تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈر قۇرۇلۇشىدا «قىش پەسلى» يوق مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي تېز ئالغا ئىلگىرىلەش

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىدىكى «قىش پەسىللىك ئاساس سېلىش ھەرىكىتى»گە نەزەر

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، يەنە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىرىپ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار ياغدى، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى. بۇ ۋاقىتتا، G0711 ئۈرۈمچىدىن لوپنۇرغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ تىزگىنلەش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى − تىيانشان غالىبىيەت تونېلى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ «قەھرىتان سوغۇق بىلەن ئېلىشىپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ»، يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشماقتا ئىدى.

پەسىل چەكلىمىسى بۇزۇپ تاشلاندى، قۇرۇلۇش مۇددىتى بۇزۇپ تاشلاندى، ئادەت بۇزۇپ تاشلاندى!

بۇ قىشتا، شىنجاڭ ئىلگىرىكى «قۇرۇلۇش قىشتا توختاپ قېلىش، تۈرلەر قىشلىق ئۈچەككە كىرىش» ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىدىكى «قىش پەسىللىك ئاساس سېلىش ھەرىكىتى»نى پۇرسەت دەپ بىلىپ، تۈرلەرنى پىلانلاش ۋە زاپاس ساقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق تۈر قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاساسنى ياخشى سېلىپ، تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىدى.

بالدۇر پىلانلاپ تېز ئورۇنلاشتۇرما قىلىش

بالدۇر باشلىغىلى بولىدىغان تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلاش، باشلاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان تۈرلەردە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاشنى ئالغا سىلجىتىش

تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئىشەنچ بېغىشلايدۇ؛ سېلىنمىنىڭ ئېشىشى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش ئىشەنچىنى چىڭىتىدۇ.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا: بۇ يىل ئۈنۈملۈك سېلىنما ۋە تۈر قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشىدا «ئون چوڭ مېخانىزم»نى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئۇل ئەسلىھەگە ئالدىن مۇۋاپىق مەبلەغ سالىمىز، كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ مەبلەغ مەنبەسىنى كاپالەتلەندۈرىمىز، يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومىنى پائال قولغا كەلتۈرىمىز، ياخشى ئىشلىتىمىز، مەبلەغ، يەر، ئېنېرگىيە قاتارلىق زۆرۈر ئامىللار كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز، تۈرلەردە ئىش باشلاش نىسبىتى، سېلىنمىنى ئورۇنداش نىسبىتى، زاپاس تۈرلەرنى ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرىمىز، ماددىي بۇيۇم خىزمەت مىقدارىنى تېزدىن شەكىللەندۈرىمىز، «بىر تۈركۈمىدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈمىنى زاپاس ساقلاش، بىر تۈركۈمىنى پىلانلاش»نى ئىشقا ئاشۇرىمىز، سېلىنما تۈرتكىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالدۇر تەڭشەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىلقى ئىقتىساد خىزمىتىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش.

«بىز تۈر قۇرۇلۇشىدىكى <قىش پەسىللىك ئاساس سېلىش ھەرىكىتى>نى باشلاپ، يولغا قويۇپ، ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قىش پەسلىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن تۇتۇش قىلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلىپ، سىياسەت ئارقىلىق قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش، مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇش، تۈر سۈرئىتىنى تېزلىتىش، سېلىنمىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بالدۇر باشلىغىلى بولىدىغان تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلاش، باشلاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان تۈرلەردە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ يۇڭلياڭ.

تۈر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلدى، سىياسەت ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەت بېرىش ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىشىپ سىياسەت تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، «سىرتتىن ئەقىل - پاراسەت»نى كىرگۈزۈپ تۈر پىلانلاش ئىقتىدارى ۋە زاپاس تۈر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈردى.

پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە ئۆي خىزمەتكارى شەكلىدە مۇلازىمەت قىلىش

تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش

2021 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، «قىش پەسىللىك ئاساس سېلىش ھەرىكىتى» بويىچە 1 - مەيدان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۆھبەت يىغىنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ كۇيرەن كومىتېتتىكى مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرلار ھەم ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانا مەسئۇللىرىنى باشلاپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىلەن بىللە، 2022 - يىللىق تۈرلەرنى تۇتۇش، سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە «سىياسەتنىڭ تولۇق تەتقىق قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقى، تۈرلەرنىڭ <زور، ياخشى، يۇقىرى سۈپەتلىك> بولغان - بولمىغانلىقى، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى باشقۇرۇشنىڭ جايىدا بولغان - بولمىغانلىقى، مۇھىتنىڭ ياخشى يارىتىلغان - يارىتىلمىغانلىقى»دىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىكى مەزمۇننى چۆرىدەپ مۇزاكىرىنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى قاتلاممۇ قاتلام چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەدەممۇ قەدەم ئالغا سىلجىتتى.

ھەممىدە تۈرنى چۆرىدىدى، ھەممىدە تۈر ئۈچۈن ئىشلىدى!

شۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى، يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى، بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى شىنجاڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، تۈر پىلانلاش، ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ تەييارلىق قىلىش، مەبلەغ ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىك مەزمۇنىنى چۆرىدەپ، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى نۇقتىلىق ھالدا ئاقچى ئايرودۇرۇمى، G315 لىنىيەسىدىكى توپادىن تورغاتقىچە بولغان تاشيول، چياۋنو سۇ ئامبىرى قاتارلىق مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى توغرىسىدا تولۇق پىكىر ئالماشتۇردى ۋە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى.

