تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر مېلودىيەسىنى ئورتاق ياڭرىتايلى

− 24 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

□ خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە، رەڭدار ساليۇتلار بېيجىڭنىڭ كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى، 24 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شادلىق دېڭىزىدا، ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان خوشلىشىشلار ئىچىدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 16 كۈندە، بېيجىڭدىن ئىبارەت ھەم قەدىمىي، ھەم زامانىۋى خەلقئارالاشقان شەھەر، پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى «قوش ئولىمپىك شەھىرى» دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك ئۇنتۇلغۇسىز ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى يەنە بىر قېتىم تەقدىم قىلدى، دۇنيا خەلقىگە جۇڭگو خەلقىنىڭ پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھى ۋە كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ يېڭى مۆجىزىسىنى يەنە بىر قېتىم ياراتتى.

91 دۆلەت ۋە رايون، 3000غا يېقىن قار - مۇز تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرى، يەتتە چوڭ تۈر 109 كىچىك تۈر... بۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلگەن يەر شارىۋى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىسى، تەسىس قىلىنغان تۈر ۋە بارلىققا كەلگەن ئالتۇن مېدال ئەڭ كۆپ بولغان بىر نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ قار - مۇز تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىگە ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت قار - مۇز تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنى ئۆزىدىن ھالقىيدىغان سەھنە بىلەن تەمىنلىدى، يەنە يۇقۇم سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان دۇنياغا ئىشەنچ ۋە كۈچ بېغىشلىدى.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ھارپىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا: «جۇڭگو تەرەپ سەمىمىيلىك بىلەن دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلىپ، <تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش − تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش>تىن ئىبارەت ئولىمپىك ھېكمەتلىك سۆزىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدۇ» دەپ جاكارلىدى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئېسىل، ئالاھىدە، قالتىس بولۇش ئارقىلىق دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، ئولىمپىك تەنھەرىكىتى تارىخىدا قېنىق، رەڭدار سەھىپىنى قالدۇردى! بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۇنيا قار - مۇز تەنھەرىكىتى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئابىدىگە ئايلىنىدۇ!

بۇ بىر نۆۋەتلىك تەڭداشسىز قالتىس كاتتا مەرىكە. ئولىمپىك رېكورتى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەرىكەتلەر ئارقا - ئارقىدىن ئورۇندالدى، ياش كىچىك ماھىرلار ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى، مۆجىزە ياراتقان پېشقەدەم ماھىرلار داۋاملىق مۆجىزە ياراتتى، رىقابەت رەقىبلىرى بىر - بىرىگە كۆيۈنۈپ مەدەت بەردى... ھەربىر قالتىس پەيت ھەرقايسى دۆلەت قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئەزىمەتلىرىنىڭ توختىماي ئۆزىنى كۈچەيتىش، ئۆزىدىن ھالقىشتىن ئىبارەت جان تىكىپ ئېلىشىش مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولۇپ، ئولىمپىك روھىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى. مۇسابىقە مەيدانىدا، جۇڭگو قار - مۇز تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرى جان تىكىپ ئېلىشىشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جان تىكىپ ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىپ، جان تىكىپ ئېلىشىشقا ماھىر بولۇپ، 9 ئالتۇن مېدال، 4 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدالغا ئېرىشىشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، «كىشىلىك ھاياتتا ئېلىشىش پۇرسىتى كۆپ كەلمەيدۇ» دېگەن جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى رېكورت يارىتىپ، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

بۇ بىر قېتىملىق تەستە قولغا كەلگەن ئالاھىدە ئۇچرىشىش. يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە قولايسىزلىقلار ئالدىدا، جۇڭگو يېشىل، ھەمبەھرە، ئوچۇق، پاك بولۇشتىن ئىبارەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يەڭدى. «تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس» بولغان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىن «قوش يېپىق ھالقىسىمان» باشقۇرۇشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكىچە، ئاندىن مەيدان - سارايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكىچە، تۈرلۈك كۈچلۈك تەدبىرلەر يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، مۇسابىقىگە قاتناشقانلار ھەم ئالاقىدار خادىملار، جۇڭگو خەلقىنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا ئىنسانىيەتنىڭ قىيىنچىلىقلار ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى نامايان قىلدى.

