تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەنگەن، كېڭەيتىلگەن بىر يىلدا −

​نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

□خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى گۇ جۇڭياڭ، ۋاڭ خاۋ، چاڭ چىن

«بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى!»

2021 - يىلى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا تەنتەنىلىك ھالدا: «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈتۈۋېلىنىۋاتقان مۇھىم پەيتتە، دۆلىتىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى» دەپ جاكارلىدى.

تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان جاھان مۆجىزىلىرى بىپايان جۇڭگو زېمىنىغا يېزىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قۇياش نۇرى ھەربىر بۇلۇڭغىچە نۇر چاچتى.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالپاقنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى».

«نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۇدا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك».

«زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئاممىنى بارغانسېرى ئۈمىدكە ئىگە قىلىش كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپىلىشى سەمىمىي بولغان خەلقچىل ھېسسىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قەتئىي ئېتىقادىنى نامايان قىلدى.

ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۇدا كۈرەش قىلىش. بىر يىلدىن بۇيان، شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىدىن غەربىي جەنۇب چېگرا رايونىغىچە، دابيېشەن رايونىدىن چىنبا مەركىزىي رايونىغىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بۇرغىسى تاغلىق يېزا - كەنتلەرگىچە ياڭرىدى. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش كۈچەيتىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىنىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكى ساقلاپ قېلىندى. كەسىپلەر گۈللەندۈرۈلۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تەدبىرلەر ھەقىقىي يولغا قويۇلۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكى چىڭ ساقلاندى

غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش قىيىن ئەمەس، غەلىبىنى ساقلاپ قېلىش قىيىن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش بولۇپ، سىجىل چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھەقىقىي قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش كېرەك».

ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار قەتئىي ھەرىكەتكە كېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ مۇستەھكەملەپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىدى.

− نامراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش توسمىسى مۇستەھكەملەندى، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدى دەل جايىدا ئېلىندى.

«ياخشى سىياسەت كۆڭلۈمنى خاتىرجەم قىلدى». يېقىندا، چۇڭچىڭ شەھىرى چېڭكوۋ ناھىيەسى شۇاڭخې يېزىسىنىڭ يۇڭخۇڭ كەنتىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ليۇ يۆيۈننىڭ ئائىلىسى بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسى ۋاقتىدا سىگنال بېرىپ، يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ، ئۇنى قايتا نامراتلىشىپ كېتىش سىزىقىدىن قايتۇرۇپ كەلدى، «خوتۇنۇم ئاغرىپ قېلىپ، نۇرغۇن پۇل خەجلەشكە توغرا كەلدى. ئالاھىدە داۋالاش قۇتقۇزۇش ياردىمىگە ئېرىشتۇق، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىنمۇ بەھرىمەن بولدۇق، كەنت يەنە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇردى، كۈنىمىز تەدرىجىي ياخشىلاندى».

بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ھەرىكەتچان كۆزىتىپ ئۆلچەش، ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاسانلا قايتا نامراتلىشىپ كېتىدىغان، نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەر ۋە تاسادىپىي ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن ئائىلىلەرگە قارىتا بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئارىلىشىش، بالدۇر ياردەم قىلىش ۋە يۆلەشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتى سەۋەبىدىن كۆزىتىپ ئۆلچەش ئوبيېكتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلەرنى ئالدى بىلەن قۇتقۇزۇپ، ياردەم قىلىپ ۋە يۆلەپ، ئاندىن تەرتىپنى ئىجرا قىلىپ، ئاپەت سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپ - خەتىرىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك تۈگەتتى.

− ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش ئۈزۈلمىدى، سېلىنما ئازايمىدى.

«يېڭى ئۆيگە كۆچتۈم، ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتىم.» جياڭشى ئۆلكىسى رۇيجىن شەھىرى رىدۇڭ يېزىسىنىڭ چېنيې كەنتىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە ليۇ شياۋچىڭ مائاشىنى ئېلىپلا ئىنتايىن خۇشال بولدى، «ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىدىغان ئادەم بار، تېخنىكا ئۆگىتىدىغان ئادەم بار بولغاچقا، مەن لازا بازىسىدا ئىشلەپ مۇقىم پۇل تېپىۋاتىمەن».

