تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئۈچ چوڭ قوغداش جېڭى» شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى كۆك، يېرىنى يېشىل، سۈيىنى سۈزۈك قىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ

ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىدۇر. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىسلىسىز سالماق بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلققە پايدا يەتكۈزۈش، ئېكولوگىيەدە خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇردى.

شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز بولۇپ، تاغ - دەريالارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئاسراشقا توغرا كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، «كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراق»نى قوغداش جېڭىنىڭ نىشان ۋەزىپىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە گۈزەل مەنزىرىسىنى شىنجاڭ تۇپرىقىدا مەڭگۈ ماكانلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى گۈللىرىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى.

قانۇنچىللىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىش

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا جەزمەن تۈزۈمگە تايىنىش، قانۇنچىللىققا تايىنىش كېرەك. گەۋدىلىك بولغان مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا، جەزمەن ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇش، ئىشنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ياخشىلاشتىن باشلاش كېرەك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىنتايىن ئاجىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە كەسكىن بۇلغىنىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، شىنجاڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىدىكى «ئاساسىي قۇرۇلما»نى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

قانۇنچىللىق مۇھىتى چىڭىتىلدى. ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت قوغداش نىزامى» «ئاپتونوم رايوننىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش نىزامى» قاتارلىق يەرلىك نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆزىتىش - ئۆلچەش، مەمۇرىي تەپتىش قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش تىك لىنىيەلىك تۈزۈم ئىسلاھاتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا دائىر ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىغا تۆلەم بېرىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتى، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مۇھىتنى نازارەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى چىڭىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا دائىر قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى.

تۈزەش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى (ئىدارىسى) تەشكىللەپ قۇرۇلۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇھىم، زور ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ ۋە نازارەت قىلىپ - باشقۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە شەھەر - يېزىلاردىكى تۈرلۈك بۇلغىمىلارنى قويۇپ بېرىش - چىقىرىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بىلەن مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش يۈرگۈزۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى بىرتۇتاش نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. رايون ھالقىغان ئالتە مەمۇرىي تەپتىش مەخسۇس خادىم ئىشخانىسى تەسىس قىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەم ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مۇھىت قوغداش مەسئۇلىيىتى چىڭىتىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈلدى.

2021 - يىلى 3 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك> بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - كونترول قىلىش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئالدىن قوغدىلىدىغان رايون، نۇقتىلىق باشقۇرۇش - كونترول قىلىش رايونى، ئادەتتىكى باشقۇرۇش - كونترول قىلىش رايونى بولۇپ جەمئىي 1323 مۇھىت باشقۇرۇش - كونترول قىلىش بۆلىكىنى بېكىتىپ، بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرمىسى چەكلىمىسى، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلىش، مۇھىت خەۋپ - خەتىرىنى باشقۇرۇش - كونترول قىلىش ۋە بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىدىن ئىبارەت تۆت ئۆلچەم بويىچە مۇھىت ئىجازىتىنى چىڭىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بوشلۇق يىرىك پىلانى، كەسىپ سىياسىتى، تۈر تەرەققىياتى قاتارلىقلارنى يېشىل ئۆلچەم بىلەن تەمىنلىدى.

باشقۇرۇش تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلدى. «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك» نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە قوللىنىشنى پائال ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى يادرو قىلغان «بىر كىنىشكا شەكلى»دىكى مۇھىت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى. 124 ساھە كارخانىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، جەمئىي 4180 پارچە بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى تەكشۈرۈپ تارقىتىلدى، بۇلغىما چىقىرىشنى تىزىملاتقان كارخانا 22 مىڭ 867 بولدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ 2021 - يىللىق بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتى سۈپىتى ۋە ئىجرا قىلىش دوكلاتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى ھەم بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسىدىن كېيىنكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى مۇھىم ئاساس قىلغان مۇقىم بۇلغىما مەنبەلىرىگە قارىتا قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، بۇلغىما چىقارغۇچى ئورۇنلارنىڭ «كىنىشكا ئېلىپ بۇلغىما چىقىرىش، كىنىشكا بويىچە بۇلغىما چىقىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى.

چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىش چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش

«كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشى شىنجاڭلىقلارغا ناتونۇش ئەمەس. 2012 - يىلى، بۇ قۇرۇلۇش ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلاندى. شۇ يىلى، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قۇرۇلۇش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى. شۇ يىلى، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى ھاۋا سۈپىتىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجىگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق بۇلغانغان شەھەر دېگەن قالپاقنى بىراقلا چۆرۈپ تاشلىدى.

شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ھەرىكەت پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» «كۈيتۈن − مايتاغ − شىخو» رايونى، كورلا شەھىرى ئەتراپى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىن بىرلىكتە مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنى بىرلىكتە كونترول قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتتى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، مەركىزىي كومىتېت بىرلا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھامان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش بۇرغىسى چېلىندى، شىنجاڭ بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. ئاپتونوم رايون «شىنجاڭنىڭ كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى (2018 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقىتىپ، دىققەتنى «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» «كۈيتۈن - مايتاغ - شىخو»دىن ئىبارەت نۇقتىلىق رايونغا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىس - تۈتەك، چاڭ - توزان، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدى، ئازوت ئوكسىدى، VOC نۇقتىلىق بۇلغىمىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پولات - تۆمۈر، ئوت ئېلېكتىر، سېمونت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى باشقۇرۇش - كونترول قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، پولات - تۆمۈر، ئوت ئېلېكتىر ساھەسىدە پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش، نېفىت - خىمىيە، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردە ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىپ ياساشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؛ دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دەريا - كۆللەرنى باشقۇرۇش بويىچە مەخسۇس قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش ۋە دەريا - كۆللەردىن قۇم - شېغىل ئېلىشنى تۈزەش، دەريا - كۆللەردىكى «تۆت قالايمىقاننى تۈگىتىش» قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، دەريا (كۆل)لارغا يۇندى قويۇپ بېرىش ئېغىزلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزەشنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دەريا - كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى، سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى؛ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتتى.

