تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن - مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەر تەرەپ، ھەر ساھەلەردە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ»

− «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش»نىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى نامايان قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان (1)

■تەھرىر ئىلاۋىسى

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋرىمىزدىكى جەۋھىرى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ئارقىلىق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىنى سىستېمىلىق يىغىنچاقلىدى. 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن باشلاپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى يۈرۈشلۈك بايان «<ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش> توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك سۆھبەت»نى ئۇدا ئېلان قىلىپ، «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش»نىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجادىي تۆھپىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدۇ.

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لىن خۇي، خۇ خاۋ، دىڭ شياۋشى، گاۋ لېي

100 يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىشلەردىن كېسىپ ئۆتۈپ، بىر ھەقىقەت كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بەردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايتتى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق ئىچكى خاس مەزمۇنى سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش»تا باش ئورۇنغا قويۇلدى −

جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، پۈتۈن پارتىيە جەزمەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

بۇ مۇھىم، زور ھۆكۈم پارتىيە رەھبەرلىكى بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتى ۋە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ھەرقانداق كۈچلۈك بوران - چاپقۇندا تاغدەك مەزمۇت تۇردى، ئېقىن ئوتتۇرىسىدىكى قورام تاشتەك مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇردى.

پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرساق ۋە ئۇنى كۈچەيتسەكلا، ھەيۋەتلىك جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوت بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان قەتئىي ئىشەنچ ۋە قۇدرەتلىك جاسارەتكە ئىگە بولىدۇ.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي بارگاھتىكى <باش قوماندان>، جەڭ ھارۋىسى، ئات ۋە توپلار ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدۇ، بۇلاردىن بۇ تاختا شاھماتنىڭ ۋەزىيىتىنى بىلگىلى بولىدۇ»

2022 - يىلى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى پۈتۈن كۈن يىغىن ئاچتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر يىلى «بەش چوڭ بەنزە»نىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئايلاندى.

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلە. ئىلگىرى بىر مەزگىل، پارتىيە ئىچىدە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشقا بولغان تونۇش مۈجمەل بولۇش، ھەرىكىتى ئاجىز بولۇش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، مەۋھۇملىشىش، سۇسلىشىش، چەتلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزملىق سىياسىيونلارغا خاس تارىخىي ئاڭلىقلىق ھەم ئۇلۇغ پىلان ۋە دانا تەدبىر ئارقىلىق، ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەسىدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئاخىرقى قارارنى چىقاردى.

«جەزمەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك».

2012 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، يېڭىلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان شى جىنپىڭ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 1 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن - مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەر تەرەپ، ھەر ساھەلەردە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ»غانلىقىنى تەكىتلىدى؛

«پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە بەختى»ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛

«پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جەزمەن ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن بولۇشى، جەزمەن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى - ئارمىيە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، دىپلوماتىيە خىزمىتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىشى كېرەك»لىكىنى كۆرسىتىپ بەردى؛

«پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش تەلىپى قۇرۇق تەلەپ ئەمەس، ئابستراكت تەلەپ ئەمەس، ئۇنى ھەرقايسى تەرەپلەر، ھەرقايسى ھالقىلاردا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك»لىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى؛

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەش ئاساسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىرىنچى قېتىم پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى نۇقتىسىدىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ماھىيىتىنىڭ مۇئەييەنلىكلىكىنى بايان قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ئاساسىي تەلىپىنى ئىجادىي بايان قىلىپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى يېڭى مەنزىلگە كۆتۈردى.

2017 - يىلى ئالتۇن كۈزدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 - قۇرۇلتىيىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى» دېگەن بۇ مۇھىم، زور ھۆكۈم پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى» كېيىنكى يىلى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلدى.

ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

«چىڭ تۇرۇپ»لا قالماستىن، يەنە «كۈچەيتىش» كېرەك؛ پارتىيەنىڭ «رەھبەرلىكى» بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيەنىڭ «ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى بولۇشى كېرەك».

