تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېنېرگىيە «ئاشلىق ئامبىرى»نى زورايتىش كەسىپ توپىنى تۇتاشتۇرۇش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

ئېنېرگىيە − ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ جان تومۇرى. شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، جۇڭغار، تۇرپان - قومۇل، تارىمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئويمانلىقتا نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېنېرگىيە «ئاشلىق ئامبىرى»نى پۇختىلىدى، زورايتتى.

2022 - يىلىنىڭ بېشىدا، شىنجاڭ نېفىتچىلىرى تېز ھەرىكەتلىنىپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ئايلاندۇرۇش جەريانىغا قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، نېفىت، نېفىت - خىمىيە كەسپىنىڭ زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتتى.

چارلاش: تۈر سۈرئىتىنى تېزلىتىش

فىزىكىلىق چارلاش نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىشنىڭ تۇنجى قەدىمى.

تۇنجى قەدەمنى ياخشى بېسىش ئۈچۈن، بۇ يىل باھار بايرىمى مەزگىلىدە، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى دۇڭفاڭ گېئوفىزىكىلىق چارلاش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تارىم فىزىكىلىق چارلاش باشقارمىسىدىكى 3000دىن ئارتۇق خىزمەتچى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى ۋە ئېگىز، سوغۇق تاغلىق رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ لىنىيە ئۆلچىدى.

«ھازىر جەمئىي ئۈچ فىزىكىلىق چارلاش ئەترىتى دالىدا مەشغۇلات قىلىۋاتىدۇ، بىرى بۈگۈر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا ئورۇنلاشتى؛ بىرى ئارال شەھىرىدىن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇملۇققا ئورۇنلاشتى؛ بىرى پوسكام ناھىيەسى بىلەن گۇما ناھىيەسى تۇتىشىدىغان كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە ئورۇنلاشتى، ئۇ يەر كۆز يەتكۈسىز سېرىق توپىلىق ئېدىرلىق بولۇپ، ئەڭ يېقىن كەنت بىلەن بولغان ئارىلىقى 300 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ» دېدى جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى دۇڭفاڭ گېئوفىزىكىلىق چارلاش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تارىم فىزىكىلىق چارلاش باشقارمىسى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جياۋ يىتاڭ.

مۇخبىرنىڭ تارىم فىزىكىلىق چارلاش باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھەر يىلى باھار بايرىمى مەزگىلىدە، تارىم فىزىكىلىق چارلاش باشقارمىسىدىكى بىر - ئىككى فىزىكىلىق چارلاش ئەترىتى بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەيدىكەن، بۇ يىل چارلاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچنى بىر ھەسسە كۆپەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى بالدۇرراق بايقاشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋېتىپتۇ.

تارىم نېفىتلىكىنىڭ 2021 - يىللىق نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى 31 مىليون 820 مىڭ توننىغا يەتتى. يىرىك پىلانغا ئاساسەن، 2025 - يىلى نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 40 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇلۇپ، 2035 - يىلى 50 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلۈپ، تىرىشىپ دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان زامانىۋىلاشقان چوڭ نېفىتلىك - تەبىئىي گازلىق ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

«غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بويىچە مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھازىر تېخىمۇ كۆپ چوڭ نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى تېپىپ، بايلىق زاپىسى ئاساسىنى پۇختىلاش جىددىي زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ» دېدى جياۋ يىتاڭ.

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىكى شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن باشلاپ، بۇ شىركەت فىزىكىلىق چارلاش تۈر قەدىمىنى تېزلىتىپ، 16 يەر تەۋرەش نىشانىنى بىر تەرەپ قىلىش، چۈشەندۈرۈش تۈرىنىڭ ھەممىسىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغاتقان. نۆۋەتتە بىر ئالدىن چارلاپ بايقاشقا ئېرىشىپ، بىر باھالاشتا ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، زاپاس مىقدار كۆلىمىنى يەنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

