تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈزۈم كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىمەن

ۋەكىل ھۆرنىسا قادىر:

ئۈزۈم كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا

شىنجاڭنىڭ ئۈزۈمى پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق، بولۇپمۇ تۇرپان ئۈزۈمى ئەڭ داڭلىق. تۇرپاننىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئۈزۈم ئۆستۈرۈشتىن كېلىدۇ.

«ئۈزۈم پەرۋىشىنىڭ ياخشى بولۇش ـ بولماسلىقى دېھقانلارنىڭ ھەميېنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.» 2 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، تۇرپان شەھەرلىك باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھۆرنىسا قادىر مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

ئۈزۈمنى ياخشى ئۆستۈرۈپ، تۇرپاننىڭ ئۈزۈم كەسپىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش ھۆرنىسا قادىرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش مەزگىلىدىكى ئاساسلىق خىزمىتى بولۇپ قالدى.

قانداق قىلغاندا يۇقىرى سۈپەتلىك ئۈزۈم ئۆستۈرۈپ، ياخشى باھادا ساتقىلى بولىدۇ؟ بەزى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئائىلىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېڭى كەمچىل. شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ھۆرنىسا قادىر تۇرپان شەھىرىدىكى ئۈزۈم ئۆستۈرىدىغان بارلىق يېزا ـ كەنتلەرنى ئارىلاپ چىقىپ، ئۈزۈمنى ئوغۇتلاش، شەكىلگە كەلتۈرۈپ چاتاش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش قاتارلىق كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە دېھقانلار ئۈزۈم ئۆستۈرۈش جەريانىدا يولۇققان تۈرلۈك مەسىلىلەرگە پائال جاۋاب بەردى ھەم بۇ مەسىلىلەرنى تىپىك مىسال قىلىپ يىغىنچاقلاپ، ھەربىر جايغا بارغاندا دېھقانلارغا تەپسىلىي سۆزلەپ چۈشەندۈردى.

2021 ـ يىلى، ھۆرنىسا قادىر «غەربىي قىسىم نۇرى» تۈرى بويىچە زىيارەتتە بولۇش ـ ئۆگىنىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، باشقا ئۆلكە، رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە ئۆگەنگەن ئىلغار تېخنىكىلىرىدىن ئىلمىي تەربىيەۋى فىلىم، قىسقا سىن قاتارلىقلارنى ئىشلىدى ھەم كەڭ ئاممىغا لېكسىيە سۆزلىدى. «ھازىر دېھقانلار ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا يان تېلېفوندا تېخنىكا ئۆگىنەلەيدىغان بولدى» دېدى ھۆرنىسا قادىر.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھۆرنىسا قادىر ئۆزى ئۈلگە بولدى. مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش مەزگىلىدە، ئۇ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «ئۈچنى ئۆزگەرتىش، ئىككىنى تىزگىنلەش، بىرنى ئەلالاشتۇرۇش» تېخنىكىسى − باراڭنى ئۆزگەرتىش، تالنى ئۆزگەرتىش، باغنى ئۆزگەرتىش، چېچەكنى، مېۋىنى تىزگىنلەش، مەھسۇلات مىقدارىنى تىزگىنلەش، ھۆل ئۈزۈم مەھسۇلاتلىرىنى ئوراش ـ قاچىلاشنى ئەلالاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، شۇ جاينىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈشىدە يىرىك ئۆستۈرۈشتىن ئۆلچەملەشكەن، ئىنچىكىلەشكەن ئۆستۈرۈشكە بولغان ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ھۆرنىسا قادىرنىڭ تىرىشچانلىقىدا، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش شەكلى تېخىمۇ ئىلغارلاشتى، كىرىمىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۈزۈم كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىش بىر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ مەسئۇلىيىتى.

ھۆرنىسا قادىر دائىم ئۈزۈم ئۆستۈرۈشتە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ئۈزۈم كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە باش قاتۇرىدۇ. ھەر يىلى، ئۇ ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ تەكلىپ يازىدۇ.

«مەن ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن كۆپ ئالاقە قىلىمەن، بۇ مېنىڭ ئەۋزەللىكىم. مەن ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئۇلار يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى بىلەلەيمەن، بۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئاساسى» دېدى ھۆرنىسا قادىر.

ھۆرنىسا قادىرنى خۇشال قىلغىنى شۇكى، ئۇنىڭ تەكلىپى بىردەك دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ جاۋاب قايتۇرۇشىغا ئېرىشتى، بەزى تەكلىپلەر ناھايىتى تېزلا ئەمەلىيلەشتى. بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا، ھۆرنىسا قادىر يېزا ئىگىلىكى ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى ئېلىپ بارىدۇ، ئۇ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئارقىلىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.