تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1 - ئايدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تاشيول تورىنىڭ ئاپتوموبىل ئېقىم مىقدارى %37 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى يول تورىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى 1 - ئايلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ غول لىنىيە تاشيول تورىنىڭ يۈرۈشۈشىنى تەھلىل قىلىش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، شۇ ئايدا، دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيول تورىدىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى، يۈك ئاپتوموبىللىرى قاتنىشىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 974 مىڭ 400 ئاپتوموبىل قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37 ئاشتى.

رايون ئىچى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشى، كۆپلىگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، يەنە باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغاچقا، تېخىمۇ كۆپ كىشى ئاپتوموبىل ھەيدەپ يۇرتىغا قايتتى، 1 - ئايدا پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەسىدىكى تاشيوللارنىڭ قاتناش مىقدارى بىرقەدەر تېز ئاشتى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - ئايدا يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى، يۈك ئاپتوموبىللىرى قاتنىشىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى ئىچىدە، يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى تۈرىدىكىسى 679 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىم، يۈك ئاپتوموبىللىرى تۈرىدىكىسى 295 مىڭ 400 ئاپتوموبىل قېتىم بولغان. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە قاتناش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىردەك بىرقەدەر يۇقىرى بولغان.

ۋاقىت بۆلىكىنى ئايرىش بويىچە ئاپتوموبىل قاتناش مىقدارىدىن قارىغاندا، ھەر كۈنى سائەت 11دىن 13كىچە دۆلەت، ئۆلكە يولى تاشيولىدا قاتناش، سەپەرگە چىقىشنىڭ بىرىنچى يۇقىرى پەللە مەزگىلى، سائەت 19دىن 21گىچە دۆلەت، ئۆلكە يولى تاشيولىدا قاتناش، سەپەرگە چىقىشنىڭ ئىككىنچى يۇقىرى پەللە مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.

شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان قاتناش مىقدارى ئاساسلىقى G30 لىنىيەسىنىڭ ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ۋە G7 لىنىيەسىنىڭ بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا مەركەزلەشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ يەندۇن چىقىش - كىرىش ئېغىزىدىن شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان ئاپتوموبىل جەمئىي 250 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل قېتىم، بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ بەيشەنچۇەن چىقىش - كىرىش ئېغىزىدىن شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان ئاپتوموبىل جەمئىي 107 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىم، G315 لىنىيەسىنىڭ يېتىمبۇلاق چىقىش - كىرىش ئېغىزىدىن شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان ئاپتوموبىل جەمئىي 80 مىڭغا يېقىن ئاپتوموبىل قېتىم بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.