تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بالدۇر باشلىغىلى بولىدىغان تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلاش، باشلاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان تۈرلەردە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاشقا تۈرتكە بولدى

ئاپتونوم رايونىمىز تۈر قۇرۇلۇشىدا «قىش پەسىللىك ئاساس سېلىش ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ

پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بالدۇر باشلىغىلى بولىدىغان تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلاش، باشلاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان تۈرلەردە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاشقا تۈرتكە بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، تەرەققىيات كىشىنى تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر مەيدان «قىش پەسىللىك ئاساس سېلىش ھەرىكىتى» تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا، بۇ، سېلىنمىنىڭ ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ۋە تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، 2022 - يىلى سېلىنمىنىڭ مۇقىم ئېشىپ ئىشنىڭ غەلىبىلىك باشلىنىشى، قەدەمنىڭ ياخشى ئېلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

2021 - يىلىنىڭ ئاخىرى، 2022 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تۈر قۇرۇلۇشى بويىچە «قىش پەسىللىك ئاساس سېلىش ھەرىكىتى»نى باشلاپ، يولغا قويۇپ، ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قىش پەسلىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن تۇتۇش قىلىپ، مۇدەتتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلىپ، «سىياسەت ئارقىلىق قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش، مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇش، تۈر سۈرئىتىنى تېزلىتىش، سېلىنمىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش»نى چۆرىدەپ بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەرنى پىلانلاپ، زاپاس ساقلاپ، بىر تۈركۈم تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلىرىنى تەستىقلاپ بېجىرىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شارائىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا تۈرلەرنىڭ «بالدۇر باشلىغىلى بولىدىغان تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلاش، باشلاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان تۈرلەردە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاش»نى ئالغا سىلجىتتى.

«قىش پەسىللىك ئاساس سېلىش ھەرىكىتى»دە قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەردە ئاخىرقى كۈچەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش، مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش، مۇھىم ئامىل كاپالىتىگە كۈچ قوشۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، پۈتۈن يىللىق تۈر قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ۋاقىت قولغا كەلتۈرۈلدى، ياخشى ئاساس سېلىندى، تەشەببۇسكارلىق ئىگىلەندى.

«بىز <بالدۇر> ۋە <تېز> بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئالدىن مۇلازىمەت قىلىپ، تۈگۈنلەرنى يېشىپ، قىشتىكى بوش ۋاقىتنى قىشتىكى ئالدىراش ۋاقىتقا ئايلاندۇرۇپ، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، 1 - پەسىلدە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ غەلىبىلىك باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يۇڭلياڭ مۇنداق دېدى: قىش پەسلىدىكى كىلىمات شارائىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان تۈرلەرگە قارىتا، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشى ئورۇنلىرىنىڭ سېلىنمىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، تۈرلەرنىڭ نورمال قۇرۇلۇش قىلىش سىجىللىقىنى ساقلاپ، مەبلەغنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى؛ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئۆز رايونىنىڭ 2022 - يىلى ئىش باشلاش پىلانلانغان تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرلەرنى ئامبارغا كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈر زاپىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆمەك باشلاپ، ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تۈرلەرنىڭ پۈتكۈل ھاياتلىق دەۋرىيلىكى مەزمۇنىنى بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ھەرقايسى ھالقىلاردا ساقلىنىۋاتقان «توسۇق نۇقتا»لارنى راۋانلاشتۇرۇپ، سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى لى رېن مۇنداق بىلدۈردى: تۈر قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئالاقىدار سىياسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، جانلىق پايدىلىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تۈرلۈك ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، 1 - پەسىلدە تېخىمۇ كۆپ ماددىي بۇيۇم خىزمەت مىقدارى شەكىللەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاش ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.