تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نەنسەن ئېتىكىدىكى مەنزىرىسى گۈزەل، سۈپەتلىك ئائىلىۋى مېھمانخانىلار ئاۋاتلاشتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي

2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ساياھەتچى ما يۈن بىر ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ ياتىقىدا مەمنۇن بولغان ھالدا چوڭ پول دېرىزىسىدىن بالىلارنىڭ قار تېيىلىش چاقى بىلەن قار تېيىلىۋاتقانلىقى، بىر - بىرىگە قار ئېتىشىپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئولتۇردى...

«مەنتۇ شەنجۈ» ئائىلىۋى مېھمانخانىسى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ بەنفاڭگوۋ بازىرىغا جايلاشقان. ئۈستى ئۈچ قەۋەتلىك، يەر ئاستى بىر قەۋەتلىك بۇ كىچىك بىنانىڭ ئىچى باھار تۈسىگە كىرگەن بولۇپ، زامانىۋى لايىھە بىلەن نەنسەندىكى ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنىڭ خاسلىقى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ بېزەلگەنىدى. ناشتا قىلىپ بولغان ساياھەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى يېقىن ئەتراپتىكى پارنىكقا بېرىپ ساۋمېي ئۈزۈشكە تەييارلىق قىلىشتى، توققۇز ياشلىق ما بويۈ بىرنەچچە كىچىك دوستى بىلەن بىللە يەنە سىرتقا چىقىپ قارلىقتىكى پۇتبول مەيدانىدا پۇتبول ئوينىدى.

«بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتكەن ھەپتە ئالدىن تىزىملىتىپ قويغان مېھمانلار» دېدى ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ ئىگىسى ۋاڭ يۇڭخۇ مۇخبىرنى كۆرۈپ. بۇ چاغدا، ياتاقلارنىڭ تازىلىقىنى قىلىپ بولغان ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ يۇڭچياڭ قېلىن چاپىنىنى كىيىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوي - كالا گۆشى ۋە يېڭى كۆكتاتلارنى سېتىۋېلىشقا تەييارلاندى. «بۈگۈن ئاز دېگەندىمۇ 20 كىلوگىرام يېشىل كۆكتات سېتىۋالايلى» دېدى ۋاڭ يۇڭخۇ تاپىلاپ، ھەپتە ئاخىرىدا مېھمانلار سەل كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 80گە يېقىن مېھماننى كۈتۈۋالاتتى.

ۋاڭ يۇڭخۇ سايراۋاتقان يان تېلېفونىنى ئېلىپ، ئالدىن تىزىملاتماقچى بولغان مېھمانلارنىڭ سەپەر قىلىشى ۋە ئېھتىياجىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولدى. گەپ ئارىلىقىدا تاماق ئۈستىلىنى ئەمدىلا سۈرتۈپ بولغان خىزمەتچى ليۇ لىڭلىڭ قولىغا پەلەي كىيىپ، چوڭ زالنى يىغىشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولدى. ليۇ لىڭلىڭ بىلەن ۋاڭ يۇڭچياڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارەت باشلاشتىن ئىلگىرى، ئۇلار ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن بىرتۇتاش تەربىيەلەنگەنىدى.

تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، ۋاڭ يۇڭخۇ مۇخبىرغا ئۆيلەرنى بىر - بىرلەپ تونۇشتۇردى: «بۇ كازو، بۇ تاماقخانا، بۇ بىليارتخانا، بۇ يۇلتۇز دەرىجىلىك ئۆلچەملىك ياتاق، ئاممىۋى رايونلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇزۇن ئۈستەل بار، مېھمانلار بۇ يەردە پاراڭلىشىپ، قەھۋە ئىچىپ ئولتۇرسا بولىدۇ، يېنىدا بالىلار ئوينايدىغان جاي بار...» مۇخبىر ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق ھەربىر ياتاقنىڭ ئىچكى بېزەكلىرى ۋە زىننەتلىنىش ئۇسلۇبىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى، يەنە كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قويۇلغانلىقىنى كۆردى.

«ھەربىر پەسىلدە بۇ يەر ئوخشاش بولمىغان مەنزىرىگە تولىدۇ.» ۋاڭ يۇڭخۇ بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، بىر تەرەپتىن مۇخبىرغا ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ گۈزەل مەنزىرە سۈرەتلىرىنى كۆرسەتتى، سۈرەتلەردە ياز پەسلىدىكى ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ ئەتراپى رەڭگارەڭ چىرايلىق گۈللەر بىلەن تولغان بولۇپ، چىملىقتىكى قاڭقىتىش كارىۋىتىدا بالىلار ئويناۋاتاتتى.