بۇ بىر مەيدان مۇكەممەللىككە ئىنتىلىشتىكى قالتىس نامايان قىلىش. جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو تېخنىكىسى، جۇڭگو ماتېرىيالى، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا «دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرۇش»لار بىر - بىرلەپ يارىتىلدى، شوۋگاڭ قار تېيىلىپ پەشتاقتىن سەكرەش پەشتىقى سانائەت مىراسلىرىغا بولغان تىپنى ئۆزگەرتىپ قايتا پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى، مۇسابىقە مەيدان - سارايلىرىنىڭ ھەممىسىدە يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلىتىلدى، ئاساسىي مەشئەلدە ئولىمپىك تەنھەرىكىتى تارىخىدا تۇنجى قېتىم «سۇس ئوت» شەكلى ئىشلىتىلدى... پەن - تېخنىكىلىق، ئاقىل، يېشىل، تېجەشلىك بولۇشتەك روشەن ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلدى؛ «شۆيوۋلۇڭ» «شۆرۇيى» «شۆفېيتيەن» «بىڭسىدەي» «بىڭلىفاڭ» «بىڭلىڭخۇا»... ھەربىر ئولىمپىك تەنھەرىكىتى مەيدان - سارىيى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ماھارەت كۆرسىتىشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك سەھنە بىلەن تەمىنلىدى؛ ئاساسلىق تاراتقۇ مەركىزى تۈرلۈك يۈرۈشتۈرۈش، مۇلازىمەت، كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئاخبارات خەۋەرلىرى ۋە يەتكۈزۈش، ئۇلاپ تارقىتىش ئىقتىدارىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى پۈتۈن دۇنياغا ئومۇميۈزلۈك، ئىستېرېئولۇق، جانلىق تارقىتىشنى پۇختا تىرەككە ئىگە قىلدى؛ قىشلىق ئولىمپىك كەنتى بىخەتەر، ئىللىق، راھەت بولۇپ، «تەنھەرىكەتچىلەر ئويلىغاننى ئويلاپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ئىش كۆرۈش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى... قالتىس بولۇشقا، تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىپ، جۇڭگو تۈرلۈك مۇسابىقە ئىشلىرىنى تەشكىللەش، مۇسابىقە مۇلازىمىتى، قوماندانلىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، «ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ يېڭى ئۈلگىسى»نى تىكلىدى.

رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «قەدىمدىن تارتىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىگە ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، تەرەققىياتقا بولغان گۈزەل ئىنتىلىشى يۈكلەنگەن.» ھازىر، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى، ئىنسانلار كۆپ خىل خىرىسقا دۇچ كەلدى. قانداق قىلغاندا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ؟ يۇقۇمدىن كېيىنكى دۇنيانى قانداق قۇرۇش كېرەك؟ بۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلە، شۇنداقلا بىز جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك تەخىرسىز مۇھىم، زور تېما. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى شۇنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردىكى، ئىنسانلار ئوخشاش بىر يەر شارى كەنتىدە ياشايدىغان بولۇپ، تەقدىرى چىڭ باغلانغان، خىلمۇخىل تەخىرسىز يەر شارىۋى خىرىس ئالدىدا، پەقەت ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى <نوھ كېمىسى>گە بىرلىكتە ئولتۇرۇپ، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر مېلودىيەسىنى ياڭراتقاندىلا، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

بىز ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۇنيا تىنچلىقىنى ئورتاق قوغدايلى. تىنچلىق ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە يۈكسەك نىشانى. ئولىمپىك تەنھەرىكىتى تىنچلىق ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن، تىنچلىقتا گۈللەنگەن. بۇلتۇر 12 - ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ئولىمپىك ئۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىش قارارىنى كېڭىشىپ بىردەك ماقۇللاپ، تەنتەربىيە ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىغا ۋەكىللىك قىلدى. تارىخ شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، قارشىلىشىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولماستىن، بەلكى ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشلا جاھاندىكى توغرا يول. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، سۆزلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، توقۇنۇشنى تۈگىتىپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

