تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىرادە باغلاپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنىمىز

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئالقىشلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، بېيجىڭ 24 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى، جۇڭگو تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىنى كۆردى. بۇ قىسقىغىنا ئون نەچچە كۈننى ئەسلىسەك، ئېسىل، ئىللىقلىققا تولغان ھەربىر كۆرۈنۈش ئۇنتۇلغۇسىز بولدى، ئولىمپىك نۇرى قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى، كۆپچىلىك چىن قەلبىدىن قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئالقىش ياڭراتتى، ۋەتىنىمىزدىن پەخىرلەندى! ئولىمپىك تەنھەرىكىتى روھى تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنى يېڭى مۇساپىدە بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىرادە باغلاپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنىشقا تېخىمۇ ئىلھاملاندۇردى.

«جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈرلۈك توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن بۇيانقى تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى. جۇڭگو ئەزىمەتلىرىنىڭ مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرگەندىكى ھاياجانلىق ھېسسىياتىمنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن!» ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى نۇرمانات قابدىل بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قىشلىق ئولىمپىك دەۋرىدىكى «قار - مۇز قىزغىنلىقى»نى چىڭ تۇتۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئۆزگىچە قار - مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قار - مۇز كەسپى، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

ئالاتاۋ تاموژنىسى ئۇنىۋېرسال كەسىپ 1 - بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ شياۋدۇڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆردى، قار ئۇچقۇنى مەشئەل سۇپىسىنىڭ غايەت زور قىزىل جۇڭگو تۈگۈچىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلار ئىختىيارسىز چاۋاك چېلىشتى. «ئويلىمىغان ئىكەنمەن، ھەقىقەتەن جۇڭگوچە رومانتىكىلىق ئىپادىلىنىپتۇ.» جاڭ شياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تۈگۈچى بەخت - سائادەت، ئىتتىپاقلىقنىڭ سىمۋولى، قار ئۇچقۇنى مەشئەل سۇپىسىنىڭ غايەت زور قىزىل جۇڭگو تۈگۈچىگە ئايلانغانلىقى گۈزەللىكنى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە قىلدى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كۆپچىلىكنى قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش ۋە چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى، مەنمۇ شۇ سەۋەبتىن قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى ياقتۇرۇپ قالدىم.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭ بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىغا كېلىدىغان قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى تەدرىجىي كۆپەيدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ قار تېيىلىش مەيدانى يەنە كېچىلىك قار تېيىلىش مەيدانى تەسىس قىلدى، يېقىندا كېچىلىك قار تېيىلىش مەيدانىدىلا كۈنىگە 1000دىن ئارتۇق قار تېيىلىش ھەۋەسكارىنى كۈتۈۋالدى. «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كىشىلەرنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغاتتى، نۇرغۇن ئاتا - ئانا بالىلىرىنى ئېلىپ قار تېيىلغىلى كەلدى» دېدى شىنجاڭ بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ يانەن. قىزغىن كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن، بۇ قار تېيىلىش مەيدانى قار تېيىلىش سايمانلىرى زالىدا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى كۆرسەتتى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى قەدىمىنى توختىتىپ بەس - بەستە مۇسابىقىنى كۆردى. «بىز بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدەك مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، قاتتىق دېتال سېلىنمىسىنى زورايتىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭغا كېلىپ قار تېيىلىشقا جەلپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشىمىز» دېدى ئۇ.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، بىڭدۈندۈننىڭ ئوماق ئوبرازى سانسىزلىغان كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. «مەن مەكتەپتە تاش ئويما تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەچكە، تاشقا بىر بىڭدۈندۈننى ئويۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بولغان تىلىكىمنى ئىپادىلىدىم.» بورتالا شەھەرلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لۇ جيەنگو مۇنداق دېدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى، مۇسابىقىنىڭ يېپىلىشى ئاخىرلاشقانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، مۇقەررەر ھالدا چوڭقۇر ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە، كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇچا بازىرى چىڭشۈي كەنتىدىكى كادىرلار، ئامما بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ چېھرىدە ئىپتىخارلىق ۋە بەختىيارلىق ھېسسىياتى ئەكس ئەتتى. بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇرسۇنئاي شادىل مۇنداق دېدى: باش باھار كىرگەندىن كېيىن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، بىر تەرەپتىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە دىققەت قىلسا، بىر تەرەپتىن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئالدىنئالا پىلانلاپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتى روھى بىلەن تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى، كۆپچىلىك بىللە كۆكتات پارنىكى ياساپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى تەييارلاپ، باقمىچىلىق ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، تەرەققىي قىلىش غەيرىتىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى. «ئولىمپىك تەنھەرىكىتى روھىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشىدا، بىز پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي جان تىكىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى تۇرسۇنئاي شادىل.

ئولىمپىك ئەزىمەتلىرىنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىش روھى ئوخشاشلا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى كومپيۇتېر شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى دىلئارام تۇردىيۈسۈپنى ئىلھاملاندۇردى. «مەن گۇ ئەيلىڭ، ۋۇ داجىڭ، شۈ مېڭتاۋ قاتارلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقە مەيدانلىرىدا تىرىشىپ جان تىكىپ ئېلىشىپ، دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، قەلبىمدە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولدى.» ئۇ مۇنداق دېدى: ئولىمپىك ئەزىمەتلىرىگە ئوخشاش جان تىكىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كەسپىي بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، گۈزەل ياشلىق دەۋرىمنى قەدىرلەپ، شەخسىي ئارزۇيۇمنى جۇڭگو ئارزۇسىغا سىڭدۈرۈپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن پۇختا قەدەمدە تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىمەن.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار لى ياڭ، جاڭ يۈنمېي، رېن جياڭ، جاڭ تىڭ، جاڭ جىلى، چېن چياڭۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ياڭ ۋېيشۈەن، جوۋ چيۇلى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.