− 300 مىليون كىشى قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە ئاتلاندى، شىنجاڭدا مەن بار (8)
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ
قىش كۈنلىرىدىكى شىنجاڭدا، قېلىن قار تۇتاش تاغ تىزمىلىرىنى قاپلاپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى چۆچەكلەر دۇنياسىغا ئوخشاش بېزەپ، بۇ يەرنى قار - مۇز ئەزىمەتلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانىغا، قار - مۇز ئۆرپ - ئادىتى مەنزىرىسىنىڭ چوڭ سەھنىسىگە ئايلاندۇرىدۇ.
«قاراڭ، مېنىڭ ئات قېتىلىدىغان چانام قانداق ئىكەن؟ رەڭگى، گۈل نۇسخىسى، نەقىشلىرىنى ئۆزۈم لايىھەلىگەن، ئولتۇرسىڭىز بەك راھەت.» 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ چوڭقۇر بازىرى كۇنتۇغان كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى مامۇربېك ئابدۇرېس چاققانلىق بىلەن چانىغا ئات قاتتى.
قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، مامۇربېك ئات قېتىلىدىغان بىر تۈركۈم چانىنى ئالدىراش ياساپ پۈتتۈردى. «ئادەتتىكى چانىنى بەش كۈندە پۈتتۈرگىلى بولىدۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ باھار بايرىمى مەزگىلىدە ياخشى ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن، بۇ يىل مەن يېرىم ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر <كاتتا> چانا ياسىدىم.» ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئات قېتىلىدىغان چانا ماددىي ئەشيالارنى توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزگىچە ھۇزۇرلىنىش تۈرىگە ئايلاندى.
شىنجاڭدا مول، رەڭدار قار - مۇز ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. كىشىلەر تېرە چاڭغا كىيىپ قەدىمكى دەۋرگە تېيىلىپ كىرىدۇ، چورنىڭ ئاۋازىغا جور بولۇپ قەدەھ كۆتۈرۈپ خۇشال ناخشا ئېيتىدۇ، يەنە ئىپتىدائىي بېلىق ئوۋلاش پۇرىقىغا ئىگە قىشلىق بېلىق تۇتۇشتىن ھۇزۇرلىنىدۇ.
باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى بېيخۇ بەيگە مەيدانىدىكى كەڭ قارلىق دالىدا، 100دىن ئارتۇق چارۋىچى قاتناشقان ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش ۋە قىزقۇۋار قاتارلىق بىر مەيدان ئاممىۋى تەنتەربىيە ھەرىكىتى پۈتۈن كەنتنى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدۈردى. بەيگىگە قاتناشقان چەۋەندازلارنىڭ ھەممىسىنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، قامچىلىرىنى ئوينىتىپ، ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئۈستۈنلۈكنى تالاشتى؛ ئوغلاق تارتىشىش قوشۇنى ئوغلاقنىڭ ئوتتۇرىغا تاشلىنىشى بىلەن كەسكىن ئېلىشتى، بىر - بىرىنى قوغلاشقاندىكى چۇقان - سۈرەنلەر گاھ كۆتۈرۈلۈپ، گاھ پەسىيەتتى.
«قىش پەسلىدىكى قارلىق دالىدىكى ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، قىزقۇۋار شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرى بولۇپ، ھەر يىلى قىش پەسلىدە، چارۋىچىلار قىشلىق كاتتا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ» دېدى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جياڭ شياۋلياڭ.
1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى پامىر ئېگىزلىكىدە، قارلىقتا بۈركۈت قويۇپ بېرىش پائالىيىتى جىددىي ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. ئاقچى ناھىيەسىدە، ھەر يىلى قىش پەسلىدە، چارۋىچىلار تۇلپارغا مىنىپ، بۈركۈتنى ئوڭ بىلىكىگە قوندۇرۇپ، سول قولىدا يۈگەننى تارتىپ، كۆندۈرگەن بۈركۈتلىرىنىڭ قايسىسىنىڭ بەكرەك كۈچتۈڭگۈر ئىكەنلىكىنى سېلىشتۇرىدۇ. ئىلگىرى تىرىكچىلىك قىلىشتا تايىنىدىغان بۇ ئوۋ ئوۋلاش شەكلى بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر بەدەن چېنىقتۇرىدىغان، خۇشاللىق ئىزدەيدىغان بىر تۈرلۈك پائالىيەتكە ئايلاندى.
1 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، كەڭ كەتكەن باغراش كۆلى مۇز تۇتۇپ، سۇس كۆك رەڭلىك «مۇز ياقۇت»قا ئايلىنىپ، بىپايان ئاق لىباس كىيگەن قار دېڭىزىغا نەقىشلەنگەنىدى. مۇز تۇتقان كۆلدىكى بېلىق تۇتۇش ئاجايىپ مەنزىرىسى − قىش پەسلىدە بېلىق تۇتۇش بارغانسېرى كۆپ كىشىنىڭ بۇ يەرگە جەزمەن كېلىشىنىڭ سەۋەبىگە ئايلاندى.
يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان قىش پەسلىدە بېلىق تۇتۇش بايرىمىدا، ساياھەتچىلەر «كۆلگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ بېلىق تورىنى ئويغىتىش» مۇراسىمى، تۈمەنلىگەن بېلىق سۇدىن چىققاندىكى ھەيۋەتلىك مەنزىرە، تۇتۇۋېلىنغان تۇنجى بېلىقنى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش مۇراسىمىدىن ھۇزۇرلانغاندىن باشقا، يەنە بېلىق تالىشىپ بەخت چىللاش، ئات قېتىلىدىغان چانىغا ئولتۇرۇش، قار - مۇزدا سۈرەتكە تارتىش قاتارلىق ئېسىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشالايدۇ.
1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، بېلىقچىلارنىڭ تەڭلا توۋلىغان ئاۋازى ئىچىدە، 100 مېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان غايەت زور تور مۇز ئاستىدىن ئاستا - ئاستا تارتىپ چىقىرىلدى، چوڭ - كىچىك كارب بېلىقى، لاققا بېلىق، ئوتخور بېلىق قاتارلىقلار تور ئىچىدە توختىماي پىلتىڭلايتتى.
بۇ، بېلىقچىلار بېشى شۈ چىڭشۇينىڭ باھار بايرىمىدىن بۇرۇن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تور يىغىشى. «بۇ يىل كۆل يۈزىدە ناھايىتى قېلىن مۇز تۇتتى، يىغىلغان تۇنجى تورمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئېغىر بولدى، بۇ، مول ھوسۇلنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.» شۈ چىڭشۇي مۇنداق دېدى: قار - مۇز قىش پەسلىدە بېلىق تۇتۇش مەدەنىيىتىنى ياراتتى، بۇ، بېلىقچىلارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى سوۋغا.
«بۇ خىل ئەنئەنىۋى قىش پەسلىدە بېلىق تۇتۇش شەكلى باغراش كۆلىدە نەچچە ئون يىللىق تارىخقا ئىگە. قىش پەسلىدە بېلىق تۇتۇش قىش پەسلىدىكى ساياھەتچىلىكنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەزمەن كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلماقتا، بۇ، قار - مۇز + مەدەنىيەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى» دېدى باغراش ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جەن لىجۈن.
«ئەسلىدە شىنجاڭدا مۇشۇنداق كۆپ ھەم قىزىقارلىق قار - مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى بار ئىكەن، بىز بۇنىڭدىن يەنە ئوخشاش بولمىغان ئۆرپ - ئادەت مەنزىرىلىرىنى ھېس قىلدۇق، تولىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز بولدى.» 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، جياڭسۇلۇق ساياھەتچى ۋاڭ بويۈ ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان ئالتايدا باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى تاللىدى. باھار بايرىمى ھارپا كېچىسى، قۇم كەنتىدە «قۇمدا باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، ۋاڭ بويۈ ئائىلىسىدىكىلەر ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن بىللە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان گۈلخاننى چۆرىدەپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، تۇۋالارنىڭ «ئۇستىخاننى چېقىپ يىلىكىنى شوراپ» يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ئەنئەنىۋى مۇراسىمىدىن ھۇزۇرلاندى؛ باھار بايرىمىنىڭ 1 - كۈنى ئەتىگەندە، ئۇلار يەنە ئات قېتىلىدىغان چانىغا ئولتۇرۇپ قۇمدا قۇياش چىققاندىكى كاتتا مەنزىرىدىن ھۇزۇرلاندى، يەنە قارلىق دالىدىكى ئات بەيگىسى، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق ئۆرپ - ئادەت ئويۇنلىرىنى كۆردى، قەدىمكى تېرە چاڭغىنى سىناپ باقتى، بۇلاردىن يېڭىلىق ھېس قىلدى ھەم ھاياجانغا چۆمدى.
قەدىمكى تېرە چاڭغا بىلەن قار تېيىلىش، قارلىق دالىدىكى ئات بەيگىسى، قارلىق دالىدا ئوغلاق تارتىشىش، قارلىق دالىدا چېلىشىش، ئات قېتىلىدىغان چانىغا ئولتۇرۇش، قىش پەسلىدە بېلىق تۇتۇش... ئۆزگىچە قار - مۇز بايلىقى ۋە ئۆرپ - ئادەت مەنزىرىسىگە تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز مەدەنىيىتى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلماقتا.