشىپ سىزىپ چىقىمىز».

بۇ يىل، گۈلپەرى ئابدۇللا يىغىنغا ئېلىپ بارغان مۇنداق ئىككى تەكلىپ بار: بىرى، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاقىدار، يەنە بىرى، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپ قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە تەنتەربىيە ۋە ئالىي مائارىپ جەھەتتىكى تەۋسىيە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن قىلىدىغان يەنە نۇرغۇن ئىشلار بار، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان مائارىپتىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنى يېزىپ چىقىپ، بۇ نۆۋەتلىك مەسئۇلىيىتىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادا قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.