تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىرىشىپ ئاممىغا ۋاكالىتەن سۆزلەيمەن

ۋەكىل دۆلەتمەن كەيمىك:

تىرىشىپ ئاممىغا ۋاكالىتەن سۆزلەيمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر، پىراكتىكانت ئىمرانجان لوقمان

«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دېگەن بۇ سالاھىيەت ھەم شەرەپ، تېخىمۇ مۇھىمى مەسئۇلىيەت. دائىم ئامما ئارىسىغا بېرىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا قۇلاق سېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلغاندىلا، ئاندىن ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچىسىگە جاۋاب قايتۇرغىلى بولىدۇ» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى جۇڭگو - تاجىكىستان راڭكۆل ھەربىي، ساقچى، خەلق بىرلەشمە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خىزمەت پونكىتىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى، چېگرا قوغدىغۇچى دۆلەتمەن كەيمىك.

بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن دۆلەتمەن كەيمىكنىڭ ئۆيى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋەچە يېزىسى شەبۇزقەلە كەنتىدە بولۇپ، بۇ جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4500 مېتىردىن ئاشىدۇ، يىل بويى قاتتىق سوغۇق بولۇپ، ئوكسىگېن يېتىشمەيدۇ. 2016 - يىلى، دۆلەتمەن كەيمىك چېگرا قوغدىغۇچى بولدى، ئالتە يىلدىن بۇيان، ئۇ بوران - چاپقۇنغا قارىماي، ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى سادىقلىق بىلەن قوغدىدى.

«مەن چارلايدىغان چېگرا لىنىيەسى 200 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، بىر كۈندە ئاز دېگەندە 20 كىلومېتىر چارلايمەن، بىر يىلنىڭ 365 كۈنىنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق چارلايمەن.» دۆلەتمەن كەيمىكنىڭ دادىسىمۇ چېگرا قوغدىغۇچى ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە دادامنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى قولۇمغا ئالغان ئىكەنمەن، جەزمەن تېخىمۇ ياخشى قىلىمەن.

2021 - يىلى، دۆلەتمەن كەيمىكنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دېگەن يېڭى سالاھىيىتى بار بولدى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا ئالاقىدار تۈرلۈك بىلىملەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا پائال چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى ئىجتىھات بىلەن يازدى.

«ھەر قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ھەمىشە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولىمەن، بالىلار ئازادە، يورۇق سىنىپلاردا ئوقۇيدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، نۇرغۇن ئادەتتىكى ئائىلىلەر پىكاپ سېتىۋالدى، تۈپتۈز، كەڭ ئاسفالت يوللار تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چېھرىدە بەخت جىلۋىلەندى. ھازىرقى ياخشى كۈنلەرنى كۆرۈپ، قەلبىم پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا تولدى» دېدى دۆلەتمەن كەيمىك.

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقى بىلەن داڭلىق بولۇپ، نۇرغۇن دېھقان - چارۋىچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى، نۇرغۇن كىشى دېھقانلار ئارامگاھى، چارۋىچىلار ئارامگاھى ئاچتى، سودىسى قىزىپ كەتتى. يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ياردىمىدە، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. دۆلەتمەن كەيمىكنىڭ قارىشىچە، يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يانداش تەدبىرلەر يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك ئىكەن.

«دۆلەتنىڭ ساياھەت مەسلىھەتچىلىكى مەركىزى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا - كەنت ساياھىتى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى دۆلەتمەن كەيمىك.

ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ قۇربان بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لاچىن بايەكەمۇ ئىلگىرى چېگرا قوغدىغۇچى ئىدى. 2021 - يىلى 1 - ئايدا، لاچىن بايەكە كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەن ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇۋاتقاندا قۇربان بولغان بولۇپ، شۇ چاغدا ئۇ ئاران 41 ياشتا ئىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇنىڭغا «دەۋر نەمۇنىچىسى» دەپ تولۇقلاپ نام بەردى.

«لاچىن بايەكە مېنىڭ ياخشى سەپدىشىم، پامىر قەھرىمانى. مەن قەھرىماندىن ئۆگىنىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ئاممىغا ۋاكالىتەن سۆزلەپ، ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا ئېلىپ بارىمەن» دېدى دۆلەتمەن كەيمىك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.