قەشقەر ۋىلايىتىدە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى قەشقەر خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى، يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىش، كەسپىي مائارىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق تۈرلەردە ساقلىنىۋاتقان توققۇز چوڭ تۈردىكى مەسىلە ھەم ئېنېرگىيە تېجەش، يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىش خىزمىتىگە قارىتا نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە سىياسەتنى يېشىپ چۈشەندۈردى.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تارىم 600 مىڭ توننىلىق ئېتاندىن ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، كورلا شەھىرى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك پىششىقلاش باغچە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرى، ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تيېمېنگۇەن تونېلى قاتارلىق مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى.

1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، «قىش پەسىللىك ئاساس سېلىش ھەرىكىتى» بويىچە يۈرۈشلۈك تەربىيەلەش پائالىيىتىمۇ ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلدى. 13 كۈن ئىچىدە، «تور+تور سىرتى» شەكلى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 25 باشقارما ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى تۈر پىلانلاش، يىرىك پىلان تۈزۈش، كەسىپ سىياسىتى قاتارلىق مەزمۇنلار توغرىسىدا تۈگۈنلەرنى يېشىپ بەردى.

«ئاپتونوم رايوننىڭ سېلىنما تۈرلىرىنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىنى باشقۇرۇش خىزمەت قوللانمىسى» تۈزۈلۈپ، بېسىلىپ، تارقىتىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سېلىنما تۈرلىرىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلدى.

«ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى <قىش پەسىللىك ئاساس سېلىش ھەرىكىتى> نى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ۋاقتىدا ياردەم بەردى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 2022 - يىللىق سېلىنما تۈرلىرى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى ئۈچۈن پىكىر يولىنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي تەدبىر بىلەن تەمىنلىدى، قەشقەر ۋىلايىتى پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆگىنىشتە بەسلىشىپ، يېتىشىۋېلىپ، ئېشىپ كېتىپ، كۆپ نۇقتىدىن كۈچەپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، 1 - پەسىلدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى شەكىللەندۈرۈشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى رەن بو.

تۈرنى تۇتۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش

ئۈنۈملۈك سېلىنما ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش

تۈرنى تۇتقانلىق پۇرسەتنى تۇتقانلىق، تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، تۈرلەرنى پىلانلىغانلىق يىراق كەلگۈسى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىك، كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك.

ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، تۈر قۇرۇلۇشى بويىچە «ئون چوڭ مېخانىزم» ئورنىتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر نۇقتىلىق تۈرلەر بىلەن ئالاقىلىشىش، مۇھىم، زور تۈر ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش بىرلەشمە يىغىنى قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۈر مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ مۇھىم، زور تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، بىر تۈركۈم سېلىنما مىقدارى زور، توپلاش ئۈنۈمى كۈچلۈك بولغان مۇھىم، زور تۈرلەرنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

يېڭى يىلدا يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. يۇقىرى سۈپەتلىك تۈرلەر ئارقىلىق ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئورتاق تونۇشقا ئايلانماقتا.

تۈر قۇرۇلۇشىدىكى «قىش پەسىللىك ئاساس سېلىش ھەرىكىتى»نىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، خوتەن ۋىلايىتى 2022 - يىللىق مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ھەرىكەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنى پۈتۈن ۋىلايەتتىكى 5 مىليون يۈەندىن يۇقىرى تۈرلەرنى ناھىيە، شەھەر، ساھەگە ئايرىپ رەتلەشكە تەشكىللەپ، قىش پەسىللىك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى پىلانلاش، تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىتى پىلانىنى تەتۈر تىزىش ۋە ئىش باشلاش(ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش) ۋاقىت تۈگۈنى نىشانى ھەم سۈرئەتنى باشقۇرۇش نىشانىنى ياخشى تۈزدى.

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 2022 - يىللىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى ئامبىرى، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرى ئامبىرى، زاپاس تۈر ئامبىرى ۋە نۇقتىلىق تۈر ئامبىرىدىن ئىبارەت «تۆت تۈر ئامبىرى»نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، تۈرلەرنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ، ئومۇمىي سانلىق مەلۇماتنى ئىگىلەپ، تۈرلەرنى تۇتۇپ، سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇردى. يەتتە چوڭ نۇقتىلىق كەسىپ بويىچە «ئىككى 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك»، «تۆت 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك»تۈرگە دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىشنى چۆرىدەپ، 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە، 48 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 53 مىليارد 380 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە كەسىپ تۈرىگە ئائىت 31 تۈر بار بولۇپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈردە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى تۈزۈلدى.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى نۆۋەتتە 2646 تۈرنى، جەمئىي 206 مىليارد 561 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى، بۇ تۈرلەر دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، سىياسىي - قانۇن ئۇل ئەسلىھەلىرى، جەمئىيەت ئىشلىرى، ئېنېرگىيە كەسپى، شەھەر - بازار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى قاتارلىق ئالتە چوڭ ساھەگە چېتىلىدۇ.

تۈر قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشتا، مۇھىم ئامىل كاپالىتى يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما، يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى قاتارلىق مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغنىڭ يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت - بانكا - كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتى (ئىناۋەتلىك قەرز)سۇپىسى، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سۇپىسى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، «چوڭ پۇل مۇئامىلە» خىزمەت پىكىر يولىنى تۇرغۇزۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت كاپىتالى ھەمكارلىقى(ppp)، ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى كۆچمەس مۈلۈك سېلىنمىسى ھاۋالە فوندى(REITs)نى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرتىپلىك قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەر، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قاتارلىق مۇھىم ئامىللار ۋە نۇقتىلىق تۈرلەرنى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى پىلانلاپ، تۈرلەرگە ئېھتىياجلىق مەبلەغ، ئورۇن تاللاشنى پىلانلاش، يەر ئىشلىتىش − ئورمان يېرى، شەھەر مەمۇرىيىتى يانداش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىدى.

تېخىمۇ زور سالماق بىلەن تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن تۈرلەرنى زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتىش ... بۇ قىشتا، شىنجاڭ مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.