تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«شېرىن كەسىپ» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ شېرىن قىلدى

جايتوغراق كەنتىدە:

«شېرىن كەسىپ» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ شېرىن قىلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىر ئابلىمىت ئابدۇللا

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ چارباغ بازىرى جايتوغراق كەنتىدىكى بىر زاۋۇت ئۆيىدىن قويۇق سۈت ھىدى، شاكىلاتنىڭ خۇش ھىدى تارىدى. «بۇ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەن <شېرىن كەسىپ>» دېدى مەمەتجان مەتنۇر.

مەمەتجان جايتوغراق كەنتى گۈلۋەن يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ گۈلۋەن شۆگاۋ زاۋۇتى دېيىلىدۇ) تەتقىق قىلىپ ئېچىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى، ئۇ ئېيتقان «شېرىن كەسىپ» دەل شۆگاۋ زاۋۇتى.

2021 - يىلى 3 - ئايدا، لوپ ناھىيەسى ئۈسكۈنىلەرگە 9 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، گۈلۋەن شۆگاۋ زاۋۇتى 11 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلاپ، جايتوغراق كەنتىدە ئېچىش، پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش بىر گەۋدە قىلىنغان كۆلەملەشكەن شۆگاۋ زاۋۇتى قۇردى. گۈلۋەن شۆگاۋ زاۋۇتى ئاساسلىقى ماروژنى، شۆگاۋ، بىڭگۇر قاتارلىق 26 خىل مۇز يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 150 مىڭ تال شۆگاۋ ئىشلەپچىقىرالايدۇ.

«قوشنا كەنتتە شۆگاۋ زاۋۇتى قۇرۇلۇپ، بىزنىڭمۇ ئۆيىمىزگە يېقىن يەردە مۇقىم خىزمىتىمىز بار بولدى.» ئامانگۈل ئىمىن چارباغ بازىرى ئايماق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، گۈلۋەن شۆگاۋ زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى، ھازىر ھەر ئايلىق كىرىمى 2700 يۈەندىن ئاشىدۇ.

گۈلۋەن شۆگاۋ زاۋۇتىدا ئامانگۈلگە ئوخشاش خىزمەتچىدىن 28ى بار. مۇقىم خىزمىتى بار بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۈنلىرى تېخىمۇ شېرىن ئۆتىدىغان بولدى. «پۇل تاپقاندىن كېيىن قوتان سالدۇق، يەنە يېڭى ئۆي جاھازلىرىنى سېتىۋالدۇق» دېدى ئامانگۈل خۇشال ھالدا.

«قارا كۈنجۈت تەملىك، گازىر مېغىزى بار شاكىلات تەملىك، ئۈزۈم بار سۈت تەملىك... بۇ بىرنەچچىسى تەتقىق قىلىپ ئېچىلغان يېڭى تەمدىكىسى بولۇپ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك.» مەمەتجان مۇنداق دېدى: گۈلۋەن شۆگاۋ زاۋۇتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇ جاينىڭ ياڭاق، گىلاس، ساۋمېي قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدۇ، ئىشلەپچىقارغان شۆگاۋلىرىنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى خوتەن، قەشقەر، تۇرپان، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى.

«بىز ھازىر بار بولغان مەھسۇلاتلارنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، كېيىنكى قەدەمدە يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇ <شېرىن كەسىپ> ئارقىلىق شۇ جايدىكى تېخىمۇ كۆپ پۇقراغا نەپ يەتكۈزىمىز» دېدى مەمەتجان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.