«بۇ يىل غەيرەت قىلىپ ئىشلىسەم، كىرىمىمنى يەنە ئاشۇرالايمەن.» خېنەن ئۆلكىسى چىشيەن ناھىيەسى چېڭجياۋ يېزىسىنىڭ بېيخۇايۈەن كەنتىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە جاڭ فۇشيانىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشقانىدى، «ئەتىگەندە سۈپۈرگە، ئىشتا ئوتىغۇچ ئىشلىتىمەن، مەن ھەم كەنتنىڭ تازىلىق ئىشچىسى، ھەم پارنىك بازىسىنىڭ خىزمەتچىسى، كۈنلىرىم ئۈمىدكە تولدى.» بېيخۇايۈەن كەنتى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنى، كەنت ئىقتىسادى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىش ئورنىنى بىرىكتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئەمگەك كۈچلىرىگە نۇقتىلىق ياردەم قىلدى ۋە ئۇلارنى يۆلىدى.

سىياسەت ئارقىلىق ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ياردەم بېرىش. مەركەز بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىپ، ئاساسلىق ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشنى ئايدىڭلاشتۇردى. مەركەز مالىيەسى ئەسلىدىكى نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىدىغان ياردەم پۇل مەبلىغى قىلىپ تەڭشەپ، بۇلتۇرقى كۆلىمىنى 2020 - يىلىدىكىدىن 10 مىليارد يۈەن ئاشۇردى. نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلىرى»نى ياخشى ئىشلەپ، «10 مىڭ كارخانا 10 مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش»نىڭ دەرىجىسىنى «10 مىڭ كارخانا 10 مىڭ كەنتنى گۈللەندۈرۈش»كە كۆتۈردى ... بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىغا سىجىل ياردەم قىلىندى ۋە يۆلەندى.

− خىزمەتتە بوشلۇق قالدۇرۇلمىدى، مەسئۇلىيەت چىڭىتىلدى.

«كۆپچىلىك شاڭيۈەن يەپ باققانمۇ؟ پۇرىسىڭىز مەززىلىك، يېسىڭىز چۈرۈك». كامېرا ئالدىدا، يۈننەن ئۆلكىسى لۇشۈي شەھىرى گۇدېڭ يېزىسى گەنبېن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ساڭ بويى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىۋاتاتتى، «كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى قولمۇقول ئۆگىتىپ، سېتىش يولىنى بىردىنلا ئاچتى.» كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلدى، پىششىقلاش لىنىيەسى كىرگۈزۈلدى، مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى بەرپا قىلىندى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، گەنبېن كەنتىنىڭ شاڭيۈەن، بانان قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرىنىڭ كەسىپ زەنجىرى ئۈزلۈكسىز ئۇزاردى.

«ساغلام بولۇش ئۈچۈن جەزمەن بالدۇر ئالدىنى ئېلىش كېرەك.» شەنشى ئۆلكىسى شيەنياڭ شەھىرى شۈنيى ناھىيەسى جاڭخۇڭ بازىرى شىتوۋ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى فېڭ نىڭبو كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ غېمىنى يەپ مۇنداق دېدى: «بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپ - خەتىرىنى تىرىشىپ تۆۋەنلەتتۇق».

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ غەيرەت بىلەن ئىشلەش. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بارلىق كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇشقا 563 مىڭ كادىرنى تاللاپ ئەۋەتىش، نۆۋەت ئالماشتۇرۇشنى تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە ئۇدا كۈرەش قىلدى.

دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە، %70كە يېقىن كۆزىتىپ ئۆلچەش ئوبيېكتىنىڭ خەۋپ - خەتىرى تۈگىتىلگەن بولۇپ، قالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارىتا ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بىر مەزگىل تىرىشىش ئارقىلىق خەۋپ - خەتەرنى تۈگەتكىلى بولىدىكەن. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 2021 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەنگەن ۋە كېڭەيتىلگەن، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكى ساقلانغان.

كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشتە كىرىمنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاچقۇچ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى>» «دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، بىر قەدەر تېز ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك سىياسەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، كەڭ دېھقانلارنى ئىمكانقەدەر تېز بېيىتىش كېرەك» «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي تەدبىر. يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ئاممىنى ھەم كىرىم قىلىش ھەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك».

بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كەسىپنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇردى، 2021 - يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 12 مىڭ 550 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %16.9 ئېشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

− نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كەسپىنىڭ سۈپىتى ئاشۇرۇلۇپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى.

«كۆپ تېرىغاندىن كۆرە ياخشى تېرىغان ئەۋزەل. ئورگانىك ئوغۇت ئىشلىتىپ، ئۆلچەم بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق، بۇلتۇر ھەر مو يەردىن 500 يۈەن كۆپ كىرىم قىلدىم.» خۇبېي ئۆلكىسى خېفىڭ ناھىيەسىنىڭ دۇڭجوۋ كەنتىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىدىكى شې كۈنمىڭ يېڭى يىلدا يېڭى ئۈمىدكە تولدى: «تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش بار، سېتىۋېلىش - سېتىش توختامى ئىمزالىسام، بۇ يىل كىرىمىم جەزمەن يەنە ئاشىدۇ».

كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى. كىچىك چاي «چوڭ چاي كەسپى»گە ئايلاندى، كىچىك ياڭيۇ «ئالتۇن ياڭيۇ»غا ئايلاندى، مور «ئالتۇن مور»غا ئايلاندى... ھەربىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كەسپىنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆستۈرۈلۈپ، دەرىجىسىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كەسپىدىكى تېخنىكا، ئەسلىھە، ماركېتىڭ قاتارلىق كەمتۈكلۈكلەرنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ خاس يېتەكچى كەسىپنىڭ بۇلتۇرقى مەھسۇلات قىممىتى 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، 300دىن ئارتۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەنىڭ يەككە يېتەكچى كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ تۈرلۈك يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتلىرى 30 مىليونغا يېقىن نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسقا تەسىر كۆرسىتىپ، تۈرتكە بولۇپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كەسىپ كىرىمى 2200 يۈەندىن يۇقىرى ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

− ئىشقا ئورۇنلىشىش «تاماق قاچىسى» چىڭ تۇتۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ كۈنلىرى ئۈمىدكە تولدى.

«قولدا ھۈنەر بولسىلا، پۇل تېپىشنىڭ يوللىرى بولىدۇ.» سىچۇەن ئۆلكىسى باجۇڭ شەھىرى باجوۋ رايونىنىڭ جىنزى كەنتىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىدىكى گاۋ جىلەننىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، «مەن ئاشپەز تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئاشخانىدا ئىشلىدىم، ئايلىق مائاشىم 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ، يەنە ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن.» تەربىيەلەشكە تەشكىللەش، ئەمگەك - مۇلازىمەت چىقىرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش....بىر ئورۇندا مۇلازىمەت قىلىش، بىر يۈرۈش ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش ئارقىلىق، كەنتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە قىلىدىغان ئىشى بولۇش، پۇل تاپالايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.

«ئىش ئېغىر ئەمەس، تېزلا ئىشقا كىرىشىپ كەتتىم، بىر كۈندىلا 150 يۈەن تاپالايمەن، كۆپچىلىك ناھايىتى غەيرەت بىلەن ئىشلەيدۇ.» گەنسۇ ئۆلكىسى كاڭشيەن ناھىيەسى سەنخېبا بازىرىنىڭ ياڭتيەنبا كەنتىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىدىكى شى سەيمېينىڭ ھەرىكىتى ئىنتايىن چاققان بولۇپ، يۇيۇش، قاسقاندا پىشۇرۇش، قاقلاپ قۇرۇتۇش بىلەن مەشغۇل ئىدى.... گاسترودىيە ئوتلىرى ياپىلاق قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى.

