تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 5 ـ سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سوتسىيالىستىك دۆلەت خاراكتېرىنى نامايان قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ياخشى تۈزۈم، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنسانلارنىڭ سىياسىي تۈزۈم تارىخىدا ياراتقان ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تەرەققىيات تارىخىدا، ھەتتا دۇنيانىڭ سىياسىي تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە يېپيېڭى سىياسىي تۈزۈم. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، جەزمەن تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، جەزمەن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، جەزمەن دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئالتىنچى، جەزمەن دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. بىرىنچى، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى قوغداش كېرەك. ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئاساسىي قانۇندا خەلق قۇرۇلتىيىغا يۈكلەنگەن نازارەتچىلىك ھوقۇقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك. تۆتىنچى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، سىياسىي ئورگان ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالتىنچى، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دېموكراتىيە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى باشتىن ـ ئاخىر ئېغىشماي چىڭ تۇرىدىغان مۇھىم ئىدىيە. دېموكراتىيە بېزەك بۇيۇمى ئەمەس، ئۇنى تىزىپ قويۇشقا ئەمەس، بەلكى خەلق ھەل قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىش كېرەك. بىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىك ياكى دېموكراتىك ئەمەسلىكىدىكى ئاچقۇچ خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنىڭ ھەقىقىي ئىشقا ئاشقان ـ ئاشمىغانلىقىدا. دېموكراتىيە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھوقۇقى، ئۇ ھەرگىزمۇ ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ پاتېنتى ئەمەس. دېموكراتىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۆپ خىل شەكلى بار، ھەممىنى بىر قېلىپقا سېلىش مۇمكىن ئەمەس.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن ـ ئاخىر خەلق دېموكراتىيەسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈردى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز دېموكراتىك سىياسىينىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇكەممەل تۈزۈم تەرتىپى بولۇپلا قالماي، يەنە مۇكەممەل قاتنىشىش ئەمەلىيىتى بار. دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى جەريان دېموكراتىيەسى بىلەن نەتىجە دېموكراتىيەسىنىڭ، تەرتىپ دېموكراتىيەسى بىلەن ماھىيەت دېموكراتىيەسىنىڭ، بىۋاسىتە دېموكراتىيە بىلەن ۋاسىتىلىك دېموكراتىيەنىڭ، خەلق دېموكراتىيەسى بىلەن دۆلەت ئىرادىسىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇ پۈتۈن زەنجىرلىك، ھەر تەرەپلىمە، تولۇق قاپلىغان دېموكراتىيە، ئەڭ كەڭ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ ئەسقاتىدىغان سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسەت ـ تەدبىرلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجىدىكى خىزمەتلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمىتىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.