توققۇز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بىر قاتار ئۇللۇق، ئىجادىي، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەر ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر گۈللىنىشتىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈم سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى −

دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا، پارتىيە پۈتكۈل سىستېمىنىڭ يۈرۈشۈشىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچ.

2019 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىدا، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى.

ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»دا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ رەھبەرلىك تۈزۈمى قىلىپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم بىر قاتار مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلار چىقىرىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ۋە نېگىزى چىڭ تۇتۇلدى.

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، مالىيە - ئىقتىساد، تاشقى ئىشلار خىزمىتى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى مەركەزنىڭ بىر قاتار يۇقىرى قاتلام ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى.

«پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى» پارتىيەنىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى بولۇشتەك ئورنى ۋە رولىنى يەنىمۇ تۈزۈملەشتۈرۈشنى كۆزلەپ، نەچچە ئون تارماق تەڭشەلدى، قايتا تەشكىللەندى، ئەلالاشتۇرۇلدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ سىستېمىلىق، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا قۇرۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەركەز كارخانا گۇرۇھلىرىنىڭ «پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كارخانا نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈش» ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ پارتىيە كومىتېتلىرى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇلدى، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ، دوختۇرخانا، پەن تەتقىقات يۇرتى، ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ (يۇرت، ئورۇن) مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى... پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمىنىڭ چوڭقۇر، ئەتراپلىق، پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇندى.

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك شەكلى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتى −

2020 - يىلى 8 - ئايدا، ئىچكى موڭغۇل دالاتې خوشۇنى پۇگېبۇ كەنتىنىڭ كادىرى لى ديەنبو «يۈنفەن» دېگەن تور ئىسمى بىلەن «ئۆزئارا ياردەم بېرىش خاراكتېرىدىكى ياشانغانلار كۈتۈنۈش» توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. بۇ تەكلىپ كېيىن «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىگە كىرگۈزۈلدى ھەم يىرىك پىلان پىروگراممىسىدىكى كونكرېت تەدبىرگە ئايلاندۇرۇلدى.

ئىشىكنى ئېچىپ ئەقىل سوراش، تولۇق قاراپ چىقىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش... بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش تارىخىدا بىرىنچى قېتىم «توردا تەدبىر سوراش» قانات يايدۇرۇلدى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى تۈزۈش خىزمىتى دەل دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك شەكلى كۈنسېرى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇندى.

تاغنى يېرىپ يوللار ئاچتى مەردانە، كەڭ جاھانغا تىرەك بولدى بۇ چوققا.

95 مىليوندىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسى، 4 مىليون 800 مىڭدىن كۆپرەك ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىغا ئىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «بىر پارچە قاتتىق پولات»تەك ئۇيۇشۇپ، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.

قوماندانلىق ئوڭۇشلۇق بولدى، ھەرىكەت راۋان بولدى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا زېمىنىغا نەزەر سالساق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي بارگاھتا قوماندانلىق قىلىدىغان، جەڭ ھارۋىسى، ئات ۋە توپلار ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان جانلىق كارتىنا ئاستا - ئاستا نامايان بولدى.

«پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتى، بەختى»

«گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، جاھان شادلىققا تولۇپ باھارغا مەدھىيە ئوقۇش، پۇقرالار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھەممە جايدا پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مەدھىيە ئوقۇش» − قىپقىزىل چۇنليەنلەر خاسىيەتلىك قارغا ياراشقانىدى، سەنشى لىنفېن شەھىرى فېنشى ناھىيەسى سېڭنيەن بازىرى دۇەنسۈن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سەي ۋېنمىڭ 2022 - يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا تەكشۈرۈشكە كەلگەن باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى.

ئۈستەلدە مەززىلىك قىزارتىپ پىشۇرۇلغان گۆش، چۈرۈك گۆش، ۋەنزە بار ئىدى، قازاندا قوي گۆشى شورپىسى پورۇقلاپ قايناۋاتاتتى، قازناقتا ئاشلىق، كۆكتات زاپىسى يېتەرلىك ئىدى... باش شۇجى شى جىنپىڭغا نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بەرگەندە، سەي ۋېنمىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز ياخشى دەۋرگە ئۇلاشتۇق، بۇنىڭ ھەممىسى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن بولدى، باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن بولدى».

