تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسئۇلىيىتىمنى جان - دىل بىلەن ئادا قىلىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمەن

ۋەكىل رۇقىيەم مەتسەيدى:

مەسئۇلىيىتىمنى جان - دىل بىلەن ئادا قىلىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

2 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، كېرىيە ناھىيەسى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى رۇقىيەم مەتسەيدى ئىزچىل توختىماي ئىشلەش ئەندىزىسىدە بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەركەزلىك تەكشۈرۈشىگە قاتناشقاندىن كېيىن، دەرھال يۇرتىغا قايتىپ جىددىي خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى جىددىي تۈزەتتى، مۇكەممەللەشتۈردى.

نۇرغۇن كىشى رۇقىيەم مەتسەيدىنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى قۇربان تۇلۇمنىڭ 60 نەچچە يىل ئىلگىرى رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ نەمۇنىچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، كىشىلەر ئۇنى يېقىملىق ھالدا «قۇربان تاغا» دەپ ئاتايدۇ.

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان، رۇقىيەم مەتسەيدىنىڭ بۇرچ تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچىيىپ، كەينى - كەينىدىن تېخىمۇ چوڭ سەھنىلەرگە چىقىپ، قۇربان تاغىنىڭ ھېكايىسى، يۇرتىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا سۆزلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئاكتىپ كۈچ تارقاتتى.

2018 - يىلى 3 - ئايدا، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن رۇقىيەم مەتسەيدى «ۋەكىللەر يولى»دا مېڭىپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ چوڭ ئائىلىمىزدە 100دىن ئارتۇق ئادەم بار، ھەممىمىز بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز. ھازىر، يۇرتداشلارنىڭ كۈنلىرى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ».

2021 - يىلى 11 - ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدە مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، رۇقىيەم مەتسەيدى نەق مەيدانغا كېلىپ، يۇرتى كېرىيە ناھىيەسىدە يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ۋە ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى بايان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا بوھتان چاپلىغان يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىگە دادىل رەددىيە بەردى.

رۇقىيەم مەتسەيدىنىڭ قايتا - قايتا چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق، قۇربان تۇلۇمنىڭ ھېكايىسى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالدى، ئۇ ئۆزىمۇ يۇرتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

2020 - يىلى 2 - ئايدا، رۇقىيەم مەتسەيدى قۇربان فوندى جەمئىيىتىدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ۋۇخەندىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە بەش توننا گۈرۈچ ئىئانە قىلدى.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ بىر قاتار باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەتلىرىنىڭ چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، رۇقىيەم مەتسەيدى تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، زاۋۇت، مەيدان، كوچىلاردا ئۇنىڭ ئالدىراش سىيماسىىنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كېرىيە ناھىيەلىك باج ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان خالىس تەشۋىقاتچى، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان باج نازارەتچىسى بولۇپ، باج ئورگانلىرىنىڭ باج ئېلىش ئېتىبار سىياسىتىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈشىگە ھەمكارلىشىپ، باج خىزمىتىنىڭ پۇختا قانات يايدۇرۇلۇشى ۋە باج ھەققى ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى نازارەت قىلدى.

رۇقىيەم مەتسەيدى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق قانۇن كەسپى بويىچە ئالىي تېخنىكوم دىپلومىغا ئېرىشتى، ھازىر خوتەن شەھەرلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە داشۆسىنىڭ قانۇن كەسپى بويىچە تولۇق كۇرس دەرسلىرىنى ئوقۇۋاتىدۇ.

«مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلغان بۇ بىرقانچە يىلدا، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر تەدرىجىي ياخشىلاندى. مەن مەسئۇلىيىتىمنى جان - دىلىم بىلەن ئادا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى ۋاكالەتچىسى بولىمەن» دېدى رۇقىيەم مەتسەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.