تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يىل بېشىدا «سۈرئەتنى تېزلىتىش»ى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇلدى؟

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭدىن تاجىكىستانغا بارىدىغان تۇنجى قېتىملىق چېگرا ھالقىغان نۆۋەتچى پويىز قاغىلىق ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى، پويىز 15 كۈن ئەتراپىدا ماڭغاندىن كېيىن تاجىكىستاننىڭ سىبىدامىنغا يېتىپ بارىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىرىشنىڭ يېڭى يولى ئېچىلىدۇ.

1 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئالاتاۋ پورتى، قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 1000دىن ئاشتى، شىنجاڭدىكى قوش پورت يولىنىڭ كۈچ قوشۇشىدا، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىل بېشىدىلا «سۈرئەتنى تېزلىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈش ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش قىلدى.

ئۇل ئەسلىھەلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلدى   تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، دۆلەت ھالقىغان ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى، دېڭىز تىرانسپورتى تەسىرگە ئۇچراپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم قاتناش شەكلىگە ئايلاندى. دېڭىز تىرانسپورتى، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىدىن تۆمۈريولغا يۆتكىلىپ چېگرادىن چىقىدىغان يۈك تىرانسپورت كەسپى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، قوش پورتنىڭ گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى مۇھىم سەۋەبكە ئايلاندى.

«جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش سانىنىڭ سىجىل ئېشىشى تاشقى سەۋەبتىن بولۇپ قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولدى» دېدى 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شىڭ.

ھەقىقەتەن شۇنداق! 2020 - يىلىدىن بۇيان، ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار، گولمۇد - كورلا قاتارلىق تۆمۈريوللار كەينى - كەينىدىن پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، شىنجاڭ تۆمۈريول تورى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى تېخىمۇ كۆپ «چىقىش يولى» بىلەن تەمىنلىدى.

كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان يۈك تىرانسپورت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريولى قاتتىق دېتال سېلىنمىسىنى سىجىل ئاشۇردى، قورغاس ۋوگزالىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا تاماملاندى، ۋوگزال مەيدانى ئىچىدە ماللارنى ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش لىنىيەسىدىن بىر جۈپى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، بېرىش - كېلىش لىنىيەسىدىن ئونى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، ئۇزارتىلدى، قاتتىق دېتالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پورتنىڭ تىرانسپورت كۈچىنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بۇ ۋوگزالنىڭ توشۇشنى تەشكىللەش ئىقتىدارىنى %30تىن كۆپرەك ئاشۇردى.

ئوخشاشلا، ئالاتاۋ پورتى ۋوگزالى 2021 - يىلى ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ئىسكىلاتىنىڭ كەڭ رېلىسلىق مەيدانىدىكى پارچە قاچىلاش لىنىيەسىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، ئۆزگەرتىپ، 18لىك ئۆلچەمدىكى كەڭ رېلىس، 24لىك ئۆلچەمدىكى كەڭ رېلىسقا ۋاگون ئاغدۇرۇش ماشىنىسى ئۆيىدىن ئىككىنى قوشۇپ ئورناتتى، 18لىك ئۆلچەمدىكى ئۆلچەملىك رېلىس، 25لىك ئۆلچەمدىكى ئۆلچەملىك رېلىسقا مۇقىم مىقدارلىق تېز قاچىلاش بېكىتىدىن ئىككىنى ئورناتتى ھەم 18لىك ئۆلچەمدىكى ئۆلچەملىك رېلىسنىڭ يېنىغا ماتېرىيال ساقلاش ئامبىرى سېلىپ مال ساقلاشقا ئىشلەتتى.

نۆۋەتتە، ئالاتاۋ پورتى ۋوگزالىنىڭ ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ئىسكىلاتىنىڭ كەڭ رېلىسلىق مەيدانىدىكى پارچە قاچىلاش لىنىيەسىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش، رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشىدا پۈتۈن قۇرۇلۇشنىڭ %85ى تاماملىنىپ، پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاش، تىجارەتكە كىرىشتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىندى. بۇ تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ۋوگزالدا يۈك چۈشۈرۈش ۋاقتى سەككىز سائەتتىن تۆت سائەتكە قىسقىرايدۇ، پويىزغا قاچىلاش ۋاقتى ئون سائەتتىن تۆت سائەتكە قىسقىرايدۇ، ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، يىلىغا 8 مىليون توننا ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش مىقدارى ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

«تۆمۈريول تورى كۈنسېرى زىچ توقۇلۇپ، قوش پورت ۋوگزاللىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، تۆمۈريول ھەمدە پورت ۋوگزاللىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، تېخىمۇ كۆپ نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ چېگرادىن كىرىپ چىقىشىغا پۇختا ئاساس سېلىندى» دېدى لى شىڭ.

توشۇشنى تەشكىللەش ئەلالاشتۇرۇلدى   قاچىلاش، تارقىتىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى

قاتتىق دېتالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، شىنجاڭ تۆمۈريولى توشۇشنى تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلدى.