«تاماق قاچىسى» كۆپەيدى، «يانچۇق» تومپايدى. ئېتىز باشلىرىدا، ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش سېخلىرىدا، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە... نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاچقۇچ. بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي، غەربىي قىسىملارنىڭ ئەمگەك - مۇلازىمەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەربىيەلەشنى دەل جايىدا تۈزۈپ چىقىپ، پۈتۈن مۇساپىدە ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش بىلەن تەمىنلىدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئەمگەك كۈچىدىن ئىشلەپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 31 مىليون 450 مىڭ ئادەمگە يېتىپ، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 1 مىليون 260 مىڭ ئادەم كۆپىيىپ، %4.2 ئاشقان. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ بۇلتۇرقى ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى خاراكتېرلىك كىرىمى 8527 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %22.6 ئاشقان.

− ئەلا سۈپەتلىك بايلىق ئۇزارتىلدى، كېڭەيتىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ خاتىرجەم بولدى.

«بالىلار ئىشىك ئالدىدىلا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولدى، دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشتە يىراققا بارمايدىغان بولدۇق. تاغدىن كۆچۈپ چىقىپ، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ قولايلاشتى، ئەركىن - ئازادە تۇرۇۋاتىمىز.» گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ماشەن ناھىيەسى چياۋلى يېزىسىنىڭ خۇڭچىخۇ مەھەللىسىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىدىكى چىن فېڭجىننىڭ خۇشاللىقىدىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەنىدى، مەھەللىدىكى قولايلىق تاللا بازىرى، چېنىقىش مەيدانى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تەل ئىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئۈمىدىنى كۆزلەپ، بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مائارىپ، داۋالىنىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى، «بۇلۇت»تا كېسەل كۆرسىتىش قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈپ، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش بىلەن بارلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەرنى قاپلىدى. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2021 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەردە ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىدا ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈشنى سىجىل ساقلىدى.

ئىقتىدارنى كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل يۆگىمە رەسىمى سىزىپ چىقىلدى

تەرەققىيات نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ يول. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلار، بولۇپمۇ ئەسلىدىكى ئېغىر نامرات رايونلار قانداق قىلغاندا تېزدىن يېتىشىۋالىدۇ؟

باش شۇجى شى جىنپىڭ يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك، بۇ <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يۆتكىلىشى.» «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، قىيىنلىق دەرىجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، ئارام ئېلىۋالىدىغان، پۇت - قولىنى سۇنۇۋالىدىغان ھەرقانداق خىيالدا بولۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئۇدا كۈرەش قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك».

بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ «ئالتۇن ئاچقۇچى» ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ «بېيىش ئىشىكى»نى ئېچىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كەڭ رايونلاردا ئاستا - ئاستا يايدى.

− يۆلەش سىياسىتى ئارقىلىق كۈچ قوشۇلۇپ، تەرەققىيات ئىقتىدارى كۈچەيدى.

يېقىندا، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جوۋچۈ ناھىيەسىدىكى كۆزىگە ئاق چۈشكەن 26 ئاغرىق قايتىدىن يورۇقلۇققا ئېرىشتى. تيەنجىن تېببىي داشۆسى كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش ئەترىتى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا ئىنكاس قايتۇردى. تيەنجىندىن كەلگەن تۈركۈم - تۈركۈم ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر ئۆمەك تەشكىللەپ، جوۋچۈ ناھىيەسىنىڭ داۋالاش - سەھىيە بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى، داۋالاش تېخنىكىسى كامالەتكە يەتكەن زور بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىس، داڭلىق دوختۇرلار جوۋچۈ ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلىشىپ، ئۆگىتىپ، ياردەم بېرىپ، يېتەكلىدى، شەرقىي، غەربىي رايونلار ھەمكارلىشىپ ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە داۋالاپ، ياردەم قىلىپ، جوۋچۈ ناھىيەسىنىڭ داۋالاش سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنىڭ مۇقىم ئۆسۈشىگە سىجىل تۈرتكە بولدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، بىر يىلدىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. مەركەز بېكىتكەن 33 تۈرلۈك جىپسىلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ھەممىسى يولغا قويۇلۇپ، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قوللاشتىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا سىلىق ئۆتۈش تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شەرقىي قىسىمدىكى سەككىز ئۆلكە (بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) غەربىي قىسىمدىكى ئون ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) بىلەن قوشماقلىشىپ، ياردەم قىلىپ ۋە يۆلەپ، 22 مىليارد 870 مىليون يۈەن مالىيە ياردەم مەبلىغى سالدى. مەركەز ئورۇنلىرىدىن 305 ئورۇن نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم قىلىدىغان ۋە يۆلەيدىغان ناھىيەلەرگە بىۋاسىتە سالغان ۋە كىرگۈزگەن مەبلەغ 66 مىليارد 880 مىليون يۈەن بولدى. دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ياردەم قىلىدىغان ۋە يۆلەيدىغان 160 ناھىيەنى بېكىتىپ، 14 جەھەتتە قىممىتى يۇقىرى سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە ياردەم قىلىش ۋە يۆلەشنى قانات يايدۇردى.

− يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلاندى.

خۇنەن ئۆلكىسى خۇايۈەن ناھىيەسىنىڭ شىبادۇڭ كەنتىگە ساياھەتچىلەر تۈركۈم - تۈركۈملەپ كەلدى، بۇلاق سۈيى ئاپتوموبىللار بىلەن توشۇپ چىقىلدى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنتۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يول ياخشى بولسا، ھەممە كەسىپ گۈللىنىدۇ. بۇ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق كەنتلەرگە تۇتاشقان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى، تېخىمۇ مۇھىمى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان گۈزەل تۇرمۇش يولى.» بۇلتۇر خۇنەن ئۆلكىسى زور كۈچ سەرپ قىلىپ يېزا تاشيولىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قۇردى، خۇايۈەن ناھىيەسىدىكى G319 لىنىيەسىدىن شىبادۇڭ كەنتىگىچە بولغان تاشيول «ئون چوڭ ئەڭ گۈزەل يېزا يولى» بولۇپ تاللاندى.

بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار سىياسەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ، توك، يول، تور قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، يېزىلارنى ئاساسىي زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىدى. «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلىپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى تۈزىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، رەقەملىك يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىپ، تەرەققىيات مۇھىتى ياخشىلاندى.

− قايناق كەيپىيات ئەۋج ئالدى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ زورايدى.

«لا، لا، لا» دېگەن ئاۋاز تاغ جىلغىسىدا ئەكس سادا بولۇپ ياندى، سەنشى ئۆلكىسى پىڭشۇن ناھىيەسىنىڭ شېنلۇڭۋەن كەنتىدىكى دېھقان فاڭ لياڭ ۋارقىراپ توۋلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چارۋىلىرى ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ، ئىككى تەرەپتىكى تاغ باغرىدىن پەسكە چۈشتى. يېنىدىكى خوتۇنى ليۇ جىڭ يان تېلېفونىنى ئېلىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلىپ، ئەمەلىي چۈشەندۈرۈپ: «كۆپچىلىك كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، بىزنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىدا چارۋىلارغا يەم - بوغۇز بەرمەيمىز، كاۋا، ياۋا قانتېپەر ۋە قارىدان بېرىمىز... » دېدى. ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىزغىنلىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىشقا تۈرتكە بولدى، بۇلتۇر پۈتۈن ناھىيەنىڭ توردىكى سېتىش سوممىسى 276 مىليون يۈەنگە يەتتى، يېزا - كەنت ساياھىتى گۈللىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

ئېكولوگىيە ساياھىتى، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، زور بىر تۈركۈم كارخانىلار، داشۆنى پۈتكۈزگەنلەر، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلىگۈچىلەر يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى كۈنسېرى ئاشۇردى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى، دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەت يېزىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى.

سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەر ئۆزگىچە كۆرۈش بۇلۇڭى ئارقىلىق ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلار مەركەزلەشكەن «خۇ خۇەنيۇڭ سىزىقى»نىڭ غەربىدىكى رايوندا «كېچىلىك يورۇقلۇق كۆلىمى» داۋاملىق كۆپەيدى. بۇنىڭ ئارقىسىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇغانلىقى بار.

مۇۋەپپەقىيەت تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرماقتا، بۇرچ كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكىچە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقىچە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدا ئۇلۇغ مۆجىزىنى ياراتقان يۈز مىليونلىغان جۇڭگو خەلقى مۇقەررەر ھالدا يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرىدۇ!

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.