«كوممۇنىستىك پارتىيە خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرىدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلايدۇ، يىلدىن - يىلغا ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدۇ» دېدى باش شۇجى.

بىر ئۇلۇغ خىتاب ياڭرىدى بارچە تاغدىن كەلدى سادا، ئۇلۇغ جۇڭگو زېمىنى قۇتۇلدى مۇنقەرزلىكتىن ئۈزۈل - كېسىل. تارىخ دولقۇنىنىڭ مەۋج ئۇرۇشى داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، مىللەتنىڭ قەددىنى رۇسلاپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى يېڭى تارىخىي ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، دەۋر ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇردى، يەنە ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. توققۇز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئىجادىي خاراكتېرلىك ئىدىيە، ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەت، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش، بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى كۆپ تەرەپتىن كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ئىگە، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك بولۇپ، باشقا جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنىڭ تۈپ كاپالىتى.

تاغنىڭ ھەيۋەتلىك بولۇشى تاغ قىرىغا باغلىق، ئۆينىڭ مۇستەھكەم بولۇشى لىمغا باغلىق. پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بىزنى جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر ئالدىدا ئەڭ مۇستەھكەم تايانچقا ئىگە قىلدى −

ئىللىق قۇياش نۇرى زېمىنغا چېچىلغاندا، خېيلۇڭجياڭدىكى شاڭشېڭ كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى ۋاڭ لۇ تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىنكى كۆممىقوناق ئېتىزىغا كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ يەردە يېتىپ قالغان كۆممىقوناقنى بىر باش، بىر باشتىن ئۈزدى؛ گۇيجوۋدىكى پوتوۋ كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى ليۇ گۇڭلى ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى...

سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا كۆرگەن بۇ ھەقىقىي ئەمەلىي مىساللار ئۈستىدە توختالغاندا، «بىز 1 - شۇجى» ناملىق كىنونىڭ رېژىسسورى رېن جيېنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزاردى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 3 مىليوندىن ئارتۇق 1 - شۇجى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى، ھەتتا بەزىلەرنىڭ ھاياتى مۇشۇ كۈرەش قىلغان تۇپراقتا مەڭگۈ توختاپ قالدى، «مانا بۇ جۇڭگونىڭ كۈچى»!

بىر بۇيرۇق بىلەن بارلىق كۈچلەر جەڭگە ئاتلاندى. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەسىر قىيىن مەسىلىسىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە 1 - شۇجىلار، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ھەمدە كەڭ يېزا - كەنت كادىرلىرى جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى يېتەكلەپ ئېغىر نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئەڭ قىيىن ئۆتكەلنى يەڭدى.

پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدىلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؛ پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىلا، بىز دۇنيادىكى ھەرقانداق سىياسىي كۈچ يارىتالمايدىغان جاھان مۆجىزىسىنى يارىتالايمىز!

پولاتتەك تاۋلاندۇق، پارتىيە بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇردۇق. پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بىزنى بوران - چاپقۇن ھۇجۇم قىلغان چاغدا ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچقا ئىگە قىلدى −

جىخەي يىلىنىڭ ئاخىرى، گېڭزى يىلىنىڭ بېشىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى.

100 يىلدىن بۇيان يەر شارىدىكى ئەڭ ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ كەڭ تارقىلىشى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى تېز باشلىدى.

كەسكىن قارارغا كېلىپ، ۋۇخەندىن ئايرىلىش يولىنى تاقاشتىن بىر بۇيرۇق بىلەن ئۈچ ئارمىيە تەڭ ئاتلىنىشقىچە، پۈتۈن پارتىيە ھەرىكەتكە كەلدى، پۈتۈن مەملىكەت سەپەرۋەر قىلىندى ... تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان بۇ كۈرەشتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولى تولۇق نامايان قىلىندى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقەت ئۇلۇغ كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى.

كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان «تۆت چوڭ سىناق» «تۆت خىل خەۋپ»كە تاقابىل تۇرۇشتا، مىسلىسىز جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىشتا كەڭ قول بولۇش، بوش بولۇش، يۇمشاق قول بولۇش ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى؛ شياڭگاڭ ۋەزىيىتىدە بىرمەھەل كۆرۈلگەن كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ، قالايمىقانچىلىقتىن تۈزىلىشكە ئۆتۈشتەك مۇھىم، زور بۇرۇلۇشنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ خىرىسىغا داۋلىلىق، پايدىلىق، رىتىملىق تاقابىل تۇرۇپ، ئۆز مەنپەئىتىمىزنى قەتئىي قوغدىدى ...

چوڭ جەڭگە نەزەر سېلىپ، چوڭ سىناقنى ئەسلەپ، كىشىلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىگە بولغان تەڭداشسىز قۇدرەتلىك رەھبەرلىك كۈچىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ بوران - چاپقۇن ھۇجۇم قىلغان چاغدا ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچ ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.

رولنى چىڭ تۇتۇپ، يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى. پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بىزنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدىكى ئەڭ پۇختا ۋە ئىشەنچلىك تۇراقلاشتۇرغۇچقا ئىگە قىلدى −

2022 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، قەدىمكى ئولىمپىيەدىن ئېلىنغان چوغ بېيجىڭنىڭ كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى، بېيجىڭ پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى «قوش ئولىمپىك شەھىرى»گە ئايلاندى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو قەدىمىي ئولىمپىك بىلەن يەنە بىر قېتىم قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.

قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇچرىشىش، جۇڭگو ۋەدىسى.

بۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلگەن يەر شارىۋى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسى، بۇ، «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش − تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش» دېگەن ئولىمپىك ھېكمەت سۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى.

«دۇنيا جۇڭگودىن ئۈمىد كۈتمەكتە، جۇڭگونىڭ تەييارلىقى پۈتتى».

جۇڭگو قابىل، چۈنكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قابىل! 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلەشكەن ئارقا كۆرۈنۈشتە قار - مۇز تەنھەرىكىتى مەشئىلى ياندۇرۇلۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارى ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكى نامايان قىلىندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، جۇڭگو زېمىنىدا چوڭ ئېقىن ئۆركەشلىدى، تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەزمەن ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، ئاخىرقى قارار چىقىرىدىغان نوپۇزى بولۇشى كېرەك»

«پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلىشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە».

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا تارىخىي قارار شەكلىدە بۇ مۇھىم، زور سىياسىي ھۆكۈم چىقىرىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتكە مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشايلى!

ھەيۋەتلىك تاغلارنىڭ جەزمەن ئاساسىي چوققىسى بولىدۇ.

رەھبەرلىك يادروسىنى تىكلەش ۋە قوغداش باشتىن - ئاخىر ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنىڭ ئاساسىي قارىشى بولۇپ كەلدى. ماركس، ئېنگېلسنىڭ قارىشىچە، ئىشچىلار سىنىپى پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتمىسە، «ئۆزىنىڭ بىردىنبىر مۇستەھكەم تۈۋرۈكى»دىن ئايرىلىپ قالىدۇ؛ لېنىننىڭ قەلبىدە «پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئورگىنى كەڭ ھوقۇققا ئىگە، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن نوپۇزلۇق ئورگانغا ئايلانغاندىلا»، پارتىيە ئاندىن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالايدۇ.

قىزىل چوغ خۇاشيا زېمىنىدا تۇتاشقاندا، كىشىلەر گۇيجوۋنىڭ زۇنيىدىكى كىچىك بىنادىكى يورۇق پەنەركە چىراغتىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلىدىن يادروغا ئىگە بولغانلىق غەلىبىدىن غەلىبىگە يۈزلىنىشتىكى ئەڭگۈشتەرگە ئىگە بولغانلىق ئىكەنلىكىنى؛ يادرونى قەتئىي قوغدىغانلىق ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئەۋزەللىكىنى قەتئىي قوغدىغانلىق ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى ئېنىق تونۇپ يەتتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن ساداقەتمەنلىكى بىلەن، جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوتنى خەتەرلىك ساھىللاردىن كېسىپ ئۆتۈشكە، بوران - چاپقۇندا غالىب كېلىشكە يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشكەن، پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇشقا مۇناسىپ بولغان خەلقنىڭ داھىيسى، ئارمىيەنىڭ باش قوماندانىغا ئايلاندى.

ھازىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى. نىشانغا يېقىنلاشقانسېرى، ۋەزىپە ئېغىرلاشقانسېرى، «ئىككىنى قوغداش»نى پارتىيەنىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپى ۋە تۈپ سىياسىي قائىدىسى قىلىش كېرەك.

− يادرونى ھىمايە قىلىش، يادرونى قەتئىي قوغداش ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

«مەسىلىلەرنى سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولماسلىق» «ئۆگىنىش بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارىسىدىكى <تېمپېراتۇرا پەرقى> يەنىلا مەۋجۇت...» بۇلتۇر يىل ئاخىرى، بۇ يىل يىل بېشىدىكى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنلىرىدىكى يۈز - خاتىرە قىلماي تەنقىدنى قانات يايدۇرۇش، ئاچچىقنى تولۇق ھېس قىلىش نۇرغۇن پارتىيە ئەزاسى، كادىرنىڭ يۈزىنى قىزارتتى، تەرلەتتى.

سىياسىي جەھەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ئەڭ پايدىلىق تەشەببۇسكارلىق، سىياسىي جەھەتتىكى پاسسىپلىق ئەڭ خەتەرلىك پاسسىپلىق. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىق ۋە ئۇنىڭدىن قىلچە تەۋرەنمەسلىكتىن ئىبارەت.

ئۆزىنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغدىغانلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدىغانلىق؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتا ئالدى بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداش كېرەك.

− يادرونى ھىمايە قىلىش، يادرونى قەتئىي قوغداش ئۈچۈن، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك.

سۆزنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش، ھۆججەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇش، مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش... قىش كۈنىدىكى سەھەردە، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مەكتەپ قورۇسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئىزدىنىش قىزغىن دولقۇنىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

2022 - يىلى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتىغا جەم بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈردى، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

«ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لاردىن باشلاپ تۇتۇش قىلىندى، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشتىن باشلاپ تۇتۇلدى. پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش جەريانى دەل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىش جەريانى، دەل «ئىككىنى قوغداش» ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش جەريانى.

− يادرونى ھىمايە قىلىش، يادرونى قەتئىي قوغداشتا، تۈرلۈك خىزمەتلەردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇق - تەلەپلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

2022 - يىلى 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، باش تېما دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان مۇھىم، زور ئۆزگىرىش ياساش ئىدى − «كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش».

ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلار كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش «N+1» سىياسەت سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلدى؛ ھەرقايسى جايلار يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى «ئاچقۇچلۇق سۆز» قىلدى؛ كەڭ ئامما تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇشنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى ... خۇاشيا زېمىنىدا يېشىل تەرەققىياتنىڭ دەۋر مېلودىيەسى ياڭرىدى.

يادرونى ھىمايە قىلىشنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەشتىكى كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يادرونى قەتئىي قوغداشنى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتىكى ئەمەلىي نەتىجىدە نامايان قىلىش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېپيېڭى ۋەزىيەتنى نامايان قىلدى.

چاقناپ تۇرغان سامانيولىدا بېيدوۋ يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا، داۋالغۇپ تۇرغان ۋەزىيەتتە تۈۋرۈك ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يول باشلاپ رولچى بولۇشى بىلەن، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغاندىلا ۋە ئۇنى كۈچەيتكەندىلا، جۇڭخۇا مىللىتى چوقۇم بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شانلىق قىرغىقىغا غەلىبىلىك يېتىپ بارالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.