قورغاس ۋوگزالى تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ياردەمچى ئىنژېنېرى چېن كەيچياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ ۋوگزال توشۇشنى تەشكىللەش ئەندىزىسىنى بىرىكتۈرۈشنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، قوماندانلىق قىلىپ، كۈندۈزلۈك ئىسمېنا پىلانىنى تۈزۈش، نەقلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، كەڭ رېلىس مەشغۇلاتى بىلەن ئۆلچەملىك رېلىس مەشغۇلاتىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك خاراكتېرىنى كۈچەيتىپ، پويىز ئېقىمى ئەھۋالىغا ئاساسەن نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش تەرتىپى ھەم قېتىم سانىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، رايونلار ئارا توشۇش كۈچىنى تولۇق قازدى، ئۇنىڭدىن پايدىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۆۋەتچى پويىزنىڭ نۆۋەت نومۇرىنى قالدۇرۇش، ئاپتوموبىل بىلەن مال ئېلىش - يەتكۈزۈش، يۈك قاچىلاش - چۈشۈرۈش مەشغۇلاتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ئالمىشىشى ۋە بوش ئاپتوموبىلنى سەپلەپ ئىشلىتىشنى تېزلىتىپ، توشۇشنى تەشكىللەش تەرتىپىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇردى. نۆۋەتچى پويىزنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە قاتناش سانىنى 2020 - يىلىدىكى 13 - 14تىن كۆپەيتىپ بۇلتۇرقى 17گە يەتكۈزدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قورغاس ۋوگزالى دەل جايىدا تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قوماندانلىق قىلىپ، مەشغۇلات تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەڭ رېلىس مەشغۇلاتى بىلەن ئۆلچەملىك رېلىس مەشغۇلاتىدىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش پويىزىنى تەشكىللەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە قاتناش سانىنى 19غا يەتكۈزدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاتاۋ پورتى ۋوگزالى نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ راۋان توشۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كۈندىلىك پويىز قوبۇل قىلىش - يولغا سېلىش ۋەزىپىسى ۋە نۆۋەتچى پويىزنىڭ توشۇش پىلانىغا ئاساسەن، ۋاگون ئورۇنلاشتۇرۇش مەشغۇلاتى، بېرىش - كېلىش لىنىيەسىدىن پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بېلەت چىقىرىش، ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش قاتارلىق مەشغۇلات تەرتىپلىرىنى ئەلالاشتۇردى. لىنىيەنى مۇددەتتىن بۇرۇن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پويىزنىڭ ئالمىشىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

نۆۋەتتە، قورغاس ۋوگزالىدا پورتتىن چىقىدىغان ئۆتكۈزۈپ بېرىش پويىزى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 12.99غا، پورتقا كىرىدىغان ئۆتكۈزۈۋېلىش پويىزى 6.84كە، ئالاتاۋ پورتى ۋوگزالىدا ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن پورتتىن چىقىدىغان ئۆتكۈزۈپ بېرىش پويىزى 10.3كە، پورتقا كىرىدىغان ئۆتكۈزۈۋېلىش پويىزى 10.7گە يەتتى.

تارماقلار ھەمكارلىقى كۈچەيتىلدى   تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى

جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى سۈرئىتىنىڭ سىجىل تېزلىتىلىشى يەنە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.

تاموژنا تارماقلىرى «ئۆلچەملىك رېلىسنى كەڭ رېلىسقا ئالماشتۇرۇش» بىلەن «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش»تىن ئىبارەت ئىككى خىل يېڭى تىپتىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مەشغۇلات ئەندىزىسىنى پائال كېڭەيتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئىخچاملاپ، تۆمۈريول مەيدان - ۋوگزاللىرىدا ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، چېگرادىن كىرگەن - چىققان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ تاموژنا ئالمىشىپ توشۇش ئۈنۈمى ۋە قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسى مەخسۇس كۆزنەك تەسىس قىلىپ، يېشىل يول ئېچىپ، نۆۋەتچى پويىز كەسپى بويىچە قاچان يېتىپ كەلسە شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە بېجىرىش، پۈتۈن مۇساپىدە بېجىرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، يەنە مال تىزىملىكىنى بىرلەشتۈرۈش، تاموژنا ئالمىشىشتا قەغەزسىز مەشغۇلات قىلىش قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ نۆۋەتچى پويىزلارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇردى. بۇنىڭدىن سىرت، پورت ئەشيا ئوبوروتى مەشغۇلات ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇش مەشغۇلاتىنى ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسىغا ئىلمىي كىرگۈزۈپ، «ئارقىمۇ ئارقا ئۇلاش شەكلىدىكى» مەشغۇلاتنى «يانداش ئۇلاش شەكلىدىكى» مەشغۇلاتقا ئۆزگەرتىپ، كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشىگە ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى ئازايتتى.

ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش 2 - بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى شۈ يۆخېڭ مۇنداق دېدى: پورتنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇھىتى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تېز قاتنىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. نۆۋەتتە، پورتتىن چىقىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تاموژنا ئالمىشىپ تەكشۈرۈپ ھېسابتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بىجىرىشنى 20 مىنۇتتا تاماملىغىلى بولىدۇ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ پورتتا توختاش ۋاقتى 14 سائەتتىن ئەڭ قىسقا بولغاندا بەش سائەتكە قىسقاردى.

قورغاس ۋوگزالى تاموژنا، تۆمۈريول، كارخانىلار ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پويىزنىڭ ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش، گۇرۇپپىلارغا ئايرىش، تەكشۈرۈپ دەلىللەش، تاموژنىدىن چىقىرىشتا ماس قەدەمدە نۆۋەتلەشتۈرۈپ مەشغۇلات قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۆمۈريول مەيدان - ۋوگزاللىرىدا ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، چېگرادىن كىرگەن - چىققان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ تاموژنا ئالمىشىپ توشۇش ئۈنۈمى ۋە قولايلىق دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، نۆۋەتچى پويىزلارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشتە «قىلچە كېچىكتۈرمەسلىك»كە كاپالەتلىك قىلدى.

«بۇ يىل، بىز قوش پورتنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، توشۇشنى تەشكىللەشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز ھەمدە ئېھتىياجغا ئاساسەن يېڭى نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىنى ئېچىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش سانىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز» دېدى لى شىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.