تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش بويىچە خۇلاسىلەش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك

لى يىفېي رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش بويىچە خۇلاسىلەش يىغىنى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان شىنجاڭ سىياسىي-قانۇن پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، ياڭ فاسېن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مىڭشەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى ھەم كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، قانۇنچىللىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشتىكى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلاش ئارقىلىق، سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، ئىنتىزام ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاش، ساپا ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدۇق. سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، كەڭ كادىرلار، ساقچىلارنىڭ تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا ئۇرغۇپ چىققان ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقىنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي-قانۇن تارماقلىرى، بولۇپمۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى، كونكرېت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، قانۇن-نىزام، سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇننى يولغا قويۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئېغىر، زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور توسالغۇلارنى يېڭىش، ئېغىر، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش، مەنبەدىن ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، قانۇنچىللىق كاپالىتى مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش تېخىمۇ قولاي بولۇش، كارخانىلار بىلەن ئۇدۇللىشىش تېخىمۇ دەل جايىدا بولۇش، ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارى تېخىمۇ ئەلا بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قانۇنچىللىق تەشۋىقات-تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئادىل، مەدەنىي ھالدا قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، زامانىۋى ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، قانۇنغا ئاساسلانماسلىق، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەتمەسلىك قاتارلىق ئامما ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى «قىلچە يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي پەزىلىتىنى چېنىقتۇرۇپ، ئىقتىدار ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئورۇنلارغا كۆپرەك بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلەپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسىي-قانۇن كادىرلىرى، ساقچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، ساقچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ساقچىلارغا كۆيۈنۈش، ساقچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، قانۇننى خەلق ئۈچۈن ئىجرا قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، پاك-دۇرۇس بولغان يۇقىرى ساپالىق سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىشى، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىشى كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش بويىچە 1-تۈركۈمدىكى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى، 2-تۈركۈمدىكى نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى سىياسىي-قانۇن ئورۇنلىرى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.