تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئامما ئەنسىرەپ خاتىرجەم بولالمىغان نۇرغۇن مەسىلە ھەل قىلىندى»

3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا ئەزالىرى مەيداندا مەشىق قىلماقتا. بۇ مەكتەپ مەكتەپ پۇتبولى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، 2017 - يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە ياشلار، ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولىدا خاسلىقى بار مەكتەپ» دېگەن نام بېرىلدى. □ياڭ كۇن فوتوسى

شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئامما ئەنسىرەپ خاتىرجەم بولالمىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

− شى جىنپىڭ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ

مالىيە خامچوتىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق قۇرۇلۇشى، كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويىمىز...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقان چاغدىكى خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقى قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، بارلىق چارە - ئاماللار بىلەن ئامما ئەنسىرەپ خاتىرجەم بولالمىغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلدى.

«كەنتتىكى يەسلىلەر شەھەردىكىدىن قېلىشمايدۇ»

«ئىلگىرى، يەسلى ئاساسەن يېزا - بازارلاردىلا قۇرۇلغانىدى، ھازىر، كەنتلەردە يەسلى ئومۇملىشىپلا قالماي، ھەرقايسى جەھەتتىكى شارائىتىمۇ شەھەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.» بەش يىلدىن بۇيانقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەسلى مائارىپىدىكى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ سىفەن ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى (شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى) ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يەن ھاياجانغا چۆمدى.

ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلى ئاز بولۇش، پۇقراۋى يەسلى قىممەت بولۇش، «يەسلىگە كىرىش قىيىن بولۇش» بىرمەھەل جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا مەسىلىسى بولۇپ قالدى. 2017 - يىلى، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، يېزا يەسلى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلەتتى، دۆلەتنىڭ «ھەربىر يېزا - بازاردا پىرىنسىپ جەھەتتە ئاز دېگەندە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەركىزىي يەسلىدىن بىرنى ياخشى قۇرۇش، چوڭ كەنتلەردە مۇستەقىل يەسلى قۇرۇش ياكى تارماق يەسلى تەسىس قىلىش، كىچىك كەنتلەردە بىرلەشمە يەسلى قۇرۇش» يىرىك پىلانى نىشانى بويىچە، يېزىلاردىكى يەسلىلەرنىڭ «قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قۇرۇش»، تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ «يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

«بۇ ئىككى يىلدا، يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەرلەرنى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى بايلىق بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، شەھەرلەردىكى يەسلىلەرگە كىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى.» جاڭ يەن مۇنداق دېدى: شەھەر - بازار مەھەللىلىرىدىكى يانداش يەسلىلەرنى تۈزەشنى سىجىل كۈچەيتىش ئارقىلىق، شەھەر - بازار مەھەللىلىرىدىكى يانداش يەسلىلەر ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلدى ياكى ھاۋالە قىلىپ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى پۇقراۋى يەسلى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلدى؛ شارائىتى بار كوچا باشقارمىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، بولۇپمۇ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئورنىغا، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە پائال رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا يەسلىگە كىرىش ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇلدى.

«پۇقراۋى يەسلىلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، يەسلى باشلىقلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىلىپ، ئىقتىدار سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، ئوقۇتۇش بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى بىرلەشتۈرۈش جەريانىدا، بالىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلىشى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى.» جاڭ يەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يېزا يەسلىلىرىدىكى بالىلار ناتونۇش كىشىلەرنى كۆرسە كۆپ ھاللاردا تارتىناتتى، بۈگۈنكى كۈندە ھەممىسى يۈرەكلىك ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان، ئوچۇق - يورۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولدى.

بۇ يىل 2 - ئايدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى «يەسلىلەرنىڭ بېقىش - تەربىيەلەش سۈپىتىنى باھالاش قوللانمىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئىلمىي باھا بېرىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئىلمىي بېقىش - تەربىيەلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يەسلىلەرنىڭ يەسلى باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە بېقىش - تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. «ئىشىنىمىزكى، بىرقاتار سىياسەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ يەسلى مائارىپى تېخىمۇ ئومۇملىشىدۇ، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدۇ» دېدى جاڭ يەن.

«نۇرغۇن كېسەلنى يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلاردىلا داۋالىغىلى بولىدىغان بولدى»

يېزا - كەنت ئىككى دەرىجىلىك داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى تولۇق قاپلاپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىدىكى پەرق ئۈزلۈكسىز كىچىكلىدى؛ ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى، «ھاۋالىلىك باشقۇرۇش شەكلى» «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە ياردەم قىلىش - يۆلەش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيە رايونلىرىنىڭ داۋالاش سەۋىيەسى، بولۇپمۇ چەت - ياقا رايونلارنىڭ سەۋىيەسى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۆستى؛ ئائىلە دوختۇرى توختامى ئىمزالاش مۇلازىمىتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى پۇختا ئىشلىنىپ، ئىنچىكە ئىشلىنىپ، ساغلام تۇرمۇش ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئورۇن ئالدى...