ۋاڭ يۇڭخۇ مۇنداق دېدى: ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارەت باشلىشى بىلەنلا ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، بەزىدە ھەپتە ئاخىرىدا، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ساياھەتچىلەرنىڭ «قونالغۇ تېپىشى قىيىن» بولۇپ كېتىدۇ، بۇلتۇرقى تىجارەت سوممىمىز 1 مىليون 300 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

«ئىلگىرىكى ئائىلىۋى مېھمانخانىلار پەقەت ياتاق ۋە تاماق بىلەنلا تەمىنلەيتتى. ھازىر ئوخشىمايدۇ، بۇ يەردە مەن ئىنتىلىدىغان تۇرمۇش بار.» ما يۈن مۇنداق دېدى: ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ بېزىلىش دەرىجىسى ئۆسۈپتۇ، تاماقلىرى تەملىك ھەم پاكىز ئىكەن، ساۋاقداشلار يىغىلىدىغان، بالىلار ئوينايدىغان جاي بار بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ساۋاقداشلار ئىنتايىن رازى بولۇشتى. «ئەڭ ئاساسلىقى ئۆيدىن سىرتقا چىقساق، يىراقتا تاغ چوققىلىرىنى كۆرەلەيدىكەنمىز، يېقىن جايدا يازدا گۈللەرنى تاماشا قىلالايدىكەنمىز، قىشتا قار ئوينىيالايدىكەنمىز.»

ئوخشاشلا يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پايدىسىدىن، ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگوۋ بازىرى بىلەن شۇيشىگوۋ بازىرىدىكى «لېيې» ئائىلىۋى مېھمانخانا زەنجىرسىمان دۇكىنىمۇ ساياھەتچىلەرگە ئوخشاش بولمىغان ھېس - تۇيغۇ بەخش ئېتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

مۇخبىر بەنفاڭگوۋ بازىرىدىكى «لېيې» ئائىلىۋى مېھمانخانىسىغا بېرىپ، پۈتۈن بىر تامغا لىق كېلىدىغان كىتاب جازىسى قويۇلغانلىقىنى ۋە ھەر خىل چالغۇنىڭ بارلىقىنى كۆردى. ھەربىر ياتاققا كۈن نۇرى چۈشەتتى، ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ مەسئۇلى جوۋ شۆچېڭ ئىنتايىن ئالدىراش ئىدى.

جوۋ شۆچېڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن بولۇپ، داشۆدە ناخشا كەسپىنى ئوقۇغان، مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۈننەن لىجياڭدا بىر ئائىلىۋى مېھمانخانا ئاچقان. ئۇ شىنجاڭدا ساياھەتچىلىكنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، بەنفاڭگوۋ بازىرى چىگۇڭ كەنتىدە ئىككى قەۋەتلىك لېيې ئائىلىۋى مېھمانخانىسىنى ئاچقان، ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارەت باشلىشى بىلەنلا ئاۋاتلىشىپ «توردا ئالقىشلانغان»، ئۇ ناھايىتى تېزلا شۇيشىگوۋ بازىرىدا ئىككىنچى لېيې ئائىلىۋى مېھمانخانىسىنى ئاچقان.

«تاماق، ياتاق مۇلازىمىتىدىن باشقا، بىز يەنە پات - پات مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ئىستېمالچىلارغا ئوخشاش بولمىغان ھېس - تۇيغۇ بەخش ئەتتۇق.» جوۋ شۆچېڭ مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەر كۈندۈزى ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ كىتاب ئوقۇش ئۆيىدە كىتاب ئوقۇيدۇ، چايخانىدا چاي ئىچىپ ھۇزۇرلىنىدۇ، كەچقۇرۇن يەنە پىۋا مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىپ پۇخادىن چىققۇچە ئوينايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئائىلىۋى مېھمانخانا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شەھەردىكى ئىختىساسلىقلارنى يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى مەبلەغ سېلىش، باشقۇرۇشقا يېتەكلەپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئائىلىۋى مېھمانخانا كەسىپ كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە 210 ئائىلىۋى مېھمانخانا بار بولدى. «قىسمەن ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى، يانداش مۇلازىمىتىمۇ بارغانسېرى يېقىشلىق بولۇپ، ماركا ئېففېكتىنى شەكىللەندۈردى» دېدى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى شېن ياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.