قۇرۇلۇش قىلىش: چۆل - باياۋاندا بۇرغىلاش ماشىنىسى گۈرۈلدەش

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى لايىھەلىنىشى ئەڭ چوڭقۇر بولغان تەبىئىي گاز قۇدۇقى − لايىھەدىكى قۇدۇق چوڭقۇرلۇقى 8457 مېتىرغا يېتىدىغان تارىم نېفىتلىكى دابېي 401 - نومۇرلۇق قۇدۇقتا گۈدۈك چېلىنىپ بۇرغىلاش باشلاندى، بۇنىڭ بىلەن تىيانشاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر يەر قاتلىمىنى بۇرغىلاپ ئەلا سۈپەتلىك گاز مەنبەسىنى ئىزدەش باشلاندى.

«يولۋاس يىلىدا ئەڭ چوڭقۇر تەبىئىي گاز قۇدۇقىنى بۇرغىلاشنى باشلاشتا بىز ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى سەۋىيەنى ئىشقا سېلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى خۇشاللىق ئېلىپ كېلىشىمىز كېرەك» دېدى جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىك شىركىتى نازارەت قىلىش مەركىزى دابېي 401 - نومۇرلۇق قۇدۇقىنىڭ بۇرغىلاش نازارەتچىسى لى جىچياڭ.

دابېي 401 - نومۇرلۇق قۇدۇق بوز - دابېي تەبىئىي گازلىق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە دۆلىتىمىزدىكى مۇرەككەپ، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر بولغان تەبىئىي گاز زاپىسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك چارلاش، ئېچىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلدى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2021 - يىلى تارىم نېفىتلىكى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر 23 قۇدۇقنى بۇرغىلاشنى تاماملىغان، بۇ يىل ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر 110 قۇدۇقنى بۇرغىلاپ چارلاش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، بوز - دابېي رايونى بۆلىكىدە ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر ئون يېڭى قۇدۇقتا گۈدۈك چېلىنىپ بۇرغىلاش باشلانغان بولۇپ، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، بالدۇر تۆھپە قوشۇش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدىكەن. 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىگىچە، تارىم نېفىتلىكى چۆل - باياۋاندا جەمئىي 98 قۇدۇقنى بۇرغىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغان.

جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى تارىم ئويمانلىقىدا 18 ئۈزۈلمە بەلباغنىڭ كان ھوقۇقىغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شىركەت تەبىئىي گازنى چارلاش، ئېچىش قەدىمىنى تېزلەتتى، نۆۋەتتە تارىم ئويمانلىقى شۇنبېي نېفىت - تەبىئىي گازلىقىدا 1000 توننىلىق ئون قۇدۇققا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ يىل 1 - ئايدا ئېرىشكەن 1000 توننىلىق ئىككى قۇدۇق بار.

تارىم ئويمانلىقى شۇنبېي رايونى نېفىت - تەبىئىي گازلىقىنى چارلاش دۇنيا دەرىجىلىك قىيىن مەسىلە بولۇپ، غەربىي شىمال نېفىتلىكى يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قىسمىغا قاراپ ئىچكىرىلەپ كىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇدۇق بۇرغىلاش چوڭقۇرلۇقىنى 8000 مېتىردىن ئاشۇردى.

ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى دەل جايىدا بۇرغىلاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، غەربىي شىمال نېفىتلىكى گېئوفىزىكىلىق چارلاش تېخنىكىسىنى تەتبىقلاشتا يېڭىلىق يارىتىپ، يەرئاستىدىكى «سىرلىق ئوردا»دا «گۆھەر» ئىزدىدى. «گېئوفىزىكىلىق چارلاش تېخنىكىسى بىخەتەرلىككە ئىگە بولغان سۈنئىي يەر تەۋرەش دولقۇنى ئارقىلىق يەر قاتلىمىغا قارىتا <CT تەسۋىرى كۆچۈرۈش> بولۇپ، يەر قاتلىمىدا يۇقىرى - تۆۋەن تەۋرىنىدىغان بۇ يەر تەۋرەش دولقۇنىغا نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ مەخپىي شىفىرى يوشۇرۇنغان» دېدى غەربىي شىمال نېفىتلىكى چارلاش، ئېچىش تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خەييىڭ.

جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان ماخۇ نېفىتلىكى «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە بايقالغان 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك قورام تاشلىق نېفىتلىك، نۆۋەتتە بۇ يەردە ئېچىش قۇرۇلۇشى قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، چۆل - باياۋاندا نېفىت قۇدۇقلىرى رەت - رەت تىزىلىپ، تۇرۇبا لىنىيەسى تورلىشىپ، پونكىت، ئامبارلار ھەممە يەرگە تارالدى.

ھازىر، ماخۇ نېفىتلىكىدە كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىلغان خام نېفىت مىقدارى 8500 توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇۋاتقان مۇھىم بازىغا ئايلاندى. جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى ماخۇ تۈر بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن دىرېكتورى يۈ جىڭفېڭ مۇنداق دېدى: «ماخۇ 100 چاقىرىملىق نېفىت رايونى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، ئۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز خەرىتىسىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتا».

ئىشلەپچىقىرىش: زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىش

بۇ يىل، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سانائەتتە ئۇلنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ ئۇلىنى يەنە يارىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىغا، توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تېز تۈرتكە بولىمىز.

نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈۋرۈك كەسىپ. بايلىق ئاساسىغا تايىنىپ، ھازىر شىنجاڭنىڭ نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپى 100 مىليارد يۈەنلىك كەسىپلەر توپى «زەنجىر»ىنى بەرپا قىلىشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراماي شەھىرى تۆت 100 مىليارد يۈەنلىك كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، قاراماي شەھىرى شەھەردە تۇرۇشلۇق مەركەز نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنى «زەنجىر باشلىقى» قىلىپ، «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، كەسىپلەر توپى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زەنجىر يوللىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىش» تۈر تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

2022 - يىلى، قاراماي شەھىرى تيەنلى گاۋشىن يىلىغا 200 مىڭ توننا ئېتىلېن - ئېتىلېن ئاتسېتات كوپولىمېرى ئىشلەپچىقىرىش، قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى يىلىغا 150 مىڭ توننىلىق ئاق مىنېرال مايغا ھىدروگېن قوشۇش تۈرىنى پۈتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ، ياڭجوۋ پۇلىتې يىلىغا 720 مىڭ توننا پەرقلىق پولىمېر يېڭى ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىش، بېيجىڭ خۇڭفۇ يىلىغا 200 مىڭ توننىلىق ماي دۇغىنى ئۇلترا كىرىتىك ئاجرىتىپ ئېلىشتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش قاتارلىق بىر تۈركۈم تۆۋەن ئېقىن كەسىپ زەنجىرى تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولىدۇ. «بۇنىڭدىن كېيىن، ھازىر بار بولغان كەسىپلەر توپىنى بىرىكتۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى تولۇقلاپ، ئەنئەنىۋى كەسىپ زەنجىرىنىڭ يادرولۇق ھالقىسىنى كۈچەيتىمىز» دېدى قاراماي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى يۈەن شىنياڭ.

2021 - يىلى، مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى تارىم 600 مىڭ توننىلىق ئېتاندىن ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش، جۇڭتەي گۇرۇھى يىلىغا 100 مىڭ توننا BDO (بۇتاندىئول - 4، 1) ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەر ئوڭۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. نۇقتىلىق تۈرلەرگە تايىنىپ، كورلا شاڭكۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسىپلەر باغچىسى ئۈچ چوڭ كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى، بۇلار نېفىت ئايرىش، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق كەسىپلەر توپى، يېڭى ماتېرىياللار كەسىپلەر توپى، ئېتىلېن كەسىپلەر توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «نۆۋەتتە ئوندىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى كارخانا باغچە رايونىغا ماكانلاشتى، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن كارخانىدىن بەش - ئالتىسى بار» دېدى كورلا شاڭكۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسىپلەر باغچىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شيەن جى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.