بۇ يىللاردىن بۇيان، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش - سەھىيە شارائىتىدىكى ياخشىلىنىش ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق قارىشىدىكى ئۆزگىرىش مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى دىلشات ياقۇپتا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

ساغلاملىق بەختلىك تۇرمۇشنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى، ھەر مىللەت ئاممىنى ئادىل ئومۇملاشقان داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش، ئىشىكى ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېزا - بازارلىق دوختۇرخانا، كەنت داۋالاش ئۆيىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، كەنتلەرنىڭ ھەممىسىدە لاياقەتلىك كەنت دوختۇرى بار بولدى. مۇشۇ ئاساستا، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئاساسىي داۋالاش ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ئاساسىدىكى يىراق مۇساپىلىك شىنديەنتۇ ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش، يىراق مۇساپىلىك تەسۋىرىي سۈرەت ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش، يىراق مۇساپىلىك پاتولوگىيەلىك دىياگنوز قويۇش ئاساسىي قاتلامدىكى دوختۇرلارنى دىياگنوز قويۇش - داۋالاشتا تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە قىلدى.

«زىچ تىپتىكى ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى، 3 - دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ <ھاۋالىلىك باشقۇرۇش شەكلى>دە ياردەم قىلىشى ۋە يۆلىشى، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ <ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى>دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى ئارقىلىق، ناھىيە رايونلىرىنىڭ داۋالاش - سەھىيە سەۋىيەسى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۆستى، نۇرغۇن كېسەلنى يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلاردىلا داۋالىغىلى بولىدىغان بولدى، قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بەزى ئوپېراتسىيەلەرنى ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردىلا قىلغىلى بولىدىغان بولدى.» دىلشات ياقۇپ مۇنداق دېدى: ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەللىكلەر سۇغۇرتىسى، داۋالاش - قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ئۈچ قات كاپالەت تۈزۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا نوپۇسىدىكىلەرنىڭ «ئالدى بىلەن دىياگنوز قويۇپ داۋالىنىپ، ئاندىن ھەق تۆلەش» ۋە «بىر كۆزنەك»تە راسچوت قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.

«ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتىمۇ تېخىمۇ ئادىل ئومۇملاشتى» دېدى دىلشات ياقۇپ.

«تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى پۇختا ئەمەلىيلەشتى، جايىدا ئەمەلىيلەشتى»

«ئىلگىرى، بىز كەنت ئاھالىلىرىنى كەنتتىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى <ئەھۋالغا قارايتتى>. ھازىر، پائالىيەت بولسىلا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىدۇ.» جىمىسار ناھىيەسى بېيتىڭ بازىرى دۇڭئەرچى كەنتىدە خىزمەت قىلغان بەش يىلدىن بۇيان، كەنت كادىرى جاڭ يۈەنۋېي كەنت ئاھالىلىرى بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشقانلىقىنى ئەڭ بىۋاسىتە ھېس قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ بىرنەچچە يىلدا، كەنتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز پۇختا ئەمەلىيلەشكەنلىكىدىن، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشكەنلىكىدىن بولدى.

دۇڭئەرچى كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، كىرىم چەكلىك ئىدى. «بەزى كەنت ئاھالىلىرى يەر تېرىشنىڭ كىرىمىنى ئاز كۆرۈپ، يېرىنى ئوبوروت قىلىۋېتىپ، ئۆيىگە يېقىن جايدا ئىشلەپ پۇل تېپىشنى ئويلىدى.» جاڭ يۈەنۋېي مۇنداق دېدى: كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئالاقىدار تارماقلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى نېفىت بازىسى ۋە سانائەت باغچە رايونى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە پائال تۈردە مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى، «كەنتتىكى يۇرتىغا قايتقان بىر داشۆ ئوقۇغۇچىسى ئامانەت - قەرز كوپىراتىپىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلىنى قولغا كەلتۈرۈپ، نەچچە يۈز مو مەسئۇلىيەت ئېتىزىنى ھۆددىگە ئېلىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىپ، 20دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى».

تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، كونكرېت قىيىنچىلىقلارنىڭ بىر - بىرلەپ ھەقىقىي ھەل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە كەنت كادىرلىرىنى ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى بارغانسېرى ئۆستى، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. «ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ ئۆيى بولۇش... ھەر مىللەت ئامما ئەنسىرەپ خاتىرجەم بولالمىغان مەسىلىلەر تەدرىجىي ھەل قىلىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى» دېدى جاڭ يۈەنۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.