تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا نېفىت - تەبىئىي گازنىڭ تۇنجى ئايدىكى ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە سېتىلىشى تەڭ ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقالغان نېفىتلىك - تەبىئىي گازلىقلارنىڭ ھەممىسىدە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش تېز ئاشتى. 1 - ئايدا، جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىك شىركىتى 3 مىليون 140 مىڭ توننا نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پىلاندىكىدىن 100 مىڭ توننا ئاشۇردى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 130 مىڭ توننا ئېشىپ، بىرقانچە يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

تارىم نېفىتلىكى دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئۈچىنچى چوڭ نېفىتلىك - تەبىئىي گازلىقى بولۇپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان گاز تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان. تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك تەبىئىي گاز مەنبەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە «ئاشلىق ئامبىرى»نى زورايتىش ئۈچۈن، بۇ شىركەت تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىشكە تەشكىللىدى. بۇ يىل تارىم نېفىتلىكى 20 تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنى يۈرۈشتۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ، «بۇ يىل ھەممىسىدە ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىش، 10 - ئايدىن بۇرۇن 15 تۈرنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش»تىن ئىبارەت قاتتىق كۆرسەتكۈچنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىش چارىسىنى قوللىنىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى كېمىيىش نىسبىتىنى تىزگىنلەش ۋە نېفىت ئېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى ئىلمىي باشقۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ، «كۈچلۈك سەپ» باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، 1 - ئايدا جەمئىي 1 مىليون 200 مىڭ 100 توننا خام نېفىت، 343 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 48 مىڭ 500 توننا، 61 مىليون كۇب مېتىر ئاشۇردى.

ئېنېرگىيە «ئاشلىق ئامبىرى» ئاساسىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىمۇ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتلاندى. جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 1 - ئايدا 461 مىڭ 500 توننا خام نېفىت پىششىقلىدى. جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، خام نېفىت پىششىقلاش پىلانىنى كۆپەيتىپ، ئىنچىكىلەشكەن باشقۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەپ سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە ئۈنۈم ھېساباتىنى ئىنچىكە قىلىپ، ئۈنۈمنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇردى، 1 - ئايدا 402 مىڭ 100 توننا خام نېفىت پىششىقلاپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى، 382 مىڭ 900 توننا تەييار ماي سېتىپ، كۆپ تۈرلۈك ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچنى پىلاندىن ئاشۇرۇپ تاماملىدى.

جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ سېتىش چەكلىك شىركىتى مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ قار - مۇز بايلىقىغا قويۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كارتىسىدىن 100 مىڭ پارچە تارقاتتى. 1 - ئايدا، شىركەتنىڭ تەييار ماي سېتىش ئومۇمىي مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.7 ئاشتى، ماي قاچىلىغۇچ ئارقىلىق سېتىش (ماي قاچىلاش پونكىتىدا ماي قاچىلىغۇچ ئارقىلىق ماي قاچىلاشنى كۆرسىتىدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.55 ئاشتى، تەبىئىي گاز سېتىش ئومۇمىي مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %77.52 ئاشتى.

2021 - يىلىدىن بۇيان، خەلقئارادا ئېنېرگىيە باھاسى زور دەرىجىدە ئۆستى، كۆمۈر، تەبىئىي گاز، خام نېفىت باھاسىدا ئارقا - ئارقىدىن يېڭى رېكورت يارىتىلدى. بۇنىڭ تەسىرىدە، دۆلەت ئىچىدە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشتا تەڭ ئېشىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى. شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 1 - ئايدا 19 مىڭ توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىپ، ئايلىق پىلاننىڭ %107.76ىنى تاماملاپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7000 توننا ئاشۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 - يىلى شىنجاڭنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 29 مىليون 903 مىڭ 900 توننا بولۇپ، %2.6 ئاشقان، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 38 مىليارد 759 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، %4.8 ئاشقان، بۇنىڭ بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.