تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«پۇقرالارنىڭ ئۈمىدى دەل زىممەمدىكى مەسئۇلىيەت»

ۋەكىل قەيسەر ئابدۇكېرىم:

«پۇقرالارنىڭ ئۈمىدى دەل زىممەمدىكى مەسئۇلىيەت»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا

«خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئامما ئارىسىدىن كېلىدۇ، ئۇلار خەلقنىڭ ۋاكالەتچىسى» دېدى 2 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى قەيسەر ئابدۇكېرىم.

«ئاممىنىڭ ساداسىغا دائىم قۇلاق سالغاندىلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئامانلىقى، ھال ـ ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدۇ، بۇ، ۋەكىللەرنىڭ ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلىشىدىكى ئاساسىي تەلەپ.» قەيسەر ئابدۇكېرىم كۆپ قېتىم ئوقۇغۇچىلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى، تۇرمۇش شارائىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانىلار بىلەن بىرلىكتە نەق مەيداندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى.

كېسەل كۆرسىتىش ـ داۋالىنىش ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەيسەر ئابدۇكېرىم «شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئوقۇتۇش پىراكتىكا دوختۇرخانىسى»نىڭ يەرلىك دوختۇرخانىلاردا ۋىۋىسكا ئېسىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پەن قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، يەرلىك دوختۇرخانىلارنىڭ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، تېببىي خادىملارنىڭ ئوقۇش تارىخىنى ئۆستۈرۈش، دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاغرىقلارنى ناھىيەدىن چىقمايلا 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىپ، داۋالىنىش خىراجىتىنى ئەڭ زور چەكتە تېجەپ، «چوڭ كېسەللەرنى ناھىيەدىلا داۋالاش، سالامەتلىكىنى ئاساسىي قاتلامدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش»تىن ئىبارەت دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

«پۇقرالارنىڭ ئۈمىدى دەل مېنىڭ زىممەمدىكى مەسئۇلىيەت» دېدى قەيسەر ئابدۇكېرىم.

تۇرالغۇ ساھەسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملەشتۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق تەرتىپنى قايتا تەشكىللەش ۋە كەسىپ ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنى ئىش بېجىرىشتە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ياكى «قاترىماسلىق» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ كۆزنەكتە مەخسۇس «ياشانغانلار يېشىل يولى» تەسىس قىلىش، «ئائىلىلەرگە كىرىپ بېجىرىش» «ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ بېجىرىش» قاتارلىق كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان مۇلازىمەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تېلېفوندا ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئوتتۇرىغا قويۇش... مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا، قەيسەر ئابدۇكېرىم ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، تېببىي مائارىپ سۈپىتى، داۋالاش ـ سەھىيە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتىن چىقىش قىلىپ، نۇرغۇن ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«تەكلىپ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى بولۇش ـ بولماسلىقى ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، باشتىن ـ ئاخىر ئاممىنىڭ مەنپەئىتىدىن چىقىش قىلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ئاممىنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى ۋاقتىدا، دەل جايىدا يەتكۈزۈش كېرەك» دېدى قەيسەر ئابدۇكېرىم.

يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2 ـ تۈركۈمدىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى خۇاڭ دانيەنچە ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ پىروفېسسور گۇەن ياچۈن «ئاساسىي تېببىي پەن ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپى» بۇ تىزىملىككە كىردى.

«بۇ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىچكى خاس مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى» دېدى قەيسەر ئابدۇكېرىم.

مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش مەزگىلىدە، قەيسەر ئابدۇكېرىم شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىچكى خاس مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشتى.

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى «قوش 10 مىڭ پىلانى»، ئوقۇتۇش نەتىجىسى مۇكاپاتى بويىچە يېتىشتۈرۈش ۋە ئىلتىماس قىلىش، كۆزگە كۆرۈنگەن دوختۇرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، كەسپىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىش قاتارلىقلارنى تۇتقا قىلىپ، مائارىپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ئىسلاھاتى، كەسپىي قۇرۇلۇش ھەم دەرس سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش ـ سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان يېڭى ئەندىزىنى شەكىللەندۈردى.

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، قەيسەر ئابدۇكېرىم شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 ـ دوختۇرخانىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى قوللاش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنماقچى، ئۇ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ ئەۋزەل بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.