تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شىنجاڭنىڭ داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمەن

ئەزا مېڭ چىڭسەي:

​شىنجاڭنىڭ داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

«مەن شىنجاڭ 2 - تېببىي شۆيۈەنىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى يېڭىلا تاماملىدىم، ھازىر ئالاقىدار تەكلىپلەرنى يېزىۋاتىمەن.» 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزاسى، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى مېڭ چىڭسەي مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ 2 - تېببىي شۆيۈەنىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن، بۇ شۆيۈەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مېڭ چىڭسەي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان داۋالاش - سەھىيە ئىسلاھاتى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.

مېڭ چىڭسەي مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ 2 - تېببىي شۆيۈەنىنىڭ ئىلگىرىكى گەۋدىسى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى خوۋبو شۆيۈەنى بولۇپ، 2003 - يىلى قۇرۇلغان. 2012 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قاراماي شەھىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلىدە خوۋبو شۆيۈەنىنى ئورتاق قۇرغان، 2015 - يىلى خوۋبو شۆيۈەنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە قاراماي شەھىرىگە كۆچۈرۈپ قۇرۇلغان. گەرچە شۆيۈەننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق كۇرسلۇق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ لاياقەتلىك مەكتەپ باشقۇرۇش ئۆلچىمىگە پۈتۈنلەي يەتكەن، ئوقۇتۇش شارائىتى ۋە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشاش تۈردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، ئوقۇتۇش كۈچى، كەسپىي ئىختىساسلىقلار ۋە خىراجەت كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنە بەزى قىيىنچىلىقلار ساقلانغانىدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مېڭ چىڭسەي بۇ يىلقى يىغىندا تەكلىپ بېرىشكە تەييارلىق كۆرۈپ، مالىيە تارماقلىرىنىڭ شۆيۈەننى مەخسۇس خىراجەت جەھەتتە قوللىشىنى؛ شىنجاڭ 2 - تېببىي شۆيۈەنىنى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىگە كىرگۈزۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق شۆيۈەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تىرىشىپ تېزلىتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرمەكچى بولدى.

مېڭ چىڭسەي گەرچە داۋالاش ساھەسىدىن كەلگەن سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن كۆڭۈل بۆلۈش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولدى. ئۇنىڭ خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل توپلاپ، تۈرلۈك تەكلىپلەرنى يىغىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا سۇنغان «دۆلەت كاۋچۇك ئوتى ئىپتىدائىي يېرىنى قوغداش، كاۋچۇك ئوتى گېرمپلازما بايلىقىنى قۇتقۇزۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ»ى دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشكەن. ئالاقىدار تارماقلار مەخسۇس تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بېجىرىش ئەھۋالىنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ، شىنجاڭ مامكاپ گۈلى، كاۋچۇك ئوتى ئىپتىدائىي مۇھىتى ۋە گېرمپلازما بايلىقىنى قوغداش ئەھۋالىغا سىجىل كۆڭۈل بۆلۈپ، «سۇنۇش» «بېجىرىش»تىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە دۆلەت كاۋچۇك ئوتى ئىپتىدائىي مۇھىتىنى قوغداش رايونى قۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەرگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا سۇنغان «شىنجاڭدا تېببىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش ۋە ئۇنى قوللاش توغرىسىدىكى تەكلىپ»ى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىدا، شىنجاڭ تېببىي مائارىپ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ئېھتىياجغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئالىي تېببىي مائارىپى جەزمەن تەرەققىياتنى تېزلىتىشى كېرەك. مېڭ چىڭسەي مۇنداق دېدى: «كۆرسەتكەن پائال تەكلىپىم ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي قوللىنىشچان، يۇقىرى قاتلاملىق، مۇنەۋۋەر كىلىنىكا تېببىي ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قۇربىمنىڭ يېتىشىچە ئازراق ئىش قىلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.