تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئۇ بىز بىلەن قەلبداش»

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ مىن، يۈ تاۋ، دۇڭ بوتىڭ

باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن چاغ 2017 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش نەق مەيدانى ئىدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چىرا ناھىيەسى باش ئۈژمە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل مەمەتئىبراھىم مەمتىمىننىڭ باش شۇجىنى تۇنجى قېتىم بۇنچە يېقىن ئارىلىقتا كۆرۈشى ئىدى، «خۇددى تېلېۋىزوردا كۆرگەنگە ئوخشاش، يېقىملىق ھەم ئىللىق».

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بىر پارچە جاۋاب خەت قايتۇرغانىدى. شۇ كۈنى يىغىن مەيدانىدا، مەمەتئىبراھىم قۇربان تۇلۇم تاغا ئائىلىسىدىكىلەر ئۆزىگە ھاۋالە قىلىپ ئەۋەتكەن «ئائىلە سۈرىتى»نى باش شۇجىغا كۆرسەتتى.

«ھەقىقەتەن جان سانى كۆپ، راۋاج تاپقان ئائىلە ئىكەن».

باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن سۈرەتنى تەپسىلىي كۆرگەچ، بىر تەرەپتىن مۇنداق دېدى: «مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا دەرسلىكتىن قۇربان تاغىنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ جۇشىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئوقۇغانىدىم».

باش شۇجىنىڭ تەرىپلىشى ۋە غەمخورلۇقى يىغىن مەيدانىنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇۋەتتى.

باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا مۇنداق سورىدى: «سىلەرنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە يېزىلاردا تېرىلغۇ يەر ئاز. سىلەرنىڭ كەنتتە ھەربىر ئائىلىنىڭ قانچىلىك يېرى بار؟» «ھازىر ئاشلىق تېرىمسىلەر ياكى مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرەمسىلەر؟»

مەمەتئىبراھىم ناھايىتى تەسىرلەنگەن ھالدا: «شىنجاڭ پايتەختتىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن باش شۇجىنىڭ قەلبى بىز بىلەن ناھايىتى يېقىن!» دېدى.

شۇ قېتىمقى قاراپ چىقىشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شەھەر ـ بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چېگرا رايونلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

مەمەتئىبراھىمنى تېخىمۇ خۇش قىلغىنى شۇ بولدىكى، 2 ـ كۈنى كەچقۇرۇن، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»غا قاتنىشىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللەر، ئەزالار چاي سۆھبىتىدە، ئۇ يەنە باش شۇجى بىلەن كۆرۈشۈپ، باش شۇجىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.

باش شۇجى ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇنىڭغا يەنە نەق مەيداندا قويۇلىدىغان نومۇرلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈردى.

نومۇرلار كەينى ـ كەينىدىن ئورۇنلاندى، مەمەتئىبراھىمنىڭ قەلبىمۇ ناخشىغا ئەگىشىپ ۋەتەننىڭ تاغ ـ دەريالىرىنى كەزدى. مەمەتئىبراھىم باش شۇجىنىڭ بۇ نۇرغۇن جايلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ باققانلىقىنى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ باش شۇجىنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەنلىكىنى بىلەتتى. «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي...» بۇ مېلودىيە قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىشى بىلەن، ئۇنىڭ قەلبى تەسۋىرلىگۈسىز خۇشاللىققا چۆمدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۇ دائىم باش شۇجى بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكى مەنزىرىنى، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەسلەيتتى. ئۇنىڭ قەلبىدە: «باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمەن. يۇرتداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشقا يېتەكلەيمەن، قانچىلىك زور قىيىنچىلىق بولسىمۇ يېڭىمەن!» دېگەن ئېتىقاد بار ئىدى.

شۇ چاغ، 2019 ـ يىلى بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل ئىدى. نەسىللىك توشقان باقمىچىلىقى بويىچە ياردەم بېرىش ـ يۆلەش تۈرىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، مەمەتئىبراھىم قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ يېنىدىكى چېدىرغا كۆچۈپ بېرىپ، ئۇدا 85 كۈن تۇردى.

يۇرتداشلار گاڭگىراپ قالغاندا، ئۇ بىرىنچى ۋاقىتتا كەنتكە قايتىپ يۇرتداشلار بىلەن سىرداشتى.

«توشقان باقساق قوي باققانغا قارىغاندا پايدىسى يۇقىرى بولىدۇ.» ئۇ ئالدى بىلەن ھېساب ـ كىتاب قىلىش ئارقىلىق توشقان بېقىشنى خالىمىغان يۇرتداشلارنى ئەندىشىدىن خالاس قىلدى، «بىر توشقان بىر يىلدا 40نى تۇغىدۇ، بىرسى 30 يۈەندىن بولسا جەمئىي 1200 يۈەن بولىدۇ».

«توشقان كاتىكىنى باشقۇرىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى كەنتىمىزدىكى ئاھالىلەر، ئايلىق مائاشى 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە بولۇپ، بىر يىلدا 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدۇ» دېدى ئۇ داۋاملىق سۆزلەپ.

«ئالدى بىلەن توشقان كاتىكى سالغاندىلا، ئاندىن ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. سۇ تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش، توك سىمى تارتىش، ماتېرىيال توشۇش قاتارلىق قۇرۇلۇش مەيدانلىرىغا ئادەم لازىم».

...

مەمەتئىبراھىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەچ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆپچىلىككە يەنە بىر قېتىم سۆزلەپ بەردى.

ئائىلىلەرگە قايتا ـ قايتا كىرىپ پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ ئەندىشىسى ئازلاپ، ئىشەنچى ئاشتى. بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، بىر قۇرۇلۇش ئەترىتى يىغىلىپ، نەسىللىك توشقان باقمىچىلىقى تۈرى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلدى.

2019 ـ يىلى، بىر زامانىۋى توشقان كاتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى، تۇنجى تۈركۈمدىكى 50 مىڭ نەسىللىك توشقاننىڭ ھەممىسى ئەمەلىيلەشتى؛ 70 نەچچە كەنت ئاھالىسى تەربىيەلەنگەندىن كېيىن ئىش ئورنىغا چىقىپ، توشقان كاتىكىنى باشقۇرىدىغان خىزمەتچىگە ئايلاندى. كەنتنىڭ ياردەم بېرىش ـ يۆلەش كەسپى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئۈنۈمى بارغانسېرى ياخشى بولدى.

2022 ـ يىلى باھار بايرىمىدا، ھاۋانىساخان تۇرسۇنتوختى ئائىلىسىنىڭ ھويلىسى كۈلكە سادالىرى بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى باققان نەسىللىك توشقان ساغلام چوڭ بولدى. ئىلگىرى توشقان بېقىشتىن ئەندىشە قىلغان ھاۋانىساخان ئانا ئائىلىسىنىڭ بۇلتۇرقى كىرىمى %200 ئېشىپ، 120 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى، ئۆيىدە چوڭ سافا، چوڭ رەڭلىك تېلېۋىزورنىڭ ھەممىسى تەل بولدى. مەمەتئىبراھىم چوڭ ئانىنىڭ ھويلىسىغا كىرگەندە، ھاۋانىساخاننىڭ چېھرى كۈلكىدىن گۈلدەك ئېچىلىپ كەتكەنىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.