بىز ئولىمپىك تەنھەرىكىتى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئورتاق خىرىسقا ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرايلى. ئىنسانلار يولۇققان ھەر خىل قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، ئولىمپىك تەنھەرىكىتى يەر شارىنىڭ قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ھەم ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇردى. ھازىر يۇقۇم يەنىلا يامراۋاتىدۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تېررورىزم قاتارلىق يەر شارىۋى مەسىلىلەر ئارقا - ئارقىدىن كۆرۈلمەكتە. ئولىمپىك تەنھەرىكىتى تەشەببۇس قىلغان «تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش»قا دەل بۈگۈنكى دەۋر ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت «تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىشى» كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، كىچىك كېمە بوران - چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، غايەت زور پاراخوتلا دەھشەتلىك بوران - چاپقۇنغا تاقابىل تۇرالايدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر 190 نەچچە كىچىك كېمىگە ئولتۇرغاندىن كۆرە، بىر چوڭ كېمىگە ئولتۇرۇپ ئورتاق ھالدا تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولغان ياخشى. ھەرقايسى دۆلەتلەر پەقەت بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلانغاندىلا، ھەر خىل خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، ئىناق، ھەمكارلىشىدىغان خەلقئارا چوڭ ئائىلىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

بىز ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا سىجىل تۈرتكە بولايلى. ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ نىشانى ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. ھازىر، يەر شارىۋى تەرەققىيات مۇساپىسى ئېغىر زەربىگە ئۇچراۋاتىدۇ، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى 30 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىدى. بىراق ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمى بوران - چاپقۇنغا ئۇچرىسىمۇ توختاپ قالمايدۇ. مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقۇشتىن قەتئىينەزەر، بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى يەر شارىۋى ماكرولۇق سىياسەتتە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھازىر بار بولغان تەرەققىيات - ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ماسلاشتۇرۇپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، يەر شارىۋى تەڭپۇڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى چىڭ ساقلاپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «2008 - يىلىدىكى <ئوخشاش بىر دۇنيا، ئوخشاش بىر ئارزۇ>دىن 2022 - يىلىدىكى <بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى>غىچە، جۇڭگو ئولىمپىك تەنھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىپ، ئولىمپىك روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئولىمپىك غايىسىنىڭ قەتئىي ئىنتىلگۈچىلىرى، ھەرىكەت قىلغۇچىلىرىدىن بولدى.» بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى كىشىلەرنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكىتىگە بولغان قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ قوزغاپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇنى قىزغىن سۆيۈشى، ئۇنىڭغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياغا ئوچۇق - يورۇق، باي، قۇدرەتلىك، ئېچىۋېتىلگەن، ئۈمىدكە تولغان جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلدى، يەر شارىۋى قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئېچىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتى تەرەققىياتى ۋە ئولىمپىك روھىنى تارقىتىشقا پائال تۆھپە قوشتى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تەرىپىدە تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، تارىخ چاقىنىڭ پارلاق ئىستىقبالغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يەر شارىنىڭ ئولىمپىك ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

باھاردا دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلار بىخ سۈرۈپ، تاغ - دالىلار ئۈمىدكە تولدى. بۇ، ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەر ئويغانغان مەزگىلدە، بىزنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىگە بولغان ئىپتىخارلىقىمىز تولۇپ تاشتى، شۇنداقلا يەنە بىر تۆت يىلدىن كېيىنكى ئۇچرىشىشقا قارىتا ئۈمىدىمىز تولۇپ تاشتى. بىز ئولىمپىكنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئولىمپىكنىڭ ئۇلۇغ شان - شەرىپىنى ئورتاق يارىتىپ، ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ بىرلىكتە ئاتلىنايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.