«13 - بەش يىل»لىق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئاساسىدا، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ تىرىشىپ ئاچقۇچلۇق ساھەلەر، ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىدۇ.

2021 - يىلى، شىنجاڭ «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» «كۈيتۈن - مايتاغ - شىخو» قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى ماسلىشىپ تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى كۈز، قىش پەسلىدىكى ئۇششاق دانچىلاردىن بۇلغىنىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، يولدا ماڭمايدىغان كۆچمە ماشىنىلار قاتارلىق كۆچمە مەنبەنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشىنى ھەقىقىي تۈردە ئازايتتى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر، ناھىيە بازارلىرىدا تۇرمۇش يۇندىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، 2 - دەرىجىلىك، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئۆلچەمدىكى شەھەر - بازارلارنىڭ يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىپ ياساشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتتى. يېزا - بازار دەرىجىلىك مەركەزلەشتۈرۈش شەكلىدىكى ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى ۋە يېزىلارنىڭ «مىڭ توننا، 10 مىڭ ئادەم» سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونىنى ئايرىش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى مۇستەھكەملىدى ۋە ئۆستۈردى.

«<14 - بەش يىل> مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن، <13 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشتىن تارتىپ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىشقىچە، <قەتئىي بولۇش>تىن <چوڭقۇرلاشتۇرۇش>قىچە، بىر سۆز پەرق مۇھىم، زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشكە چېتىلىدىغان زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنىڭ قاتلىمىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر، دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ، تەلىپىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ بىلدۈردى ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دەي ۋۇجۈن.

داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش

ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلىغان، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك بولغان.

كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئىسسىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويۇش بىلەنلا كۆك ئاسماننى كۆرۈش تەس بولۇش، ھاۋا بۇلغىنىشتىن تارتىپ، 2021 - يىلى ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان كۈن سانىنىڭ 295 كۈنگە يېتىپ، يىل بويى ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولۇش نىسبىتىنىڭ تۇنجى قېتىم %80تىن يۇقىرى بولۇشىغىچە، ئۈرۈمچىنىڭ ئىسسىنىش مەزگىلىدە «كۆك ئاسمان» بارغانسېرى كۆپىيىپ، قىشتا كىشىلەر دالىدا مۇز تېيىلىپ، قار تېيىلىپ، قىش كۈنلىرىدىن قانغۇچە خۇشال ھۇزۇر ئالالايدىغان بولدى. 2021 - يىلى، شىنجاڭدىكى 14 شەھەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى %74.6 بولۇپ، 2016 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، 4.1 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.

دەريا - كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، «تۆت قالايمىقاننى تۈگىتىش» قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا داۋاملىق ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈلۈشى بىلەن قۇرۇپ كەتكىنىگە كۆپ يىل بولغان تارىم دەرياسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى تېتىما كۆلىنىڭ ھاياتىي كۈچى قايتا نامايان بولدى، بۇنىڭ بىلەن دەريا قايتىپ كەلدى؛ بىرمەھەل «باش ئاغرىتىدىغان دەريا» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، ئىلگىرىكى مەينەت، قالايمىقان، ناچار، كۆرگۈسىز بولۇپ كەتكەن، ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان تۇدۇڭخابا دەرياسىدا پاسكىنا - مەينەت ھالەت تەدرىجىي تۈگىتىلىپ، يېڭى تون كىيىپ، گۈزەل ئېكولوگىيەلىك باغچىغا ئايلاندى؛ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان سۇلۇق يەر باغچىلىرىدا قۇشلار سايراشقان، بېلىقلار سۈپسۈزۈك سۇدا ئۈزۈپ يۈرگەن، سۇ بىلەن ئاسمان بىر خىل رەڭگە كىرگەن گۈزەل مەنزىرە نامايان بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان شادلىق باغچىسىغا ئايلاندى... 2021 - يىلى شىنجاڭدا كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن دەريا ئېقىنى، كۆل، سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئەلا سۇ سۈپىتى نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %98.2، %78.1كە يېتىپ، سۇ مۇھىتى سۈپىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى.

تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش جەھەتتە، شىنجاڭ ئېغىر مېتاللارنىڭ بۇلغىما چىقىرىشىنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنداپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش ۋە نۇقتىلىق ساھە كارخانىلىرى ئىشلىتىدىغان يەرلەرنىڭ تۇپراق بۇلغىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنىڭ تۇپراق بۇلغىنىش ئەھۋالىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلەپ ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق ساھە كارخانىلىرى ئىشلىتىدىغان يەرلەرنىڭ تۇپراق بۇلغىنىش ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، تۇپراق بۇلغىنىش جەھەتتە نۇقتىلىق نازارەت قىلىنىدىغان - باشقۇرۇلىدىغان كارخانىلارنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ - باشقۇرۇپ، تۇپراق مۇھىت سۈپىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدى.

بۇلغىنىشنى تۈزەشتە ئەڭ ياخشىسى يوق، پەقەت تېخىمۇ ياخشىسى بار.

«2021 - يىلى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاپالىق كۈرەش قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا <14 - بەش يىل>دا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.» دەي ۋۇجۈن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل شىنجاڭ داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يولىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.